رۇنې سىتېنبېرگ: «خىتاينىڭ خوتەندە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئۇ جايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتۈنلەي يوقالمىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان «يەككە تىللىق مائارىپ» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى تەدرىجىي ھالدا سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 2-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنلىن 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تىلىنى ھەرقايسى مەكتەپ، كارخانا، يېزا-كەنت، سانائەت رايونلىرىدا تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 2017-يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش ھەققىدە ھۆججەت چىقارغان ئىدى. مەزكۇر ھۆججەتتە شۇ يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەرنىڭ بىردەك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىن مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەنىدى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 10 يىل خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، نۆۋەتتە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور گۈلنار ئەزىز خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى؛ بولۇپمۇ 2017-يىلى سېنتەبىردىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى دەرسلىكىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان، خىتاي تىلىدا مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
گۈلنار ئەزىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چەت ۋە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنى نۇقتا قىلىپ تاللىشى ۋە ئۇ جايدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى باشقا جايلاردا ئاللىبۇرۇن خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
«خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ چۈنلىن خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولغان كۈنلىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، تىل-يېزىق خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان؛ شۇنداقلا خىتاي تىلى-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى بەرپا قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناس پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولدى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش دۆلەت تىلىنى، يەنى خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىنى دەسسىتىش ئىكەنلىكىنى، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇنې ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەندە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ جايدا يەنىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تېخىچە قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 2019-يىلى ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار» ناملىق دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل ۋەزىيەت تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى تېز سۈرئەتلىك مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى قەدىمىنى ئېلىشقا باشلىدى» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت رايونلاردىكى يېزا-قىشلاقلىرىغىچە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى تېخى ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك نەتىجە بەرمىگەن، شۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەرىكەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.