Responsive Image

توققۇزاق ساقچى ئارخىپلىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى خاتىرىلەنگەن مەريەم ئىسمائىلنىڭ دادىسى تۈرمىدە جان ئۈزگەن

توققۇزاق ساقچى ئارخىپلىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى خاتىرىلەنگەن مەريەم ئىسمائىلنىڭ دادىسى تۈرمىدە جان ئۈزگەنلوپنۇر ناھىيەسىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەز» ئىنى يۇقىرىدىن كەلگەن ئەمەلدار كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلانغان توققۇزاق ساقچى ئارخىپلىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مەريەم ئىسمائىلنىڭ، 2017-يىلى دادىسى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئانىسى ئېغىر پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى. ئارخىپتىكى بۇ ئۇچۇر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەريەم ئىسمائىلنىڭ دادىسى ئىسمائىل مىجىتنىڭ 9 يىللىق كېسىلىپ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

توققۇزاق ساقچى ئارخىپلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەريەم ئىسمائىل، 2017-يىلى 19-دېكابىر كۈنى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان. ئارخىپتا يەنە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە شۇ يىلى دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئاپىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزچىل سوراققا تارتىلىپ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىشى سەۋەب بولغان.

بىز ئارخىپتىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ۋە مەريەم ئىسمائىلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇن ئىنستىتۇتى ئىشخانا خادىمى شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

مەزكۇر ئارخىپتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەريەم ئىسمائىل ھەققىدىكى ئۇچۇرلار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋاڭۋېي ۋە ئۆمەرجان مامۇت ئىسىملىك ئىككى نەپەر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن ۋە ئالاقىدار ئورگانغا يوللانغان. ئۇنىۋېرسىتېت ساقچىخانا خادىمى، مەريەم ئىسمائىلنىڭ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ بەش يىل بۇرۇنقى ئىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەزگۈر بىر ۋەقە ئىكەنلىكى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە مەمتىمىن ئىسىملىك بىر ساقچى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. يەنە بىر ساقچى خادىمىمۇ، مەريەم ئىسمائىل ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەپ بېرىپ بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى ھەم بۇ ھەقتە تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما ئۇمۇ مەزكۇر ئارخىپتىكى مەريەم ئىسمائىل ۋە ئاتا-ئانىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

توققۇزاق ساقچى ئارخىپلىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى خاتىرىلەنگەن مەريەم ئىسمائىلنىڭ ساقچى دوكلاتى.

توققۇزاق ساقچى ئارخىپلىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى خاتىرىلەنگەن مەريەم ئىسمائىلنىڭ ساقچى دوكلاتى.

مەزكۇر ئارخىپتا يەنە خاتىرىلىنىشىچە، ساقچى ئۆمەرجان مامۇت، مەريەم ئىسمائىلنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ياتاق بىناسى ئەتراپىنى ئىزچىل نازارەت قىلغان ۋە شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شۇ ئۆلۈم ۋەقەسىدىن باشقا ھېچقانداق غەيرىنورمال ئەھۋال بايقالمىغانلىقىنى خاتىرە قالدۇرغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەرجان ئىسىملىك ساقچى، بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئۆز ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى خادىمى، مەريەم ئىسمائىلنىڭ تەتىلدىكى مەزگىلىدە دادىسىنىڭ قول تېلېفونىنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە تېلېفوندا بىر قىسىم «قانۇنسىز ئۇچۇرلار» نى كۆرگەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك دادىسىنىڭ سوراققا ئېلىنغانلىقى ۋە قىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ سوراق جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ھەم تېلېفونىنى قىزى ئىشلەتكەنلىكىنى يوشۇرغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ سەۋەبتىن «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئارخىپتا، مەريەم ئىسمائىلنىڭ ئەسلى نوپۇسى شايار ناھىيە، گۈلباغ يېزا ئاقئېرىق كەنتىگە تەۋە ئىكەنلىكى يېزىلغان. گۈلباغ يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتى خادىمى، مەريەم ئىسمائىلنىڭ مەھەللىدە مارىگۈل ئىسمائىل دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئاۋۋال جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەريەمگۈل دادىسى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئاۋۋال يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپىسى بولسا، پېنسىيەگە چىققان كەنت سېكرېتارى ئىكەن. گۈلباغ يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر خادىم، ئىسمائىل مىجىتنىڭ تېلېفونىدىن «چاتاق» چىقىپ 9 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىسە، يەنە بىر خادىم، ئۇنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئارخىپتا خاتىرىلىنىشىچە، مەريەمگۈلنىڭ ئانىسى ئۆزى ئۇچراۋاتقان ئاۋارىچىلىكىنى ئۇنىڭغا كۆز يېشى قىلغان ھالدا داۋاملىق مەلۇم قىلىپ تۇرغان ۋە بۇ ئەھۋال مەريەم ئىسمائىلغا قاتتىق تەسىر قىلغانىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلباغ يېزا ئاقئېرىق ساقچى خادىمى، شۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ مەريەم ئىسمائىلنىڭ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە 5 نۇقتىلىق شەخسكە مەسئۇل بولغانلىقى، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ كەيپىياتىنى دەڭسەيدىغانلىقى ۋە ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بولغان بېرىش-كېلىشىنىمۇ نازارەت قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.