Responsive Image

ئۆمەر قانات: «مالايسىيا پارلامېنتى رەئىسى تەلەپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب بەردى»

ئۆمەر قانات: «مالايسىيا پارلامېنتى رەئىسى تەلەپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب بەردى»دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى جوھارى ئابدۇل(سولدىن ئۈچىنچى) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 24-فېۋرال، مالايسىيا.

24-فېۋرال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى جوھارى ئابدۇل ئەپەندى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان. كۆرۈشۈشتە ئۆمەر قانات ئەپەندى مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ قارار ماقۇللشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرى غەلىبىلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتماقتىكەن. ئۇ، بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە تارىخىي زىيارەت بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى جوھارى ئابدۇل ئەپەندى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۇنغان تەكلىپلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى:

«مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە، ھازىرغىچە 10 دۆلەت پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ھېچ قانداق مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ پارلامېنتى بۇنداق بىر قارار قوبۇل قىلمىدى. مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ بۇنداق بىر قارارنى ئويلىشىشىنى، مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز دېدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ياپونىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. مالايسىيا پارلامېنتىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدۇق. ئۈچىنچىسى، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەندەك مالايسىيا پارلامېنتىنىڭمۇ لاگېر شاھىتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدۇق».

ھەيئەت تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى، د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ مالايسىيا پارلامېنت رەئىسى، مالايسىيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشلىرىدە ئۇلاردىن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا بايان قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەرگە قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش-بارماسلىق ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا ب د ت غا سۇنغان تەكلىپ لايىھەسى ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت دا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلىنغانىدى. مەزكۇر قارار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت ئىچىدىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى 17 ئاۋازغا، خىتاي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى 19 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، 11 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنىدى. نەتىجىدە 2 ئاۋاز پەرق بىلەن، يەنى 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن خىتاي تەرەپ ئۇتۇپ چىققانىدى. مالايسىيا دۆلىتى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن دۆلەتلەر قاتارىدا قالغانىدى. ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى جوھارى ئابدۇل ئەپەندىگە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئىسلام دۆلىتى بولغان مالايسىيانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، جوھارى ئابدۇل ئەپەندىنىڭ بۇ تەلەپكىمۇ ئىجابىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت مالايسىيادا بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولدى. 2023-يىلى 24-فېۋرال، مالايسىيا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت مالايسىيادا بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولدى. 2023-يىلى 24-فېۋرال، مالايسىيا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىلى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى، ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سومالى بىلەن تۈركىيەدىن باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مالايسىيادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ياخشى ئاڭلىتىلسا باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى گۈلمىرە زۇنۇن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت 26-فېۋرال كۈنى مالايسىيادىكى ئىكرام ۋە ACCİN قاتارلىق ئىككى چوڭ تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۇيۇشتۇرغان سۆھبەت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان. بۇ ئىككى تەشكىلات مالايسىيادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشتا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە مالايسىيانى زىيارەت قىلىپ ھەر ساھە زاتلىرى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقانىدى.