Responsive Image

رۇسىيە تاجاۋۇزچى، ئىران مۇستەبىت، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتمۇ؟

رۇسىيە تاجاۋۇزچى، ئىران مۇستەبىت، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتمۇ؟گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شۇلىز(Olaf Scholz) خىتاي خەلق سارىيىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. بېيجىڭ، خىتاي 2022-يىلى 4-نويابىر.

د ئۇ ق تۇنجى قېتىم «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

59-نۆۋەتلىك «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنى 17-فېۋرال كۈنى ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى «باۋارىيە سارىيى» دا باشلاندى. 5 مىڭ ساقچىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا 40 دۆلەتنىڭ رەھبىرى، 100 گە يېقىن دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن پرىزدېنتى، باش مىنىستېرى، تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ، 650 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ تۇنجى قېتىم بۇ يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

ھالبۇكى، بۇ يىغىنغا رۇسىيە بىلەن ئىران تەكلىپ قىلىنمىغان. «مېركۇر» كۈندىلىك گېزىتى 17-فېۋرال ئېلان قىلغان «خەۋپسىزلىك كېڭىشى: كىملەر قاتنىشىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە 2022-يىلى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەن تاجاۋۇزچى دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىران ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ نامايىشىنى قانلىق باستۇرغان دىكتاتۇر دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنمىغان، ئەمما خىتاي تەكلىپ قىلىنغان. خىتاي ۋەكىلى ۋاڭ يى بۇ يىغىندا ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرىزدېنتى كامالا ھاررىس ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئانتونىي بىلىنكېن باشلىق 60 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.

ئۇ ھالدا، رۇسىيە تاجاۋۇزچى، ئىران مۇستەبىت بولسا، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتمۇ؟ 11 دۆلەت ۋە پارلامېنت ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان خىتاي قايسى سالاھىيەت بىلەن بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىدۇ؟

تۇنجى قېتىم «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىغا ئېرىشكەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يۇقىرىقى سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ دۇنيا تېنىچلىقى ئۈچۈن زور خەۋپ ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى ھەققىدە تېخىچە پىكىر بىرلىكىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، ۋاڭ يىنىڭ بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە يىغىن جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئەينى يىللىرى «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنىغا مۇخبىر سۈپىتىدە قاتناشقان ئىكەن. ئۇ بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر يىغىنغا رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ تەكلىپ قىلىنماي، خىتاينىڭ تەكلىپ قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

1963-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ميۇنخېن خەۋىپسىزلىك كېڭىشى» يىغىنى، دۇنيا خەۋىپسىزلىكىگە دائىر مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىدىغان خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق يىغىنلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ قېتىمقى يىغىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگىنىگە دەل 1 يىل بولاي دېگەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، يىغىن بۈگۈن 17-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 13:30 دا ئۇكرائىنا پرىزدېنتى زېلىنىسكىي، گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز ۋە فرانسىيە پرىزدېنتى ئىممانۇئېل ماكروننىڭ تور ئارقىلىق سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتۇقى بىلەن باشلانغان. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بېغىشلانغان. 3 كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە ميۇنخېن شەھىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرخىل مەزمۇنلاردا 10 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.