شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە خاتىرىلەندى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە خاتىرىلەندى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان مەشھۇر «دەۋر» مەيدانىدىكى ئېكراندا لەپىلدەۋاتقان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، 2023-يىلى 11-نويابىر، نيۇ-يورك

12-نويابىر ۋە بۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈنلەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقى مەلۇم.

11-نويابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان مەشھۇر «دەۋر» مەيدانىدىكى چوڭ ئېكراندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 15 سېكۇنتلۇق ۋىدىيونى ئېلان قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلىگەن. مەزكۇر ۋىدىيونىڭ باش قىسىمدا ئۇششاق ئۆرۈلگەن بوستان چاچلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى تۇماق، ئۇچىسىغا گۈللۈك كىمخاب كىيگەن بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ پورترېتى «Uyghur» دېگەن خەت بىلەن بىللە بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن لەپىلدەۋاتقان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق «12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان دۆلەت كۈنى» دېگەن خەتلەر بىللە كۆرسىتىلگەن. ئاخىرىدا «1933 & 1944 12-نويابىر، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» دېگەن خەتلەر بىلەن بىللە ساليوتلار ئېتىلغان كۆرۈنۈشلەر بېرىلگەن ۋە بۇ قىسقا ۋىدىيو دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بەلگىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.

نيۇ-يوركتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «دەۋر» مەيدانىدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ قانداق روياپقا چىققانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ ۋىدىيو «دەۋر» مەيدانىدىكى ئېكراندا 15-سېكۇنتتىن جەمئىي 8 قېتىم قويۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا پەقەت ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت ئەمەس، بەلكى تارىختا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان، شانلىق تارىخى بار مىللەت سۈپىتىدە تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقنى بىلدۈردى.

1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ، 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجادا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان.

پارىژ كوچىسىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش مەزمۇنىدىكى رەسىم ۋە ۋىدىيولارنى كۆرسىتىپ ئايلىنىۋاتقان چوڭ ئېكرانلىق ئېلان ماشىنىسى، 2023-يىلى 11-نويابىر، پارىژ

پارىژ كوچىسىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش مەزمۇنىدىكى رەسىم ۋە ۋىدىيولارنى كۆرسىتىپ ئايلىنىۋاتقان چوڭ ئېكرانلىق ئېلان ماشىنىسى، 2023-يىلى 11-نويابىر، پارىژ

12-نويابىر كۈنى مەركىزى فىرانسىيەدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىمۇ ناھايىتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلدا خاتىرىلىگەن. ئۇلار پارىژدىكى بىر ئېلان شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ چوڭ ئېكرانلىق ئېلان ماشىنىسىنىڭ ئۈچ تەرىپىدىكى چوڭ ئېكراندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشلەنگەن رەسىم ۋە بىر يېرىم مىنۇتلۇق ۋىدىيونى قويۇپ، پارىژ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئايلاندۇرغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئۇ يەنە ھەر خىل شەكىلدە دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق خەلقئاراغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئاز سانلىق مىللەت مەسىلىسى ئەمەس بەلكى مۇستەملىكە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئاخىردا چوڭ ئېكرانلىق ئېلان ماشىنىسىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش مەزمۇنىدىكى رەسىم ۋە ۋىدىيولارنى كۆرسىتىپ ئايلىنىش جەريانىدا ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئەھۋاللارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى سابىت داموللام باشچىلىقىدا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئەينى دەۋردىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىۋاسىتە قوراللىق باستۇرۇشلىرى بىلەن مەزكۇر جۇمھۇرىيەت ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالمىغان. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ 1944-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدا غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ھالبۇكى بۇ جۇمھۇرىيەتمۇ مۇرەككەپ تارىخىي ۋەزىيەت ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇزۇنغا داۋاملىشالمىغان.