Responsive Image

مەشھۇر دىنىي ئالىم، ئەدىپ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھاياتى توغرىسىدا

مەشھۇر دىنىي ئالىم، ئەدىپ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھاياتى توغرىسىدا

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 1939 – يىلى 4 – ئايدا ئاتۇشتىكى تونۇلغان دىنىي ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات سالىھ داموللا ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

كىچىكىدىنلا ئىلىم – مەرىپەتكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەپ قارى بولغاندىن كېيىن دادىسىدىن دەسلەپكى دىنىي بىلىملەرنى ۋە ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. 1956 – يىلى ئۇ ئىسلام ئىنىستوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقايسى ئىلىم تۈرلىرىدە پۇختا ئاساسقا ئىگە بولغان ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم، ئىسلام ئىنىستىتوتىدا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان ھامىد سۇلايمان قاتارلىق نوپۇزلۇق دىنىي ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەپسىر، ھەدىس، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئۆگەنگەن. 1960 – يىلى ئىنىستىتوتنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن، مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە چۈشكەن. 1984 – يىلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئىنىستىتوتىغا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ تەيىنلەنگەن.

1987 – يىلىدىن باشلاپ پىنسىيىگە چىققۇچە بولغان جەرياندا، ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستىتوتىدا مۇدىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. خىزمەت جەريانىدا ئىنىستىتوتنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي مائارىپ بىلەن يېڭىچە دىنىي مائارىپنى بىرلەشتۈرۈپ، مىڭدىن ئارتۇق دىنىي زىيالىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ دىنىي زاتلار ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز ئۈچۈن دىنىي جەھەتتە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 1961 – يىلىدىن باشلاپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە تەپسىر، ھەدىس قاتارلىق ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە تەتقىقات ۋە تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئىسلام تارىخى، ئۇيغۇر ئىسلام مائارىپى، ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتى، ئەرەب ئەدەبىياتى، تىلشۇناسلىق ساھەلىرىدىمۇ ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان.

1986 – يىلى دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنى ھازىرقى زامان يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تەرجىمە قىلغان. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ تەرجىمىسىنى شۇ يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان. كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقى بىلەن پادىشاھ قۇرئان بېسىش نەشرىياتىدا بىرقانچە يۈزمىڭ نۇسخا بېسىلىپ تارقىتىلغان. سىلاۋىيانچە نۇسخىسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارقىتىلغان.

دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 1991 – يىلى دۇنيا ئىسلام تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان، نوپوزلۇق ئون شەخس قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1992 – يىلىدىن باشلاپ، كۆپ قېتىم ماراكەش پادىشاھى ھەسەن 2 نىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن، ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق «رامىزان لىكسىيەلىرى» مۇھاكىمىسىگە قاتناشقان ۋە پادىشاھ ھەسەن 2 نىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994 – يىلى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ئالى مۇكاپات بولغان «فەيسەل مۇكاپاتى»نىڭ نامزاتى بولغان.

2002 – يىلى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى قازاقىستاندا ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان. شۇ قېتىملىق يىغىندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى، دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلىگەن.

2002 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا دىنىي ئالىم، ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، قازاقىستان، ماراكەش،كۇۋەيت، تۇنىس، سۇدان، ئالجىرىيە، پاكىستان، ئىران قاتارلىق ئەللەردە، ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر دىنىي زاتلار، دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە، لىكسىيەلىرىنى ئوقۇپ، دوكلاتلار بەرگەن.

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ۋەتىنىمىز ۋە خەلقئارادا تونۇلغان، ئىسلام ئالىمىدە چاقنىغان بىر چولپان بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شىجائەتلىك بىر ئەدىپتۇر. مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئىسلامىيەتكە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغاندىن باشقا يەنە تەرجىمە ئەسەرلەرنى، ئىلمىي ماقالىلەرنى، شېئىرلارنى ئەرەبچە، پارسچە، چاغاتاي تىللىرىدىن مۇستەقىل ۋە ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن  «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام تارىخى»، «نۇر ۋە قەلەم» ماقالىلەر توپلىمى، «ئەدەبۇل موفرەد» ناملىق ھەدىسلەر توپلىمى، «ئىسلام دىنى ۋە مەرىپەت» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىم سىياسىتى سەۋەبلىك يورۇقلۇققا چىقىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەسەرلىرىلا نەشىر قىلىنغان.

ئۇستاز، دىنىي ئالىم، ئەدىپ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم پۈتكۈل ھاياتىدا خەلقىمىزنى، ئىسلام دىنىمىزنى توغرا، ماھىيەتتىن چۈشىنىشكە يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا  ئىلىم – مەرىپەتنى ئۆگىنىشكە چاقىرغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ – قات توساقلىرى، بېسىمىغا قارىماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ئەل ئىچىدە خەلقنىڭ شان – شۆھرىتىگە ئېرىشكەن، خەلقئارادا، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان زات.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇز سىياسىتى ئالىم، ئەدىپ، خەلق سۆيگەن مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنى 2018 – يىلى 2 – ئايدا، خىتاينىڭ جازا لاگىرىدا بىزدىن ۋاقىتسىز جۇدا قىلىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى چەكسىز قايغۇغا چۆمدۈرۈپلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل سىياسىتىگە قارىتا پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى.

شەھىت مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت، نۇر ئىچىدە بولغاي، مەرھۇمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەمگەكلىرى، ئالىجاناپ روھى مەڭگۇ بىز بىلەن بىرگە.

https://www.youtube.com/channel/UClqqa-igooAyBA6MUVrpZJw

د ئ‍ۇ ق – تەتقىقات كومىتىتى ھازىرلىدى. 12.02.2021