Responsive Image

ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى ۋە ئۇيغۇرلار

ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى ۋە ئۇيغۇرلارئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خاررىس(Kamala Harris) خانىم «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» دا سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 18-فېۋرال، ميۇنخېن، گېرمانىيە.

ھەر يىلى فېۋرالدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلىدىغان «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» بولسا خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىل بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىيونلار، دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار، داڭلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتارلىقلار قاتنىشىپ، خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ۋە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. 59-نۆۋەتلىك ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ميۇنخېندا يەنە ئېچىلدى. ئەمما بۇ يىغىندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن باشقا كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان يەنە بىر مەسىلە، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى كەسكىن سۆز توقۇنۇشىدۇر. ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ توقۇنۇش ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىگە قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن ئۆز مەيدانىنى جاكارلىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ قارشى نۇقتىسىغا ئاللىبۇرۇن چىقىپ قالغانلىقىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مەزكۇر يىغىندا دىققەتنى تارتىدىغان مۇھىم نۇقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى ۋە يىغىندا ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئېلان قىلىشىدۇر. ئۇ ھالدا بۇ ئىككى ئىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خارىس خانىم يىغىندىكى نۇتقىدا، رۇسىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئاۋام خەلقنى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىنى پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق بومباردىمان قىلغانلىقىنى، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە رەھىمسىزلەرچە جىسمانىي جازا، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى، ئۇكرائىنا خەلقىنى ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ، رۇسىيەگە پالىغانلىقى، ھەتتا نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇكرائىنا ئۆسمۈرلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، ۋەيران قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. كامالا خارىس خانىم بۇ ھەقتە يەنە ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ جىنايەتلىرىگە دائىر نۇرغۇن ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەنلىكى، شۇ ۋەجىدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغانلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، «مەن بۇ خىل جىنايەتنى سادىر قىلغانلارغا، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە، ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىغا شۇنداق دەيمەنكى، سىلەرنىڭ جىنايى مەسئۇلىيىتىڭلار چوقۇم سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!»

كامالا خارىس خانىمنىڭ سۆزى گەرچە رۇسىيەگە قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇكرائىنا خەلقى ئۇچراۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كامالا خارىسنىڭ سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ بىرمۇ بىر تىلغا ئېلىنىشى ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئوخشاش جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان خىتايغىمۇ قارىتىلغان دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بىر دۆلەت. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ قېتىم كامالا خارىسنىڭ نۇتقى پەقەت ررسىيەگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە بېرىلگەن كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇش.

دېمەك، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق. يەنى، ئامېرىكا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى دەپ قارىغان رۇسىيەگە قانداق مۇئامىلە قىلسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارى بولغان خىتايغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقى تەبىئىي.

بۇنداق چۈشىنىشىمىزنىڭ خاتا ئەمەسلىكى، جورجى سوروسنىڭ روسسىيە ھەققىدە سۆزلىگەنلىرى بىلەن تېخىمۇ دەلىللىنىپ تۇرۇپتۇ. جورجى سوروسمۇ مەزكۈر يىغىندىكى مۇھىم قاتناشقۇچى سالاھىيىتىدە روسسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى، شۇنداقلا خىتاي ھەققىدە توختالغان. ئۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، رۇسىيەنىڭ پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقى ۋە ياۋروپا ھەم دۇنياغا قايتا تەھدىت شەكىللەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە خىتاي ھەققىدىكى سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتىش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ دېموكراتىك جەمىيەت بىلەن مۇستەبىت جەمىيەت ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

دەرۋەقە، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئوخشاشلا ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ تونۇغانلىقى، شۇنداقلا بۇ تەھدىتنى يوقىتىشنى ئۆزىنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىدىغانلىقى ئېنىق. تېخىمۇ ئېنىق بولغىنى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى ئۆزىنىڭ ھامان رۇسىيە ۋە خىتاي ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىدۇ.

خىتايغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان خىتاي دىپلوماتىيە خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى) ۋاڭ يىمۇ بۇ يىغىندا «بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ۋاڭ يىنىڭ تېمىسىدىنلا ئېنىقكى، ئۇنىڭ ياكى خىتاينىڭ نەزىرىدىكى «بىخەتەر دۇنيا» خىتاينىڭ رەھبەرلىكى ياكى باشقۇرۇشىدىكى، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان بىر دۇنيادۇر.

ۋاڭ يى ئۆز نۇتقىدا بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ توختىشىنى خالىمىغانلىقى سەۋەب، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى دېگەن. ئۇ يەنە، بۇ كۈچلەرنىڭ بەلكىم «ئۇكرائىنادىنمۇ چوڭ بولغان بىر ئىستراتېگىيەلىك نىشان» غا كۆز تىكىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇرۇش توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى ۋاڭ يىنىڭ سۆزىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇكرائىنادىنمۇ چوڭ بولغان نىشانى دەل خىتاي بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن. ئەكسىچە بولغاندا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ سىرلىق نىشانى ھەققىدە سۆز ئېچىشىنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتى بولمايتتى.

ميۇنخېندىكى بۇ يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىئو بىلىنكېن ئەپەندى، خىتاي دىپلوماتى ۋاڭ يى بىلەن يېپىق كۆرۈشمە قىلغان بولۇپ، كۆرۈشمىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە ھەربىي قورال-ياراقلار بىلەن ياردەم بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتقان.

شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، گەرچە خىتاي مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۇتۇقىدىن قارىغاندا خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تەھدىت بولىدىغىنى پەقەتلا ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك جەمئىيىتى.

قارايدىغان بولساق، ۋاڭ يىنىڭ نۇتقىدا تەكرار تىلغا ئېلىنغان «بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش» سۆزى ئەمەلىيەتتە، شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش 20-قۇرۇلتاي نۇتۇقىدىكى «بىخەتەر جۇڭگو بەرپا قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ خەلقئارالاشقان نۇسخىسىغا ئوخشايدۇ. بۇ خۇددى ئاتالمىش «بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل خىتاينىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى قىلغىنىدەك بىر ئىش. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرۋەقە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرنى تازىلاپ، بىخەتەر شىنجاڭ بەرپا قىلىش» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. ئاتالمىش «بىخەتەر خىتاي بەرپا قىلىش» مۇ خىتاي ئىچىدە «جۇڭخۇا مىللىتى» يارىتىپ، بارلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى نىشان قىلىپ يۈرگۈزۈلگەن سىياسىي پىلان ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، ۋاڭ يى تىلغا ئالغان «بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش» نىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى ۋە غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىش بىلەن روياپقا چىقىدىغان بۈيۈك پىلان دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. يەنى ۋاڭ يى ئېيتقاندەك، رۇسىيە مەغلۇپ بولسا، غەرب دۇنياسىنىڭ كېيىنكى نىشانى دەرھال خىتايغا يۆتكۈلىدىغانلىقى سەۋەب، خىتايمۇ بۇ خەتەرنى يوقىتىشنى ئۆزىنى قوغداپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق.

دېمەك، بۇ قېتىمقى ميينخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا ئاشكارا مەيدان جاكارلىشى دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىقمىز. ۋاڭ يىنىڭ نۇتۇقىمۇ شەكسىزكى، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ غوجىسى بولۇش غەرىزىدىن ئەسلا يانمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ ئۆزىلا، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خۇددى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدەكلا مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم ۋە خىتايغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. يەنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۈگۈن خۇددى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئوخشاشلا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشىدىكى قىزىل سىزىقىدۇر.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.