Responsive Image

مەھمەت جەلەپچى: «مالايسىيا دائىرلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب بەردى»

مەھمەت جەلەپچى: «مالايسىيا دائىرلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب بەردى»ئۆمەر قانات ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك ھەيئەت مالايسىيادىكى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى. 2023-يىلى 3-مارت.

3-مارتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت مالايسىيادىكى «ئاماناھ» پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى، «ئىسلام» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى «مىللىي ئىتتىپاق» پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان. بۇ ئۇچرىشىشلاردا نۇقتىلىق ھالدا ئۇلاردىن ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە مۇھىم رولى بولغان مالايسىيانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى توغرىسىدا بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار، بۇ تەلەپلەرگە ئىجابىي جاۋاب بەرگەن.

1-مارتتا بولسا مەزكۇر ھەيئەتنى زامانىۋىي مالايسىيانىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان، سابىق باشمىنىستىر مەشھۇر ۋە تەجرىبىلىك سىياسەتچى دوكتور ماھاتىر موھەممەد ئەپەندى ئۆز ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان. كۆرۈشۈشتە ئۆمەر قانات ئەپەندى مالايسىيا ھۆكۈمىتى بىلەن پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىلى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ مالايسىيا دۆلىتىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان سابىق باشمىنىستىر ماھاتىر موھەممەد ئەپەندى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭغا قويغان تەلەپلەرنى ئاڭلىغاندىن ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «سابىق باشمىنىستىر دوكتور ماھاتىر موھەممەد، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىر چارە تېپىش جەھەتتىن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئەركىنلىك، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى قوغداشتەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھازىر توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى».

مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ مالايسىيا ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى ۋە سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرىغا سۇنغان تەلەپلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مالايسىيا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇش، لاگېر شاھىتلىرىمىزنىڭ لاگېرلاردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى مالايسىيا پارلامېنتىدا ئاڭلىتىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، مالايسىيا پارلامېنتىدا بىر ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق».

مەمەت جەلەپچى ئەپەندى يەنە مالايسيانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئېلىپ چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز مالايسىيانىڭ ب د ت دا ئۇيغۇر دەۋاسى توغرىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى قوللىشى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىمۇ بۇ جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈشىنى، دېموكراتىك 10 دۆلەتكە ئوخشاش مالايسىيانىڭمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى، شۇنداقلا مالايسىيادا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا خەۋپ ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ياردەم قىلىشى ۋە خاتىرجەم بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق».

مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ مالايسىيا ھۆكۈمىتى، مالايسىيا پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ د ئۇ ق ھەيئىتى سۇنغان يۇقىرقى تەلەپلەرگە ئىجابىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز كۆرۈشكەن›مىللىي ئىتتىپاق‹ۋە›ئىسلام‹پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە مالايسىيانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق ئاكتىپ رول ئوينىشى ئۈچۈن تەشۋىقات قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن بىر قىسىم پارتىيە مەسئۇللىرى مالايسىيا پارلامېنتىدا بىر ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، ASEAN ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدەك خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى».

د ئۇ ق ھەيئىتى مالايسىيادا زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈنلەردە ئۆمەر قانات ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن مالايسىيا نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسى «مالايسياكىنى» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قانات ئەپەندى، د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ مالايسىياغا ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، مالايسىيا ئاخباراتىنىڭمۇ يەر بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى گۈلمىرە زۇنۇن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى 24-فېۋرال كۈنى مالايسىيا پارلامېنتى رەئىسى جوھارى ئابدۇل ئەپەندى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغانىدى.