نۇرى تۈركەلنىڭ «قېچشى يولى يوق» ناملىق كىتابى خەلقئارا «مور فوندى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

نۇرى تۈركەلنىڭ «قېچشى يولى يوق» ناملىق كىتابى خەلقئارا «مور فوندى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ «قېچىش يولى يوق: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى راست ۋەقەلەر» ناملىق كىتابى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ «قېچىش يولى يوق: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى راست ۋەقەلەر» ناملىق كىتابى 2022-يىللىق خەلقئارا «مور فوندى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

«مور فوندى مۇكاپاتى» 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا «قېچىش يولى يوق» ناملىق كىتاب ھەققىدە مۇنداق باھا بەرگەن: «نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ دادىللىق بىلەن يېزىپ چىققان بۇ ئالاھىدە ھېكايىسى تۇنجى ئوقۇشتىلا بىزنى ھەيران قالدۇردى. بىز بۇ يىل ئوقۇغان كۆپلىگەن ئېسىل كىتابلار ئىچىدە بۇ كىتاب كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. كىتابتا خىتايدا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قۇللىرىغا ئايلانغان بىر مىللەتنىڭ ھاياتى ئەتراپلىق، جانلىق، ئوبرازلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ مۇكاپاتلىنىشىغا ئائىت تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتاب نەشر قىلىنغان 7 ئايدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاپىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۇنياغا كەلتۈرۈۋاتقان ئاپىتىنى چۈشەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغاچقا ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىغان ۋە تېخىمۇ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا «بۇ مۇكاپات خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا تەۋە» دەپ يازغان. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ «مور فوندى مۇكاپاتى» نىڭ ئەھمىيىتى ۋە شان-شەرەپنىڭ يەنىلا ئۆز خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ كىتابىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەبنى «بۇ كىتابنىڭ «بىر نۇقتىدا ھەممىنى يورۇتۇش» ئۇسلۇبىدا يېزىلغانلىقى؛ شەخسنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق بىر كوللېكتىپ دۇچ كەلگەن قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتقانلىقى؛ خىتاينىڭ خەلقئارا تەھدىتىنى دۇنياغا ھېس قىلدۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ بۇ مەسىلىدىن قاچالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مور فوندى مۇكاپاتى» (Christopher G Moore Foundation) 2015-يىل تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاخبارات تۈرىدىكى ئەسەرلەرگە بېرىلىدىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىز تىلىدىن باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، چەت ئەلدىكى كىتاب يەرمەنكىلىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇلۇۋاتقانلىقى ۋە سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.