Responsive Image

«قەتئىي مەخپىي» ھۆججەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش توغرىلىق بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر (1)

«قەتئىي مەخپىي» ھۆججەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش توغرىلىق بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا ئاشكارا بولۇپ كەتكەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى توپلامدا خىتاي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى مەخپىي سۆھبەتلەرنىڭ تېكىستكە ئايلاندۇرۇلغان نۇسخىلىرى بار بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشنى قانداق شەكىلدە داۋام قىلدۇرۇش ۋە تاماملاشقا دائىر بىر قاتار كۆرسەتمىلەر كۆزگە چېلىقىدۇ. «قەتئىي مەخپىي» دەپ تامغا ئۇرۇلغان بۇ ھۆججەتلەردىكى كۆرسەتمىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن پىلانلانغانلىقىنى، شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «دۈشمەن سىنىپ» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

«بۇ بىر مەيدان ئۇرۇش!»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ھوقۇقدار شەخس، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرىتارى بولغان چېن چۇەنگو 2017-يىلى مايدىكى بىر نۇتۇقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق لايىھەلىگەن قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىشتا بۇنىڭ قانداقتۇر جىنايەت ئوبيېكتىلىرىغا زەربە بېرىش ھەركىتى ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل ئ‍ۇيغۇر مىللىتىگە قارشى «يوقىتىش ئۇرۇشى» ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. چېن چۇەنگونىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈچۈن «ناھايىتى چىرايلىق بولغان بىر قېتىملىق جەڭ» بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇشتا «چوڭ ئىش چىقماسلىق، ئوتتۇراھال ئىش چىقماسلىق، كىچىك ئىشمۇ چىقماسلىق» نى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مەيدان «قاتتىق ئۇرۇش» نى تاماملاش زۆرۈر ئىكەن. بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولسا دەل «قاتتىق زەربە بېرىش» نى تولۇق ئىجرا قىلىش لازىم ئىكەن.

چېن چۇەنگو بۇنى «بۇ دېگەن بىر مەيدان ئۇرۇش» دەپ شەرھىيلەش جەريانىدا بۇ خىل «قاتتىق زەربە بېرىش» نىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسى» نىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن «زىيانلىق» بولغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي «تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇش»، بۇنىڭغا قىلچىلىكمۇ شۈبھە ياكى گۇماندا بولماسلىق، تۇتقاندىن كېيىن قاتتىق ئەدەبلەش ۋە ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇنىڭدەك ئۇلارنى قاماققا ھۆكۈم قىلىشتا بەش يىلدىن تۆۋەن قاماققا مەھكۇم بولغانلارنى «ئۆگىنىش» ۋە «قوش تىل ئۆگىنىش» كە قاتناشتۇرۇش، قانۇن ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇش، نەچچە يىل كېتىشىدىن قەتئىنەزەر قايسى ۋاقىتتا بۇ ئۆگىنىشلەرنى رازى بولغۇدەك سەۋىيىدە تاماملىغاندا، ئاندىن قويۇۋېتىش تەكىتلەنگەن. ئومۇمەن خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىشەنچسىز» ياكى «زىيانلىق» دەپ قارىغانلىكى ئۇيغۇرنى «جەمئىيەتكە قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئاشۇ خىل ئىدىيەدىن ئۈزېل-كېسىل خالاس بولۇش» ىغا ھۆددە قىلغۇدەك دەرىجىدە «تەربىيەلەش»، ئۆزگىرىش ئېھتىمالى كىچىك دەپ قارىلىدىغان «ياۋا ئاخۇنلار» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى ئىمكان قەدەر سىرتقا چىقارتمايلا قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق «مەۋجۇت بولماسلىق» قا كېپىللىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ بولسا مەھەللىۋى ياكى رايون مىقياسىدا بەلگىلىك يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىكى كىشىلەرنىڭ لاگېرلاردا ئۆلۈپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنى ۋاستىلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

