پرېزدېنت بايدېن «يۈز بېرىۋارتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تۈپەيلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا دىپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلدى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 6-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تۈپەيلى خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارىتا قوللانغان ئەڭ قاتتىق گېئو-سىياسىي جازالاش تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا ئېلىنغان. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارغا ئاساسەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ئۆزىنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتمەيدىكەن.
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جېن ساكى 6-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ «شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ «مۇسابىقىغا دىپلوماتىك ياكى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بىراق بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايقۇتى ئامېرىكا تەنھەركەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. جېن ساكى: «بىز ئامېرىكا كوماندىسىدىكى تەنھەركەتچىلەرنى تولۇق قوللايمىز.» «بىز ۋەتەندە تۇرۇپ ئۇلارنى ئالقىشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ 100 پىرسەنت ئارقىسىدا تۇرىمىز. بىراق بىز بۇ مۇسابىقىنىڭ داۋرىڭىغا ھەسسە قوشمايمىز،» دېگەن.
بايدېن ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ئومۇمىييۈزلۈك بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭغا دىپلوماتىك بايقۇت ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئاقساراينىڭ بۇ قارارىغا ئەگىشىدىغان ياكى ئەگەشمەيدىغانلىقى ۋە ياكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئىلگىرى كانادا، ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاقساراي قىشلىق ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنىڭ بىر قانچە سائەت ئالدىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن، خەلقئارانىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا قارىتا «قەتئىي قارشى تەدبىرلەر» نى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ قانداق قارشى تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ 1980-يىلى موسكۋا يازلىق ئولىمپىكىنى تولۇق بايقۇت قىلغاندىن بېرى 2-قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەسمىي دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىدۇر.