Responsive Image

«قەشقەر كوناشەھەر ھۆججىتى» ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇننىڭ كۆلىمىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

«قەشقەر كوناشەھەر ھۆججىتى» ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇننىڭ كۆلىمىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق بىر قىسىم خەلقئارالىق تاراتقۇلار «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججەتلىرى» دەپ نام بېرىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى يەر ئالغان بىر ھۆججەتنى ئاشكارىلىغان.

بۇ ھۆججەتتە قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى، قاماقلىق ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى يەر ئالغان. ئەسلى يۇرتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن بولغان ۋە ھازىر چەت ئەللەردە تۇرۇپ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ تىزىملىكتىن ئۆز يېقىنلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تاپقان.

تۈركىيەدىكى نۇرسىمان ئابدۇرېشىت ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «بۇ تىزىملىكتە ئىنىم مەمەتئېلىنىڭ ئىسمىنى كۆرگىنىمدە، ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقىتتىكى ئازابنى قايتىدىن ياشىدىم،» دەيدۇ.

رادىيومىزنىڭ مۇخبىرى نۇرئىمان ئابدۇرېشىتنىڭ سىڭلىسى بولغان نۇرسىمانگۈل ئابدۇرىشىت ئۆزلىرىنىڭ چەت ئەلدە قىلغان ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىككى قېرىندىشىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تىزىملىك ئارقىلىق ئۇ ئىنىسى مەمەتئېلىنىڭ 15 يىللىق كېسىلىپ ئاقسۇدىكى بىر تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلگەن.

نۇرسىمانگۈل «بىگۇناھ يەرگە ‹جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىش› ۋە ‹تېررولۇق پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىش› گۇمانى بىلەن كېسىلگەن ئىنىمنىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئۇزاق ئاقسۇدىكى تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلىپ، تېخىمۇ بەك ئازابلاندىم،» دېدى.

بۇ تىزىملىكتە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى سايۋاغ يېزىسى شور كەنتى (نۇرسىمانگۈلنىڭ مەھەللىسى) دىن تۇتۇلۇپ كەتكەن 100 دىن ئوشۇق ئادەمنىڭ ئىسمى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە 7 نەپىرى نۇرسىمانگۈل ئۆزى بىۋاستە تونۇيدىغان كىشىلەر ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججەتلىرى» دىكى تىزىملىكنى ئىستاتېسكا قىلىپ كۆرۈشىچە، بۇ ناھىيەدە ھەر 25 ئادەم ئىچىدىن بىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە تۈرمىگە تۇتۇلغانلارنىڭ نوپۇس بېشىغا توغرا كېلىدىغان نىسبىتى ئەڭ يوقىرى رايون بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئۆزى بىۋاستە تونۇيدىغان ئاز دېگەندە 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىسمىنى تاپقان.

ئۇلار ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ نەۋرە ئىنىسى توختى روزى قادىر، توققۇزاق بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئادىل تۇرسۇن، قوشنىسى مۇختەر ئەمەت، مەزىن غۇلامىدىن مەمەت، دوستى ئالىمجان توختى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەزكۇر تىزىملىكتە يەنە 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئابدۇرېشىت ئىسىملىك چېلىشچىنىڭمۇ ئىسمى بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تىزىملىك ​​ھازىرغا قەدەر تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى يەر ئالغان ئەڭ چوڭ تىزىملىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك زورلۇقىنى يورۇتۇپ بېرىدىكەن.

نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت بۇ تىزىملىكتىكى «جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش»، «تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» ياكى «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش» دېگەندەك «جىنايەت» لەر بىلەن قارىلانغان تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ، مەھەللىداشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بالىلىرىنىڭ قورسىقىنى بېقىپ، كۈنىنى كۈن ئېتىشتىن باشقا غايىسى بولمىغان ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل، ئاددىي ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇتقۇنلار تىزىملىكىدىن قارىغاندا، بەزى يېزىلاردا كۆپرەك، بەزى يېزىلاردا ئازراق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەر ساھەدىن بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىغا تەۋە، ئەر-ئايال، بالا-چاقا، ھەتتا بەزىدە بىر پۈتۈن ئائىلە بويىچە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە دەلىللەنگىنىدەك، بۇ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ پەقەتلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چۈشۈرۈپ بېرىلگەن تۇتۇش سانىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى يەنىمۇ ئوچۇق ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.

تىزىملىكتىن ئاشكارىلىنىشىچە، نوپۇسى 267،000 بولغان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە تەۋە بۇ تىزىملىكتە يەرئالغانلارنىڭ جازا مۇددىتى 2 يىلدىن 25 يىلغىچە بولۇپ، جازا مۇددىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھېسابلىغاندا توققۇز يىلدىن توغرا كېلىدىكەن. بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھېلىھەم تۇتقۇندا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتىكەن.