موتسىكلىت رېمونتچىسى مەمەتتۇرسۇن مەتنىيازنىڭ تۇمشۇق تۈرمىسىدىن جەسىتى چىققانلىقى دەلىللەندى

موتسىكلىت رېمونتچىسى مەمەتتۇرسۇن مەتنىيازنىڭ تۇمشۇق تۈرمىسىدىن جەسىتى چىققانلىقى دەلىللەندى قوراللىق ئەسكەرنىڭ قەشقەر تۈرمىسىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدا تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 3-ماي، قەشقەر.

مارالبېشىدىكى تۇمشۇق تۈرمىسىدىن روزا ھېيتتىن ئاۋۋال بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جەسىتى چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يىپ ئۇچىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مارالبېشى بازىرىدا ئەسلىدە موتسىكلىت رېمونتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەمەتتۇرسۇن مەتنىياز ئىسىملىك كىشىنىڭ بۇنىڭدىن 40 كۈنچە ئاۋۋال تۈرمىدىن جەسىتى چىققانلىقى دەلىللەندى.

مارالبېشى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ يەتكۈزگەن مەزكۇر ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، جەسەتلەر روزا ھېيتتىن بىر ھەپتە ئاۋۋال مارالبېشىدىكى تۇمشۇق تۈرمىسىدىن ئېلىپ چىقىلغان ۋە سېرىقبۇيا قاتارلىق بىر قىسىم يېزا-بازارلىق ساقچىخانىلارغا تارقىتىلغان. بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مارالبېشىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئىنكاستا جەسەتلەردىن بىرىنىڭ سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى قادىر دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئابدۇغېنى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سېرىقبۇيا بازىرىدىكى دۇكاندارلاردىن بىرى، روزا ھېيتتىن بىر ھەپتىچە بۇرۇن سېرىقبۇيا بازىرىدا غەيرىي-رەسمىي بىر جىددىي ھالەت يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى مارالبېشى بازىرىدىن بىر قاتار ساقچى ماشىنىلىرى ھەيۋە بىلەن چىقىپ كەلگەن، بۇ چاغدا دۇكاندارلار كوچىلارنى بوشىتىشقا ۋە دۇكانلارغا كىرىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان. بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ساقچىلار دۇكاندار ۋە ئاھالىلەرگە بۇ جىددىيچىلىكنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.

مەزكۇر دۇكاندار، ئەتىسى ساقچىلارنىڭ 3‏-ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى بىر ئائىلىگە جەسەت تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان 3‏-ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن  40 كۈن ئاۋۋال بىر ئائىلىگە ئۆلۈم پەتىسىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى مەمەتتۇرسۇن مەتنىياز بولۇپ، يېشى 55-60 ئارىسىدا ئىكەن.

مارالبېشىدىكى يەنە بىر ساقچىخانا خادىمى، روزا ھېيتنىڭ ئالدىدا بىر تۈركۈم جەسەتلەرنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما جەسەتلەرنىڭ سانى، مەنبەسى ۋە ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

مەزكۇر ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، موتسىكلىت رېمونتچىسى مەمەتتۇرسۇن مەتنىيازنىڭ جەسىتى تۇمشۇق تۈرمىسىدىن ئېلىپ چىقىلغان. ئۇ ئىلگىرى ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2017-يىلى تۇتۇلغان ۋە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىكەن.