Responsive Image

نازگۈل كەنجىتاي خانىم: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشى توسۇپ تۇرماقتا»

نازگۈل كەنجىتاي خانىم: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشى توسۇپ تۇرماقتا»خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 25-دېكابىر، تۈركىيە.

قازاقىستانلىق تونۇلغان ژۇرنالىست، تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى نازگۈل كەنجىتاي خانىم 25-دېكابىردا ئەنقەرەدە بەرگەن دوكلاتىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا، خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى بىرلىكتە تاقابىل چاقىردى.

1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2001-يىل يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا كىرگەن ئىدى. 2001-يىلىدىن كېيىن، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تېزلەتتى. شۇنىڭدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. 25-دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى مىللىي كۇتۇپخانىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سابىق مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ھەمدە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىندا، تونۇلغان ژۇرنالىست نازگۈل كەنجىتاي خانىم ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلگىرى رۇسلار قۇرغان سىستېمىغا جەڭ ئېلان قىلغان بىر كۈچ بار. ئۇ، بولسىمۇ خىتاي. خىتاينىڭ قولىدا رۇسىيەنىڭ قولىدا بولمىغان كوزېر بار، ئۇ بولىسمۇ ئىقتىسادىي كۈچ. خىتاي قەرز بېرىش دىپلوماتىيەسىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ يوقلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، خىتايغا قەرزدار بولۇشى، يېتىشكەن ئادەملەرنىڭ ئاز بولۇشىدۇر. ئەسلىدە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ 80 پىرسەنتى بۇ زېمىندا مەۋجۇت. مەسىلەن، قازاقىستان ئۇران قېزىپ چىقىرىشتا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ قازاقىستان دۇنيادا ئون ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشتا ئون ئالتىنچى قاتاردا تۇرىدۇ. ئالتۇن ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ئەپسۇسكى، بۇ بايلىقلاردىن بىز قازاقلار پايدىلانالمايۋاتىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قەرز دىپلوماتىيەسىگە قۇربان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي قەرز دىپلوماتىيەسىدىن ناھايىتى ئاكتىپ پايدىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي تاجىكىستانغا قەرز بەرگەن ئىدى. قەرزىنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تاجىكىستان زېمىنىنىڭ 3 پىرسەنتىنى خىتايغا بېرىشقا مەجبۇر قالدى. تاجىكىستان قوبۇل قىلمىسىمۇ خىتاي تاجىكىستان چېگراسىدا ھەربىي بازىسىنى قۇردى. ھازىر ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغان دۆلەتلەردىن بىرسى قىرغىزىستاندۇر، قىرغىزىستانمۇ خىتايدىن قەرز ئېلىپ تۆلىيەلمىگەن دۆلەتلەر قاتارىدا يەر ئېلىپ تۇرماقتا. خىتاي ھازىر قىرغىزىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىغا كۆز تىكىۋاتىدۇ.»

نازگۈل كەنجىتاي خانىم دوكلاتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «قازاقىستاندا نېفىت قېزىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە خىتاي بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇران چىقىرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ شىركەتلىرىدۇر. خىتاي قازاقىستاندا كۆپ ساندا كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى قۇرۇپ، ناھايىتى تېز كېڭىيىۋاتىدۇ. بىز تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتلىرىنى قۇردۇق دەپ خۇشال بولىۋاتقاندا، پۈتۈن بايلىقلىرىمىزنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويۇۋاتىمىز. قازاقىستاننىڭ 19 مىليون، ئۆزبېكىستاننىڭ 35 مىليون، قىرغىزىستاننىڭ 6 مىليون نۇپۇسى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشساق خىتاي نۇپۇسىغا نىسپەتەن ھېچ نەرسە ئەمەس. خىتايلار بۇ رايونغا كېلىپ جايلىشىۋاتىدۇ.»

ژۇرنالىست نازگۈل كەنجىتاي خانىم، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ ھازىرچە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ رايونغا ئوچۇق-ئاشكارا كىرەلمەسلىكىدىكى مۇھىم توساق دەل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى كۈرىشىدۇر. ھازىر خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇپ ئاسىمىلاتسىيە قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆپلەپ ئېقىپ كىرەلمەيۋاتىدۇ. بۇ، خىتاي بۇ چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ غەربىي تۈركىستانغا ئېچىلغان دەرۋازىسىدۇر. بىز 2016-يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان كىشىلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇشقا باشلىدۇق. شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئىدى. 1991-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندە، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولالمىدى. بۇ رايون خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، خىتاينىڭ دۇنياغا ئېچىلغان دەرۋازىسى. شۇڭا خىتاي ھەر خىل باھانىلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە خىتايلار كېڭەيمىچى ئەمەس، دەيدىغان بىر كۆز قاراش بار. خىتاي كېيىنكى يۈز يىل ئىچىدە بەك كېڭەيدى. نۇرغۇن يەرلەرنى بېسىۋالدى.»

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننى تامامەن قولدىن چىقىرىپ قويۇشنىڭ ئېغىر بەدەلى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەنىۋىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي قولىمىزدىن چىقىپ كەتسە، بىز تۈركىي خەلقلەر يىلتىزىمىزنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايمىز. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ قەلئەسى، بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزدۇر. كېيىنكى يىللاردا خىتاي مىڭلىغان جامە-مەسچىتلەرنى يوق قىلىۋەتتى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھەممىسى ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدىن باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە تىلغا ئېلىنمايۋاتىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش چەكلەنگەن. بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرىشىمىز كېرەك.»

نازگۈل كەنجىتاي خانىم دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، سوئال-جاۋاپ قىسمىدا بىز ئۇنىڭدىن سوئال سورىدۇق. بىزنىڭ «بۇ يىل 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھەگە قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان خىتاينى ياقلاپ بىلەت تاشلىدى، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاينىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى تەسىرىنى نەزەردە تۇتۇشىمىز كېرەك. بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قەرزى بار. بۇ دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت يوق. بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلاردىن تولۇق خەۋەردار ئەمەس. شەرقىي تۈركىستاندىن سۆز ئاچسىڭىز، سىزنى تېرورچىلارنى ياقلىدى، دەيدۇ. ھەتتا بۇ دۆلەتلەردە كىشىلەر سىز بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشۈشتىنمۇ قورقىدۇ. شۇڭا بۇ دۆلەتلەردە خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئالدى بىلەن ئاۋام خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى قوزغىشىمىز كېرەك.»

تونۇلغان ژۇرنالىست نازگۈل كەتجىتاي خانىمنىڭ ئاڭلاتقانلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراشقا باغلىغان.