Responsive Image

مۇسۇلمانلار نېمىشقا خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى كۆرمەيدۇ؟

مۇسۇلمانلار نېمىشقا خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىنى كۆرمەيدۇ؟سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان سولدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2019-يىلى 22-فېۋرال، بېيجىڭ.

ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا پەرۋا قىلماسلىقى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ، قۇرئاننىڭ كۆيدۈرۈلۈشىنى، ئىسلامنىڭ ‹كېسەللىك› دەپ قارىلىپ چەكلىنىشى ياكى خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىنى كۆرمەسكە سېلىشى تا ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلار ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولماقتا. يېقىندا «ئەرەب دۇنياسى ئۈچۈن دېموكراتىيە» (DAWN) تورىدا جون خوفمان (Jon Hoffman) ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى شېرىكلىرىنى تاپتى؟» ناملىق ماقالىدە بۇ مەسىلە ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن كارى بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ جىنايەتنى يوللۇق ۋە توغرا دەپ ماختىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن. نەتىجىدە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كاتىۋاشلىرى خىتايدىكى سودىسى، خىتايدىن كىرگۈزىدىغان مەبلىغى ۋە نېفىت بازىرىدا خىتايدىن كېلىدىغان نەپكە تايىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئاشكارا ماختاشقا ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان.

بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئاشكارا ماسلاشقان، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا بىۋاسىتە ياردەم بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 2019-يىل بۇ ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 37 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى رەئىسىگە ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى» نى ماختىغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىپ، قايتىدىن «تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك» بەرپا قىلدى، دېگەن. 2022-يىل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا يۇقىرىقى دۆلەتلەردىن باشقا قاتار، ھىندونېزىيە، سۇدان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپى» نى رەت قىلغان.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، دوكتور جون خوفمان رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان خورلۇق ۋە زۇلۇمغا قارشى چىقماسلىقتا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى بىلەن تۈركىيە، ئىران، پاكىستان ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۇ مەسىلىدە بىر ئاز كۈچلۈك ئىپادە بىلدۈرگەن بولسىمۇ يېقىنقى مەزگىلدە جىمىپ قالدى، چۈنكى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بۇ بىر نەچچە يىلدا راۋاجلاندى. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ۋە پاكىستانغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارغا بارغانسېرى شەرققە، يەنى خىتايغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ؛ خىتاي بىلەن شېرىكلىشىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشى كۆپىيىۋاتىدۇ. مەيلى ئەرەب ئەللىرى، مەيلى تۈركىيە ياكى ئىران بولسۇن، بۇ جەھەتتە ئۇلار ئاساسەن ئوخشاش».

ئامېرىكانىڭ ئاقىللار مەركىزىدىن «كاتو ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن بىر ئاز پەرقلىق ئىپادە بىلدۈرۈشىدە تۈركىيە خەلقىنىڭ تۈرتكىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ بىر-ئىككى يىلدىن بېرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇرلار ئۇچرۋاتقان زۇلۇمنى بىلىمىز، بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىمىزنى خىتايغا بىلدۈرىمىز› دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى. بۇ گەپ ئاجىز بولسىمۇ، باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە باققاندا سەل ياخشى. بۇ ئاساسەن تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ ئىشقا يېقىندىن دىققەت قىلىشى سايىسىدە بولدى. تۈركىيەدىكى مىللەتچى ۋە دىندار خەلق كۆپتىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى بىلىدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى».

بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن، 30 ئۆلىمادىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇلارنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قۇرۇلغان «دۇنيا مۇسۇلمانلىرى كېڭىشى» ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد ئەل نۇئەيمى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسى ماختاشقا لايىقتۇر» دېگەن.

ماقالىدە بېرىلگەن يۇقىرىقى مىساللار مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۇ دۆلەتلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئىسلامىيەتنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.

دوكتور جون خوفمان بۇ ماقالىسىدە، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن باغلىنىپلا قالماي، ھاكىممۇتلەق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈش ئورتاقلىقىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ماقالەمدە تەكىتلىگىنىمدەك، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئورتاق نىشانى بار. ئۇ بولسىمۇ دىننى دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش. شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىرى ئىسلام دىنىنى بىر قوللۇق تۇتۇپ تۇرىدۇ. خىتايدا بولسا خىتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنىنى ئۆزى بىر قوللۇق باشقۇرىدۇ؛ ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلامنى ئېكسپورت قىلىشىدىن ھەمدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىسلام جامائىتى بىلەن دۆلەت ھالقىغان مۇناسىۋەت باغلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمما خىتاي نۆۋىتى كەلگەندە ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادىكى تېررورىزمغا باغلاپ خالىغانچە باستۇرىدۇ، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ.

