Responsive Image

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى توغرىسىدا مۇھاكىمە

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى توغرىسىدا مۇھاكىمە

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

ئارمىيە – بىر دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتى، شۇ دۆلەت خەلقلىرى، ئۆز دۆلەت زېمىنىدا ئەركىن، زۇلۇمدىن خالى، پاراۋان ياشىشىنىڭ ئاساسى. ئارمىيىسى كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن خالى بولالايدۇ، خەلقلىرىمۇ زۇلۇمدىن خالى، پاراۋان ياشايدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1945- يىلى 2- ئايدا ئېلى ۋىلايىتىنى پۈتۈنلەي ئازات قىلدى. نۆۋەتتىكى ھەربىي ۋەزىپە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ئۆزىنىڭ پارتىزان قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،مۇنتىزىم زامانىۋى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قوشۇننى ئۇمۇمىي يۈزلۈك قوراللاندۇرۇش، ھەربىي مەشقنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشنى نىشان قىلغان. بۇ ۋاقىت يېرىم مىليون ئەتراپىدا نوپوسى بولغان ئەلى ۋىلايىتىنىڭ تولۇق ئازات بولۇشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسىنى قۇرۇشتىكى شەرت- شارائىتىنى ھازىرلىغان ۋە تەقەززا قىلغان بىر شارائىتتا ئىدى.
1945- يىلى 2-ئاينىڭ 6- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، „19- نومۇرلۇق قارارنى“ ماقۇللاپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنىنى قاراردىن ئۆتكۈزدى. بۇ قانۇندا شەرقىي تۈركىستاندىكى 20 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان بارلىق گراژدانلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەجبۇرىيىتى بارلىقى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ۋاقتى 3 يىل بولۇش بەلگىلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق ئازات قىلىش ئۈچۈن ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئەلىپ بېرىش، ئازاتلىق ئۇرۇشى ئېھتىياجى دەۋرى بولغاچقا، 23 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان، بارلىق ئەرلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتۈشى،بارلىق ھەربىي چىقىمنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى، ئەسكەر- ئوفىتسېرلارنىڭ كىيىم- كېچەك، ئوزۇق- تۈلۈك، قورال بىلەن تەمىنلەشنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەربىي سەپكە قاتناشقانلار ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ جان- سانىغا ئاساسەن قوشۇمچە ياردەم قىلىش قاتارلىق بەلگىلەندى.
1945- يىلى 2-ئاينىڭ 10- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى ئارمىيىنىڭ ھەربىي تەمىناتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن „21 نومۇرلۇق قارار“ نى ماقۇللىدى. „ 21 نومۇرلۇق قاراردا“ : ھەربىي قوشۇننىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ 1300 تۇياق ئات ھازىرلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قوشۇن، ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى ھەل قىلىشقا تاپشۇرۇش بەلگۈلەندى.
1945- يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يىغىن ئېچىپ، قۇرۇلماقچى بولغان مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرەدە: شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى باش قوماندانلىق شتابىنى „ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي قوماندانلىق باش شىتابى“ غا ئۆزگەرتىش، باش شتاب تەركىبىدە سىياسى بۆلۈم، ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى، ھەربىي سوت مەھكىمىسى، ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى، رازۋېتكا بۆلۈمى، جەڭ قىلىش بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈمى، قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بولۇشى قارار قىلىندى.
