Responsive Image

ئۆركەش دۆلەت د ئۇ ق نىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىگە خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلغان

ئۆركەش دۆلەت د ئۇ ق نىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىگە خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلغانئۆركەش دۆلەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن 29-نويابىر كۈنى تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ۋاڭ دىڭيىغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 29-نويابىر، تەيۋەن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى 29-نويابىر كۈنى تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر مەسىلىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەيۋەنلىك سىياسىي ئەرباب ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىگە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتقان ۋە خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلغان.

تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى، 29-نويابىر كۈنى ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىگە خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلغاندا، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن بۇ خاتىرە بۇيۇمىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، مۇنداق دېگەن: «مەن بۈگۈن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن سىزگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ خاتىرە بۇيۇمىنى تەقدىم قىلىۋاتىمەن. مەن پەقەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھاۋالىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە بۈگۈن ئاۋازى بوغۇلغان، زۇلۇم چېكىۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلار نامىدىن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى سىز تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتىسىز، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تەيۋەن پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلىنىشىغا زور تۆھپە قوشتىڭىز. بىز ئۇيغۇرلار سىزنىڭ بۇ قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز. »

ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېربى چۈشۈرۈلگەن لەۋھەنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاڭ دىڭيى ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىز گەرچە ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەردە، ئوخشىمايدىغان شارائىتلاردا تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەت قاراشلارنىڭ چېگراسى يوق. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئالىمى ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىدۇر. ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىز بۇ يەردە ھېس قىلالمايمىز، بۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەرلا ھېس قىلالايدۇ. بىز ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللايمىز. ئۇيغۇرلارغا كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمىز. »

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 9-ئاينىڭ بېشىدا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن ‹دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى› يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ۋاقتىمىزنىڭ ئۆزىدە تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا رەھمىتىمىزنى ئىپادىلەش ئارزۇيىمىز بولغان ئىدى. چۈنكى تەيۋەن پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ئاخىرقى پارلامېنت. تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتا ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىنىڭ رولى ناھايىتى زور بولغان ئىدى. »

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆتكەن قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدا تەيۋەندىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلارغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ دىڭيى ئەپەندى سەپەردە بولغاچقا رەھمەت ئېيتالمىغانلىقىنى، بۇ قېتىم د ئۇ ق نامىدىن ئۆركەش دۆلەتنىڭ ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن مېنىڭ تەيۋەنگە كىرىش چەكلىمەم بىكار قىلىنىپ، تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بىز ئۆمەر قانات بىلەن ئىككىمىز مېنىڭ تەيۋەنگە كىرىش چەكلىمەمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش، شۇنداقلا تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ياڭ ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن لەۋھە ياساتقان ئىدۇق. ھالبۇكى، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دىڭيى ئەپەندى سەپەردە بولغاچقا، بۇ سوۋغاتنى بېرىش پۇرسىتى بولمىغان ئىدى. بىز تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەتنىڭ بۇ خاتىرىنى د ئۇ ق قا ۋاكالىتەن ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىگە بېرىپ قويۇشىنى تاپىلاپ قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. ئۇ، بىزنىڭ بۇ ھاۋالىمىزگە ئاساسەن بۇ سوۋغاتنى ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىگە تەقدىم قىلىپ، پارلامېنتتا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەھمىتى ۋاڭ دىڭيى ئەپەندىگە يەتكۈزۈلگەن بولدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان تەيۋەن پارلامېنتىغا مىننەتدارلىقىمىزنى يەتكۈزگەن بولدۇق. بىز تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدۇق، تەيۋەن تەرەپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولدى.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن باشقا يەنە كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىتۋا، ئاۋسترىيە ۋە فىرانسىيە پارلامېنتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.