دوكتور جون خوفماننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ئىسلامغا، رادىكاللىققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە يوقىتىش پىلانىنى ئىجرا قىلماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«11-سېنتەبىر ۋەقەسى» ۋە «ئەرەب باھارى» ئىنقىلابىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى قورال قىلىۋالدى؛ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققۇچىلارنى دىندار بولسۇن، دەھرى بولسۇن، «تېررورچى» دەپ باستۇردى. خىتايمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللاندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى غەربلىكلەرنىڭ ‹ئىسلامدىن قورقۇش› ئىدىيەسىنى قورال ئورنىدا پايدىلاندى. بىز تېررورلۇققا زەربە بېرىۋاتىمىز دېدى، ئەمەلىيەتتە بولسا بارلىق ئۆكتىچىلەرنى باستۇردى».

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاينى بۈگۈنكى دۇنيادىكى بۈيۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ دەپ تونۇيدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولۇپ، ماھىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئوخشاش. ئۈچىنچىدىن، بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرى «ئەرەب باھارى» دىكى داۋالغۇشتىن، دېموكراتىيەدىن چۆچۈگەن بولۇپ، دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىكنى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ مەھسۇلاتى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، ئۇلار خىتاينى كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىغا قارشى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى شەكىللەندۈرەلەيدىغان، ھەتتا ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتەلەيدىغان، «غەرب كۈچلىرىنىڭ بېسىمىغا قارشى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ھىمايە قىلالايدىغان دۆلەت» دەپ قارايدۇ.

مۇستافا ئاقيول ئەپەندى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەرك ئېتىشىدىكى بىر قانچە سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تەرەققىي قىلغان بىر ئىقتىسادىي كۈچ، نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىشى ناھايىتى رەزىل بىر ئىش. ئىككىنچىدىن، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەبىت، ئۇلار خىتاي دۆلىتىنى ئىقتىسادىي ئۆرنەك سۈپىتىدىلا ئەمەس، سىياسىي ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، خىتاي ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىچكى ئىشىمىز دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرىگە بۇ گەپ بەك ياقىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆكتىچىلىرى ۋە ئاز سانلىق خەلقىنى باستۇرغاندا، ئۇنى ئىچكى ئىشىمىز دەيدۇ. تۆتىنچىدىن، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا غەرب دۈشمەنلىكى بار، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى بار. مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب دۇنياسىغا بولغان نەپرىتى قارىغۇلارچە نەپرەت دەرىجىسىگە يەتكەنكى، بارلىق يامانلىق غەربتىن كېلىدۇ، غەربكە قارشى تۇرغۇچىلار ياخشى دېگەن يەرگىچە كەلگەن. ئىسرائىلىيە پەلەستىنگە بومبا ئاتسا قوزغىلىپ كېتىدىغان مۇسۇلمانلار، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر زۇلۇم سالسا كارى يوق. ئۇلارنىڭ دەردى ئامېرىكا، غەرب، ئىسرائىلىيە ۋاھاكازالار. ھەتتا خىتاي بىلەن رۇسىيەنى غەربكە قارشى تۇرۇشتىكى ئەۋزەل كۈچ سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ھالبۇكى، مۇسۇلمانلار زۇلۇم نەدە بولسا شۇ يەردە زالىمغا قارشى چىقىشى كېرەك، بۇ زۇلۇم غەرب كۈچلىرى تەرىپىدىنمۇ، شەرق كۈچلىرى تەرىپىدىنمۇ كېلىشى مۇمكىن. شۇئان دۇنيادا ئەڭ چوڭ ‹ئىسلام قورقۇنچى› بار دۆلەت خىتاي، بىراق مۇسۇلمانلار داۋاملىق ھالدا غەرب دۇنياسىدا ئىسلام قورقۇنچى بار دەپ سۆزلەش، يىغىن ئېچىش ۋە لەنەت ياغدۇرۇش بىلەن ئاۋارە».

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىملىق سايلىمىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئەگەر تۈركىيەدە ھاكىمىيەت ئالماشسا، مىللەت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتنىڭ بېشىغا كەلسە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ئوڭشىلىدۇ. خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت بېشىغا كېلىدىغان پارتىيەلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئىيى پارتىيەسى› بار، ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ ‹كېلەچەك پارتىيەسى› بار. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ئەردوغان پەيدا قىلغان غەرب دۈشمەنلىكىدىن بىر ئاز يىراقلىشىدۇ؛ خىتايدىن ئۆگىنىش، خىتايغا تايىنىش ئېڭىدىن قۇتۇلىدۇ. تۈركىيەدە ھۆكۈمەت راستىنلا ئالمىشامدۇ، ئالماشمامدۇ، ئۇقمايمىز. ئەگەر ئالمىشىپ قالسا تۈركىيەگە بۇ جەھەتتىن ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».