Responsive Image

لاگېر شاھىتلىرى خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى ئاڭلاتتى

لاگېر شاھىتلىرى خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى ئاڭلاتتىلاگېر شاھىتلىرى خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە، 2023-يىلى 22-مارت، ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا لاگېر شاھىتلىرى مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. فىرانىسىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئىككەيلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىر قانچە كۈندىن بېرى ئامېرىكادىكى ئوخشىمغان ئورگانلاردا ئۆزلىرىنىڭ لاگېردا بېشىدىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتقان.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى مەركىزى ۋاشىنگىتوندىكى خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتى (International Republican Institute) ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقى ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پروگرامما ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى سىكوت مەستىك ئېچىلىش  سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىغا ۋەكالىتەن سىلەرنىڭ لاگېر شاھىتلىرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرنى ئاڭلاشقا كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن. بىز، دىموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا ئاساسەن ھەر بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتى، ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت- ھۆرمىتى بىلەن ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى دەل مۇشۇ ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ باستۇرۇشلاردىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى قوللايدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىدىكى جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشتا يەرشارى خاراكتېرلىك قوللاش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتنى مۇھىم دەپ قارايمىز. بۈگۈن مۇشۇ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرنىڭ سىلەرگە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىڭلارغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پروگرامما ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى سىكوت مەستىك ئېچىلىش سۆزى سۆزلىمەكتە.

خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پروگرامما ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى سىكوت مەستىك ئېچىلىش سۆزى سۆزلىمەكتە.

ئارقىدىن يىغىن باشقۇرغۇچىسى، خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ خادىمى مۇستافا ئاقسۇ، گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە قەلبىنۇر سىدىق خانىملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن، لاگېر شاھىتلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى لاگېردا باشتىن كەچۈرگەن دەھشەتلىك كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتتى.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ قىزى گۈلخۇمار، ئاپسى لاگېرغا سولانغان 3 يىل جەريانىدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئاپسىنى ساق-سالامەت فىرانسىيەگە ئەكەلگەن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ لاگېرىدىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قۇتقۇزۇپ چىقالىغان ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى.

مەكۇر يىغىنغا گۈلخۇمارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىن باشقۇرغۇچىسى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغاندا، ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئاپىسىنى قانداق قۇتقازغانلىقىغا قىزىقتى. ئۇ  ئۆزىنىڭ ئاپىسىنى قۇتقۇزۇش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى:

«ئاپام خىتايغا مېڭىشتىن بۇرۇن بىز فىرانىسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇۇرشلۇق ئەلچىخانىسىغا خەۋەر قىلغان. خىتاي نورمال ۋىزا بەرگەن بولسىمۇ، بىز ھېچقاچان خىتايغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلالمىغان ئىدۇق. ئاپامنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا بەك ئەنسىرىدىم. چۈنكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەرنىڭ تەربىيەلەشلەرگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان كاتەكتەك-كاتەكتەك نەچچە ئونمىڭلىغان قۇرۇلۇشلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپپىيىشكە باشلىغاندى. مەن فىرانسىيە ئەلچىخانىسىغا توختىماي خەت يازدىم. باشتا ئۇلار ئىشەنمىدى بولغاي، بەك كۆڭۈل بۆلمىدى. مەن فىرانسىيەدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلاشتىم. مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. كېيىن بىر دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇراجىئەتنامە ئىلان قىلىدىم. قىسقا مۇددەت ئېچىدە مۇراجىئەتنامىگە نەچچە يۈز مىڭ كىشى ئىمزا قويدى، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق تاراتقۇلار دىققەت قىلىشقا باشلىدى. فىرانسىيە ھۆكۈمىتىمۇ دىققەت قىلشقا باشلىدى. خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بېسىمى ئىشقا يارىغان بولسا كېرەك،  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تەمكىن بولۇپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەل قىلىشىغا قويۇپ بەردىم. شۇنداق داۋام قىلدىم.»

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ۋە ئاپىسىنى قۇتقۇزۇش جەريانىنى ئورتاقلىشىۋاتقان قىزى گۈلخۇمار.

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ۋە ئاپىسىنى قۇتقۇزۇش جەريانىنى ئورتاقلىشىۋاتقان قىزى گۈلخۇمار.

ئاخىرىدا لاگېر شاھىتلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئىلىتىماس ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدىكى سۇئال-جاۋاپ قىسىمىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن كەۋسەر ۋاھىت سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىرغىچە لاگېرلارغا سولاشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا  19 ياشلىق سىڭلىسى كامىلە ۋاھىتنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقنى ئېيتتى. ئۇ گۈلخۇماردىن ئۆزىگە ئوخشاش ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھېلىھەم لاگېر-تۈرمىلەرگە سولانغانلارغا قانداق تەكىلپ-تەۋسىيەلىرنىڭ بارلىقىنى سورىدى.

گۈلخۇمار جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەن نۇرغۇن ياشلارنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلىسى ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەشتىن قورقۇۋاتقانلىقنى ئاڭلىدىم. مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغىنىم، سىلەر يالغۇز ئەمەس. غەرب دۆلەتلىرىدە بىزنى قوللايدىغان نۇرغۇن تەشكلات-ئورگانلار بار. ئۇلاردىن پايدىلىنىڭلار. مەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم چۈشۈردۈم. باشقا دۆلەتلەردە ئائلىسىنى ئەكەلگەنلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلار تۇتقان يوللانى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىدىم. <مېنىڭ ئاپامنى ئەكىلەلىشمىز مۇمكىن> دەپ مۇشۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بىر دۆلەتكىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگىمۇ بېسىم چۈشۈرسەڭلار، پايدىسى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. يەنە دەيدىغىنىم، سىلەر ھەرگىز يالغۇز ئەمەس. بىز بىرلىكتە تېخىمۇ كۈچلىنىمىز. ئۇيغۇر بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنەيلى. ئەگەر بىز ئەرزىمەس بىر مىللەت بولغان بولساق، خىتاي بىزنى يوقىتىشقا بۇنچە كۈچەپ كەتمەيتتى. بىزنىڭ شانلىق تارىخىمىز، نەچچە مىڭ يىللىق كۈچلۈك مەدەنىيىتىمىز بولغاچقا، ئۇلار بىزنى يوقتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىز كىملىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تەڭ كۈرەش قىلايلى.»

ئاخىرىدا  ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى يېپىلىش سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئالتە يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىققا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ۋاقىتلىق قۇرۇلغان <تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى> دېيىلگەن لاگېرلار مەڭگۈلۈك تۈرمىلەرگە ئايلاندى. ئىرقىي قىرغىنچلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر خىختاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق جىنايىتىنى جازالىشى كېرەك ئىدى. بىز كۆرۈپ تۇۇرۋاتىمىز. پۈتۈن دۇنيا بۇ تېمىدا مەغلۇپ بولدى. ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىككە ھېچقانداق باھانە يوق ئىدى. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ناھايىتى خەتەرلىق بىر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىمىز. مۇشۇ يەردىكى ھەممىڭلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان كىشىلەردىن ھېسابلىنىسىلەر. خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنى بۇ سەپتە كۆرگەنلكىمىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز. ھەر بىرىڭلارنىڭ بۇ گۇۋاھلىقنى ئاڭلاشقا كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن رەھمەت!»

ئىگىلىشىمىزچە، لاگېر شاھىتلىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە، مۇھىم ئورگان ۋە تەشكىلاتلار ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى داۋام قىلىدىكەن.