چېن چۇەنگو ئېيتىۋاتقان «زىيانلىق» كىشىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇق، زوراۋانلىق ۋە ئاشقۇنلۇق بىلەن زەھەرلەنگەن» دەپ قارىغان ياكى چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا «زەھەرلەنگەن» كىشىلەر بولۇپ، بىر ئائىلىدە بىر كىشى «زەھەرلەنگەن» بولسا ئۇنىڭ «زەھىرى» جەزمەن باشقىلارغىمۇ «يۇققان» بولىدىكەن. شۇڭا «زەھەرلەنگەن» كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئۇرۇشتا «داۋالاش» لازىم ئىكەن. ساقچى ئارخىپلىرى ۋە باشقا ھۆججەتلەر تەمىن ئەتكەن مەلۇماتلار بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئىسلامىي پائالىيەتنىڭ ھەرقاندىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇنداق «زەھەرلەنگەن» كىشىلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىليون ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇ بويىچە بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇشۇ خىل «ئۇرۇش» نىڭ ئوبيېكتىلىرى ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، 2017-يىلىدىكى تۇتقۇندا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 پىرسەنتى تۇتقۇن قىلىنىپ بولغانلىقى ئەنە شۇ سەۋەبتىن بولغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، بۇ قېتىمقى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى توپلامنى ئاخبارات ساھەسىگە ئېلىپ چىقىشقا ئاچقۇچلۇق رول ئ‍وينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنز، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «جىنايەت» ئىسپاتى بويىچە ئەمەس، ئەكسىچە «مۇناسىۋەت تورى» ئاساسىدا كىشىلەرنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«ساقچىلارنىڭ بۇ خىل يوسۇندا ئادەم تۇتۇشىدا ‹جىنايەت› ئەمەس، ئەكسىچە ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى مۇھىم دەستەك بولغان. يەنى مۇنداقچە ئالغاندا كىمنىڭ كىم بىلەن بولغان ئالاقىسى تۇتقۇنغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭدا ئەگەر بىر ئائىلىدىكى بىر كىشى ‹زەھەرلەنگەن› دەپ قارالغان بولسا ئۇنىڭ ‹زەھىرى› باشقىلارغىمۇ تارالغان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن ئالساق، ئاتا-ئانا بولغۇچىلاردىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹زىيانلىق› ياكى ‹زەھەرلىك› دەپ قارىغان بىر ئىشقا، مەسىلەن، دىنىي ئېتىقاد ياكى مىللىي ئۆرپ-ئادەتكەت چېتىلىپ قالغان بولسا ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن ‹زەھەرلەنگەن› دەپ قارىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە ئۇلار بىلەن چېتىشلىق بولغان باشقا كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئەنە شۇ تەرىقىدە بۇ سان بارغانسېرى زورىيىپ بارىدۇ. ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› دە بىز كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەنە شۇ تەرىقىدە تۇتقۇن قىلىنغانلاردۇر. باياتىن سىز تىلغا ئالغان 16 ياشلىق ئۆسمۈر تۇتقۇن گەرچە ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىغان بولسىمۇ، ئەنە شۇ خىل ئائىلە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىرى. يەنى ئاشۇ خىل ‹زەھەرلەنگەن› ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ ‹گۇناھى› بولۇپ قالغان.»

ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زور كۆلەمدە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ھەمدە بۇنى «بىر مەيدان جەڭ» دەپ تەسۋىرلىشى، ماھىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» دەپ ئاشكارا ئېلان قىلغانلىققا باراۋەر ئىكەن.

«بىر مىليون بالىنى تەربىيەلىدۇق!»