ئەينى چاغدا رەھىمجان سابىر ھاجى، ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارمىيە قۇرۇشتىكى مەخسۇس بىر ھەيئەت قۇرۇلغان. بۇ ھەي ئېت رەھىمجان سابىر ھاجى يېتەكچىلىكىدە، ئىۋان پالىنوف، ئەخمەتجان قاسىمى، تېيىپ ھاجى باسىتوف، زۇنۇن تېيىپوف قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ زاپقان. ئۇلار قۇرۇلغۇسى مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ئىنتىزام – قائىدىلىرى، قوشۇنلارنىڭ تۈرى، ھەتتا ھەربىي فورما، بايراق، شۇنداقلا بارلىق ھەربىي قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. بۇ توغرىدىكى تالاش- تارتىش نەتىجىسىدە، ئارمىيە قۇرۇشتىكى لاھىيەنى ئىشلەش خىزمىتى ئاخىرى ئەخمەتجان قاسىمغا ھاۋالە قىلىنغان. ئارمىيە قۇرۇشتىكى لاھىيە، مۇزاكىرە جەريانىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلىنغان. بەزىلەر تۈركىيەنىڭ ئۇسۇلى بويىچە“ شەرقىي تۈركىستان ئوردىسى“ دېگەن تەكلىپنى بەرسە، بەزىلەر „ئىسلام قوشۇنى“، „ئازاتلىق قوشۇنى“ „مىللىي ئارمىيە“ دەپ ئاتاشتەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەخمەتجان قاسىمى، تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، قۇرۇلغۇسى ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ھەربىي فورمىسى ۋە باشقا تەرەپلىرى توغرىسىدا تۈزگەن لاھىيەسى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قايىل قىلىدۇ، ئەلىخان تۆرىمۇ لاھىيەنى قوبۇل قىلىدۇ.
لاھىيەدە قۇرۇلغۇسى ئارمىيەنى „ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى“ دەپ ئاتاش، ھەربىي فورما، قوشۇن تۈزۈلۈشى، ئۇنۋان، ۋە باشقا تەرەپتە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللاۋاتقان، مەلۇم دەرىجىدە ياردەم كۆرسىتىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ مودەلىنى ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ لاھىيەنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رولى ئىنتايىن زور بولغان.
ئارمىيەنىڭ ھەربىي فورمۇلىرى، ئۇنۋان ۋە قوشۇن تەركىب سىستېمىسى، چار روسىيە ۋە سوۋېت ئارمىيەسى مودەلىنى ئۈلگە قىلغان بولسىمۇ ئەمما پاگون، كاكارلىرى، ۋە ئوردېنلىرى شۇنىڭدەك كىيىم ۋە بىر قىسىم ھەربىي قائىدىلىرى يەنىلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىگى، غايىسى بويىچە بېكىتىلگەن.
كاكارلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان كۆكۈش رەڭلىك ئاينىڭ ئىچىگە ئېلىنغان يۇلتۇز بولۇپ، يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان. ھەربىي بايراق يېشىل رەڭلىك بولۇپ، بايراققا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان ئاي- يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مېدال- ئوردېنلارغىمۇ ئاي- يۇلتۇز ئورۇنلاشتۇرۇپ لاھىيەلەنگەن.
ھەربىي ئۇنۋانلار تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقۇرى ۋە ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان تۈزۈمى بويىچە تەسىس قىلىنغان. ئالى دەرىجە مارشال، گېنېرال لېتنانت بولۇپ، مارشال ئۇنۋانى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرىگە بېرىلگەن. ھەربىي ئۇنۋان، ئاتالغۇلىرى، كۆپىنچە سوۋېت ئارمىيەسى ئاتالغۇسى بويىچە رۇسچە ئېلىنغان بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە بۇ ئاتالغۇلار خەلقارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇلار ئىدى. يەنى ئارمىيە، كورپۇس، دىۋىزىيە، پولىك، باتالىيون، روتا، مارشال، گېنىرال، پولكوۋنىك، مايور، كاپىتان قاتارلىقلار.
1945- يىلى 3- ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىر ھاجىنىڭ ئورنىغا ھەربىي ئىشلار نازىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىق شىتابى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بۆلۈملەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، قۇرۇلۇشى ئەخمەتجان قاسىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەلىپ بېرىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى مۇنتىزىم قوشۇنلىرى، شۇنىڭدىن باشلاپ رەسمى تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى دەپ ئاتالدى.
