Responsive Image

تۇرپاندىكى بىر ساقچى خادىمى: توپلىشىپ ئىپتار قىلغانلار بىرقانچە يىللىقتىن كېسىلىدۇ

تۇرپاندىكى بىر ساقچى خادىمى: توپلىشىپ ئىپتار قىلغانلار بىرقانچە يىللىقتىن كېسىلىدۇمەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ كەلگەن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 6-ئاۋغۇست، قەشقەر.

ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلدىن ئېتىبارەن ئۇدا ئۈچ يىل روزى تۇتۇشنى قاتتىق چەكلىگەن خىتاي دائىرىلىرى 2021- ۋە 2022-يىللىرى بۇ چەكلىمىلىرىنى بىرئاز يۇمشاتقان ۋە ياشتا 65 تىن چوڭلارنىڭ روزى تۇتۇشىغا يولغا قويغانىدى ۋە رامزان مەزگىلىدىكى ئۆي تەكشۈرۈش ۋە كوچا چارلاش ئىشلىرىمۇ نىسبەتەن ئازايغانىدى. بۇ يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تۇرپاندىكى ساقچى خادىملىرى، رامزاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن يېڭىدىن بىر ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكى ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىي بويىچە، بۇ رامزاندا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق كىشىنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئىنكاس ۋە ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى رامزان چەكلىمىلىرى خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگىرىشچان سىياسىتى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ شەخسىي خاھىشى بويىچە ئىش تۇتۇشى نەتىجىسىدە كۆپ چاغلاردا قاتتىق ھالەتتە داۋام قىلسا، يەنە بەزەن قىسمەن يۇمشاش ئالامەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە. بىز رامزان چەكلىمىسىنىڭ بۇ يىلقى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

كۆپىنچە ساقچى خادىملىرى، رامزان بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بەزىلەر بولسا، ئۆز ئىشخانىسىدىكى ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، رامزان چەكلىمىلىرىنىڭ قاتتىق ھالەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن شەپە بەردى.

تۇرپان شەھىرىدىكى بىر تارماق ساقچى ئىدارىسى خادىمى، رامزان چەكلىمىسىنىڭ يىللاردىكىگە ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن روزا تۇتۇشقا بۇ يىلمۇ رۇخسەت يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.

تۇرپان شەھەر ئىچىدىكى بۇ ساقچى خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇرپاندىمۇ بۇ يىلمۇ، رامزان مەزگىلدە ئۆي تەكشۈرۈش، كوچا چارلاش ۋە مەسچىت ئاختۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. بۇ خادىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چارلاش داۋامىدا ئاھالىلەرنىڭ زوھۇرلۇق ئۈچۈن ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغان-تۇرمىغانلىقى، كەچلىرى ئىپتارغا يىغىلغان-يىغىلمىغانلىقى تەكشۈرۈلگەن.

تۇرپان شەھەر ئىچىدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى، بۇ يىللىق رامزانلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئۆزلىرى تەكشۈرۈۋاتقان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر سۈپىتىدە ئەتىگەندە زوھۇرلۇققا تۇرۇش ۋە ئاخشاملىرى ئىپتارغا توپلىنىشنى ساناپ ئۆتتى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى رامزان چەكلىمىسى بىرئاز يۇمشىغان مەزگىللەردە پەقەت پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ روزى تۇتۇشى چەكلەنگەن، قالغانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا چەكلىمە قويۇلمىغان، ئەمما روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشمۇ بولمىغان. مەزكۇر سىياسىي يېتەكچىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل تۇرپاندا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر روزا تۇتۇش ئومۇميۈزلۈك چەكلەنگەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، رامزان مەزگىلدە قانۇنغا خىلاپ قىلغانلارغا يېنىكرەك ئەھۋالدا تەربىيە بېرىش، ئېغىر بولغاندا قانۇنىي جازاغا تارتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. ئۇقتۇرۇشتا، توپلىشىپ ئىپتار قىلىش ئەڭ ئېغىر قانۇنسىزلىق دەپ بېكىتىلگەن. مەزكۇر خادىم توپلىشىپ ئىپتار قىلغانلارنىڭ بىرقانچە يىللىق كېسىلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتتى. مەزكۇر سىياسىي يېتەكچىنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، بۇ يېڭى ئۇقتۇرۇش، بۇ يىل رامزان باشلىنىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇقتۇرۇلغان.

مەزكۇر خادىم، ئاھالىلەرنىڭ بۇ تۈزۈمگە «ئاڭلىق» بويسۇنۇۋاتقانلىقى، ئۆز مەسئۇل تەۋەلىكتىن ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ سوراققا تارتىلغان 40-50 چە كىشى بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تېخى بولمىغانلارنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدا تۇرپاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان خىتاينىڭ رامزان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.