چېن چۇەنگونىڭ ئاغزاكى كۆرسەتمىلىرىدە ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن يەنە بىر ھادىسە ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىنى ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىگە قەدەر كېڭەيتىش بولغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ساقچى پونكىتلىرى ھەرقايسى پونكىت نۇقتىلىرى ئارىسىدىكى كىشىلەرنى، «ئون ئائىلە بىر ھالقا بولۇش» پەقەت ئون ئائىلىنى نازارەت قىلىشقا يارىغان بىلەن ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىنى نازارەت قىلىش ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن «ھېچقانداق ئۆلۈك بۇلۇڭ قالماسلىق، يوچۇق قالماسلىق ۋە بوش ئورۇن قالماسلىق» تەك باش نىشانغا يەتكىلى بولمايدىكەن. يەنە كېلىپ «ئىدىيەسى زەھەرلەرگەن» كىشىلەر تۈرمىلەردە ئوخشىمىغان قاماق جازالىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن يوشۇرۇن ھالدا داۋاملىق مۇقىملىقنى بۇزغۇچى شەخسلەر بولۇپ قالىدىكەن. بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ھەرقاندىقى شۇنداق بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش «ئىللىق نەزىرى» نى شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە ھەر بىر ئائىلىگىچە ئېلىپ كىرىش، بولۇپمۇ «نۇقتىلىق» ئائىلىلەرگە ئالاھىدە «نەزەر سېلىش»، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلە تورىدا ھېچكىمنىڭمۇ «زەھەرلەنمەسلىكى» گە ھۆددە قىلىش لازىم ئىكەن. بۇ بولسا دەل 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىش بەدىلىگە «تۇغقان بولۇش» نامىدا مىليونلىغان خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە سەپلەپ بولغانلىقىغا قارىتا ئېيتىلغان. چېن چۇەنگو شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى خۇلاسىلەپ: «ئىلگىرى بەزى يېزىلاردا تۇغقان بولۇش ئۈچۈن ئائىلىلەرگە كىرگەن كادىرلارنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغان ئىشلار يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن كادىرلىرىمىز بۇنىڭدىن قورققان ئىدى. ھازىر ئائىلىلەرگە كىرگەن كادىرلارنى ھەممەيلەن داستىخان سېلىپ كۈتۈۋالىدىغان بولدى» دېگەن. ئەمما بۇنىڭ قانچىلىك كىشىلەرنى لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ھېساۋىغا ئىشقا ئاشقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلمىغان.

چېن چۇەنگونىڭ پىكرىچە، «مەسىلىىسى بار» ئۇيغۇرلار جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جەزمەن يەنە «ئىش تېرىيدىغان» بولۇپ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىر مۇھىم چارىسى ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنى «تەربىيەلەش» ئىكەن. بۇ جەھەتتە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەرقايسى جايلاردىكى «قوش تىللىق» يەسلىلەر دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلاردا «تەربىيەلىنىۋاتقان» بىر مىليون گۆدەك «دۆلەت تىلى» نى ناھايىتى ياخشى ئۆگەنگەن؛ بىرنەچچە ئايدىلا خىتاي تىلىدا دۆلەت شېئىرى ئېيتالايدىغان، «ئۇلۇغ ۋەتەن» نى سۆيىدىغان، بېيجىڭنى ۋە تيەنئەنمېننى سۆيىدىغان بولۇپ چىققان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى مىسال قىلىپ: «مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئۈچۈن ئۈمىدۋار قىلغىلى، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ھەمدە پارتىيەدىن مىننەتدار بولىدىغان قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن. ئەمما بۇ بىر مىليون ئۇيغۇر گۆدەكنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىۋاستە سۆز قىلماستىن ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان «تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغانلارنىڭ بىرىنىمۇ بوش قويماسلىق» بويىچە بىر ياقلىق قىلىنىپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن، بۇ خىل كۆلەمدىكى سەبىيلەرنى «تەربىيەلەش» نىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن بەكمۇ ئەجەللىك زەربە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «تەربىيەلەش» مېتودى ئۇلاردىكى «خەتەرنى بىخ ھالىتىدىلا يوق قىلىش» چۈشەنچىسىدىن كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل «تەربىيەلەش» نىڭ كۆلىمى ۋە داۋام قىلىشى بۇ «خەتەر» ئۈزېل-كېسىل يوق بولغۇچە داۋام قىلىدىكەن.

«خۇددى شۇ شەكىلدە سابىق پارتىيە سېكرېتارى بولغان چېن چۇەنگو بۇ ھۆججەتتە ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى مەخسۇس تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلاردا يىل-يىللاپ تەربىيەلىگەن ھالەتتىمۇ بۇ خىل ‹زەھەر› نىڭ قالدۇقى تۈگىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇلارنى تولۇق كونترول قىلىش ۋە بۇنىڭ ‹زەھىرى› نى تولۇق تازىلاش ئۈچۈن ئەنە شۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى بۇ ھۆججەتلەردىن بەكمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.»

ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۇەنگونىڭ بۇ خىلدىكى كۆرسەتمىلىرى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقلىرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار باشقا ھۆججەتلەردىمۇ ئوخشىمىغان شەكىلدە ئەكس ئېتىدىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار. بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.