تەتقىقات يېتەكچىسى تىم نىۋېن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاقارتىش تەشۋىقاتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ»

تەتقىقات يېتەكچىسى تىم نىۋېن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاقارتىش تەشۋىقاتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ» «قايتا ئويلىنىش لابوراتورىيەسى»(Doublethink Lab) ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئىشلىتىلگەن سۈرەت. 2023-يىلى 28-سېنتەبىر.

باش مەركىزى تەيۋەندىكى تەتقىقات مەركىزى قايتا ئويلىنىش لابوراتورىيەسى (Doublethink Lab) 28-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ھەققىدە يېڭى تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. «شەرقى تۈركىستاندىكى قىلمىشلارنىڭ يوشۇرۇلۇشى» (Whitewashing East Turkistan) ۋە «خوڭكوڭدىكى قىلمىشلارنىڭ يوشۇرۇلۇش» (Whitewashing Hong Kong) سەرلەۋھىلىك ئىككى پارچە دوكلاتتا ئايرىم ئايرىم ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قارىتا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

«شەرقى تۈركىستاندىكى قىلمىشلارنىڭ يوشۇرۇلۇشى» ناملىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار 2021- ۋە 2022-يىللىرىدىكى خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ھېساباتلىرى، خىتاينى قوللايدىغان مىللەتچىلەر ۋە خىتاي تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان تور چولپانلىرىغا تەۋە دەپ قارالغان ھېساباتلار تارقاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت 1647 تۋىتتېرنى (X) نى يىغىپ تەھلىل قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللايدىغان سىياسىي تەشۋىقاتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئىكەن. بۇ خىل ھىساباتلار يەنە ساختا ھېساباتلار بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ توردا كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرىدىكەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھېساباتلار ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتىدا «گۈزەل شىنجاڭ»، «خۇشال ئۇيغۇرلار»، «ئىجتىمائىي ئىلگىرىلەش»، «زور تەرەققىيات» ۋە «غەرب زومىگەرلىكى» قاتارلىق بەش چوڭ تېمىنى ئىشلىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ بەش خىل تېمىدىكى تەشۋىقاتلارنى ئايرىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە دوكلاتتا تەپسىلىي توختالغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ھىساباتلىرى مۇشۇ بەش خىل تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ساختا تەشۋىقات تارقىتىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەت پىكرىنى بۇرمىلاپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقات يېتەكچىسى تىم نىۋېن (Tim Niven) ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاقارتىش تەشۋىقاتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئادالەت ئىزدەۋاتقانلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ ۋە توغرا سىياسەت بەلگىلەشكە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەشۋىقاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۆزى نىشان قىلغان كىشىلەرگە «جىنايەتچى» ياكى «تېررورچى» دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ، ئۇلار ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىدۇ. دوكلاتىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق بايقاش شۇكى، تۋىتتېر (X) تىكى تەشۋىقات ھېساباتلار ئۇيغۇرلارنىڭ «خۇشال» ۋە «ياخشى» ياشايدىغانلىقىنى ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلار، سەھنىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت باغچىلىرى ھەققىدىكى قىسقا ۋىدىيولار ئارقىلىق كۈچلۈك تەشۋىق قىلىدىكەن. ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىكى مۇشۇ خىلدىكى قىسقا ۋىدىيولار ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇشى مۇمكىن.»

ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانغۇچلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانغۇچىلىرى شۇنى بىلىشى كېرەككى، خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقاتچىلىرى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى نورمال ئادەملەرگە ئوخشايدۇ. سۇپىسى يېقىندا نۇرغۇن يېڭى قائىدىلەرنى يولغا قويدى، بۇ قائىدىلەر سۇپا بىخەتەرلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، تور تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ قىلمىشنى قولايلاشتۇردى. كە ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ھىساباتلارنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. بىز دوكلاتىمىزدا تىلغا ئالغان تەشۋىقات تېمىلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاقارتىش تەشۋىقاتىدىكى ئەندىزىلەرنى ئايرىۋېلىشقا ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا ياردەم قىلغان ئورۇنلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى تاشقىن دۆلەت ئەپەندى رادىئويىمىزنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دوكلات خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرسىتىۋاتقان تەشۋىقات ئۇرۇنۇشلىرىنى تەھلىل قىلغان. دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا نېمىنى كۆرسىتىشنى خالىسا شۇنىڭ تەشۋىقاتنى كۈچەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيانى خىتاي كومپارتىيەسنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى كىشىلەرنىڭ دۇنيادا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن ئۇچۇر ئالدىغان ئاساسلىق ۋاستىغا ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى دەۋردە، مۇشۇ دوكلاتقا ئوخشاش تور يۈزىدىكى ساختا-تەشۋىقات ۋە ھەر خىل قايمۇقتۇرۇشلارنى ئايرىش ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانغۇچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق دەپ قارايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە قاتتىق ئۇچۇر كونتروللۇقى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەر قانداق بىر ھەقىقىي ئۇچۇرنىڭ خىتايدىن چېقىشىغا يول قويمايدۇ. دۇنيانىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ قانچىلىك مۈشكۈللۈكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمگە قانچىلىك موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

دوكلاتتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت مۇھىم تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچى تەكلىپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتقا، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا تېخىمۇ ھوشيار بولۇشىنى تەكىتلىگەن. ئىككىنچىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ زۆرۈر مەنبەلەرگە مەبلەغ سېلىپ، تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇلارنى تور يۈزىدىن يوقىتىشى كېرەكلىكى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆپ يوللۇق تور ئالاقىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىدىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئۈچىنچىدىن تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان. ئاخىرىدا ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىغا دائىر قانۇن-نىزاملارنى كۈچەيتىپ، سىياسىي تەشۋىقات ۋە يالغان خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتقا قاتناشقان شەخس ۋە ئورۇنلارغا قارىتا كونكرېت جازا يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

تىم نىۋېن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «تەتقىقاتىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا بارغانسېرى ئامالسىز قىلىۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەتىنىڭ بىز دوكلاتتا كۆرسەتكەن پاكىتلار، ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىلىرىمىزگە دىققەت قىلىشىنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيادا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ھەرىكىتىدىن داۋاملىق ئاگاھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

قايتا ئويلىنىش لابوراتورىيەسى 2019-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، رەقەملىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دېموكراتىيەنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان. ئۇلارنىڭ تەتقىقات تېمىسى ئاساسەن رەقەملىك قوراللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن.