پىراگادىكى «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەقىدە ھەمكارلىقى مىنىستىرلار يىغىنى» دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى
28-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە، چېخىيە پايتەختى پىراگادا «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەقىدە ھەمكارلىقى مىنىستىرلار يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىللىق يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى «مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئاستىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى» بولغان.
چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان يىغىنغا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى، ئالاھىدە كومىسسارلار، تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەر ۋە باشقا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر قاتناشقان.
يىغىنغا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى رەھىمە مەھمۇت خانىم ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشقان.
رەھىمە خانىمنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەقىدە ھەمكارلىقى مىنىستىرلار يىغىنى» دا 3 كۈن بويىچە دىنى ئەركىنلىكنىڭ باستۇرۇلۇشى، دىننىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشى ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق باستۇرۇش قاتارلىق تېمىلار بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يىغىننىڭ 2-كۈنى، يەنى 29-نويابىر كۈنى ئەتىگەندىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا رەھىمە مەھمۇت خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختالغان. بۇ يىغىننى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى باشقۇرغان.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە ئامېرىكا بىلەن كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ، بىر يانداش پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يانداش پائالىيەت «دېكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى» ھەققىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي دىققەت نۇقتىسى خىتاي، ئۇكرائىنا ۋە ئىراققا قارىتىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پۇقرالار بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۇزرا زىيا خانىم بۇ يىغىندىكى ئېچىلىش نۇتۇقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىمۇ توختالغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىن قارىغاندا، ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىسى ۋە كىملىكىنى سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا تەخمىنەن 16000 مەسچىتنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئىسلام دىنىغا ئائت ئىبادەت ئورۇنلىرىدىن 30پىرسەنتنى چېقىپ بولغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇزرا زىيا خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
بۇ يانداش پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، ئۇكرائىنا ھەمدە ئىراقتىكى يەزىدى خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
يىغىندا ئۆزگىچە دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ۋە ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى ۋە قانداق قىلغاندا پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى، كۆپ خىللىقنى، خاسلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان، يىغىندا يەنە ياشلارنى دىنىي ئەركىنلىك كۈرىشىگە قاتناشتۇرۇش ۋە ئاياللارنىڭ بۇ كۈرەشتىكى رولىنى ئاشۇرۇش، دىنلار ئارا كەڭ قورساقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان ئىكەن.
«خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەقىدە ھەمكارلىقى مىنىستىرلار يىغىنى» ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئەقىدە ھەمكارلىقى ھەمكارلىقى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان يىللىق يىغىن بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى يورۇتىدىغان مۇھىم سورۇن بولۇپ كەلمەكتە.
37 ئەزا دۆلەت ۋە 5 كۆزەتكۈچى دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بۇ ھەمكارلىقنىڭ بۇ نۆۋەت چېخىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى پىراگادىكى تارىخىي چېرنىن سارىيىدا ئېچىلغان. چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالغان. ئۇ، «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنى قوللاش چېخىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. چۈنكى بىز بۇلاردىن مۇستەسنا بىر جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىمىزدىن بىلىمىز» دېگەن.