«شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قاراپ چىقىش» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە 4- ماي كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قاراپ چىقىش» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
بۇ دوكلات ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى 1949- يىلى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن؛ شۇڭا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پەقەتلا بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىلا بولماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر بىر مىللىي مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىپ «بۇنى خەلقئارا جامائەتكە تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قايىل قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلار <شەرقىي تۈركىستان> دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا باھا بېرىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەتقىقات تۈرىنى باشلىدۇق» دېدى. شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بېرىشكە مايكول ۋان ۋالت ئەپەندىنى مۇنبەرگە تەكلىپ قىلدى.
مايكىل ۋان ۋالت (Michael van Walt) ئەپەندى كۆپكە تونۇلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتى ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ، سەپداشلىرى بىلەن بۇ تەتقىقات تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن. ئۇ سۆزىدە بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختىلىپ «بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتكەن 2000 يىلدىن بۇيان كىملەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغانلىقىغا قاراپ چىقتۇق. شۇنداقلا يالغۇز ئۇيغۇر ئېلى ئەمەس، بەلكى خىتايلار ياشاۋاتقان ۋە بۈگۈن <خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى> دەپ بىلىنىدىغان بۇ زېمىننى كىملەرنىڭ ئىدارە قىلغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتلارغىمۇ قاراپ چىقتۇق. مانا مۇشۇ يوسۇندا مۇستەملىكىچىلىك ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ تارىختىكى ئۆرنەكلىرىگە قاراپ چىقىش ھەمدە خەلقئارالىق قانۇنلارنى تەدبىقلاش ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە باھا بەردۇق» دېدى.
مايكىل ۋان ۋالت سۆزىدە تارىختىكى «خىتاي» ئۇقۇمى ۋە «خىتاي»دىن ئىبارەت بۇ سۆزگە مىللەت، تېرىتورىيە ۋە ھۆكۈمەت نۇقتىسىدىن ئىزاھات بىرىپ، ئۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتىكى بەزى خۇلاسە خاراكتېرلىك بايانلارنى ئوقۇپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا ئۆزلىرى يەكۈنلەپ چىققان «شەرقىي تۈركىستان زېمىنى قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى ياكى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى، دەيدىغان پىكىر پۈتۈنلەي خاتا؛ تارىختىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە بۈگۈنكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تۇتىشىدىغان بىر خىتاي <خەن> دۆلىتى بولۇپ باقمىغان؛ چىڭ ئىمپېرىيىسى خىتاي دۆلىتى ئەمەس؛ 1912-يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان ئىككى يېرىم ئەسىردە خىتاي دۆلىتى بولۇپ باقمىغان؛ پەرەز قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوخشاش بىر زېمىننى پەرقلىق ئىسىم بىلەن ئىگەللىگەن ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغان ئەمەس» دېگەنلەرنى ئايرىم – ئايرىم نۇقتىلار بويىچە شەرھلەپ چىقتى.
ئۇ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىزنىڭ قولىمىزدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قۇربانلىرى، دەپ قاراشقا يېتەرلىك ئىسپاتلار بار» دېدى.
يىغىن ئاخىرىدا ئۇ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بۇ تېما ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ دوكلاتى ھەمدە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خۇلاسە بايانلىرى، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى ئىزاھ خاراكتېرلىك بايانلار يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
مايكىل ۋان ۋالت ئەپەندى بۈگۈن يەنە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. بىز كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.