جىددىي تەييارلىق قىلىش، پارتىزان ئەترەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، غۇلجا، سۈيدوڭ ۋە باشقا جايلاردا قۇرۇلغان پولىك، باتالىيونلار رەسمى تۈردە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ مۇنتىزىم ئاتلىق، پىيادە پولىك، باتالىيونلىرىغا ئۆزگەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ياشلار يەڭىدىن قوبۇل قىلىنىپ، مۇنتىزىم ھەربىي مەشققە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
1945- يىلى- 4-ئاينىڭ 3- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ھۆكۈمەت ھەيئىتى يىغىن چاقىرىپ، „43- نومۇرلۇق قارار“ نى ماقۇللىدى. „ 43 نومۇرلۇق قارار“ دا، ئارمىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھەربىي فورمىلىرى، ھەربىي ئۇنۋانلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، 1945- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ئارمىيەسىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بېكىتىلدى.
غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم پولىك، باتالىيونلار ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى جاكارلاش ۋە پاراتتىن ئۆتۈشكە جىددىي تەييارلىق قىلدى. كوماندېر- جەڭچىلەرگە يېڭىدىن تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي فورمۇلىلىرى تارقىتىپ بەرىلدى.
1945- يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى تۇغ مەيدانىدا داغ- دۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە تەن- تەنە بىلەن رەسمى جاكارلىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە، مۇئاۋىن رەئىس ھاكىمبەگ خوجا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىرىدىن ئىشاقبېگ مۇنۇنوف، زۇنۇن تېيىپوف، ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف، ھەربىي ئىشلار نازىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك مەمۇرى، ھەربىي رەھبەرلەر ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىمىدا سەھنىدىن ئورۇن ئالدى.
ئېلىخان تۆرە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ كاپالىتى بولغان مۇنتىزىم ئارمىيە- شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا، غۇلجىدا ھەربىي تەلىم- تەربىيە ئېلىۋاتقان ئەسكەرلەردىن باشقا غۇلجا خەلقى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىدارە- جەمىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ 10 مىمگدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەيدان گۈلدۇراس ئالقىش ساداسىغا تولدى. ئارقىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ باش، مۇئاۋىن قوماندانلىرى، شىتاب باشلىقلىرى ۋە ھەرقايسى قوشۇنلار كوماندېرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى پولىك، مۇستەقىل باتالىيونلارغا“ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن“ ئالغا“ دىگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئاي- يۇلتۇزلۇق يەشىل، ھەربىي بايراقلارنى تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى ئېلىخان تۆرە ئۆز قولى بىلەن بايراقنى ھەرقايسى قىسىم كوماندېرلىرىغا تاپشۇرىدۇ. كوماندېرلار بايراقنى ئوڭ قولى بىلەن يۈزىگە بېسىپ تۇرۇپ تاپشۇرۇپ ئېلىشتى.
بايراق تاپشۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى گېنىرال ئىۋان پالىنوف قوماندانلىقىدا، ئېلىخان تۆرەنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەرقاسى پولىك، مۇستەقىل باتالىيونلار ئۆز رېتى بويىچە پاراتتىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
ھەيۋەتلىك مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى رەت- رېتى بويىچە، مارش دەسسەپ پاراتتىن ئۆتكەندە ھاياجانغا چۆمگەن غۇلجا خەلقى چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى، ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىدىن پەخرلىنىپ كۆز- ياشلىرىنى توختىتالمىدى. ئاي- يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، لوزۇنكىلار ھەممە ياقنى قاپلىدى.
بۇ كۈن پەقەت غۇلجا خەلقىنىلا ئەمەس بەلكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاياجانغا سالدى. „شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيەسى“نىڭ قۇرۇلۇشى، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىققا، ھۆرلۈككە، مۇستەقىللىققا تەشنا ئارزۇسىنى نامايەن قىلغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى، تاجاۋۇزچىلارغا باش ئەگمەس قەت íي ئىرادىسى ۋە كۈرەشچان جاسارىتىنى نامايەن قىلىپ، تارىختا ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇردى.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2021- يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى.