Responsive Image

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدى

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدىدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 8-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

خەلقئارادىكى داڭلىق ئادۋوكاتلار، ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شاھىتلارنىڭ ئىشتىراكىدا، شۇنىڭدەك «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان 2021-يىلىدىكى ئۇيغۇر سوتى شۇ يىلى 9-دېكابىر كۈنى رەسمىي ھالدا «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. مەزكۇر خەلقئارا سوتنىڭ بۇنداق بىر قارار چىقىرىشى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى رېئاللىقنى تونۇپ يېتىشى ھەمدە بۇ ھەقتە قارار ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ئەنە شۇنداق رېئاللىق ئالدىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلەر 9-دېكابىرنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دەپ بېكىتىپ بۇ رېئاللىقنى دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش ۋە ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى ئۇيغۇر سوتى چىقارغان مەزكۇر ھۆكۈم ئېلان قىلىنغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ «قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسى يەنىلا كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىش قىيىنغا چۈشىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە ھەرقايسى ساھەنى تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتلىق قىلىش ھەمدە بۇ جەھەتلەردىكى تېگىشلىك بېسىملارنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى8-دېكابىر كۈنى بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

يىغىن رىياسەتچىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى مۇستاپا ئاقسۇ ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شۇنىڭدەك يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر سوتى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم كۆرسىتىلىش ئارقىلىق «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنىڭ قانچىلىك سالماق خىزمەتلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بۇ خىل رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش، يوشۇرۇش ھەمدە بۇ ھەقتە كېچىكتۈرۈپ تەدبىر ئېلىشنىڭ خاتالىقى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى.

يىغىن مېھمانلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ بۇ ساھەدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر سوت ئېلان قىلغان ھۆكۈم كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ، ھەتتا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلارنى ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەزى قانۇنلار ماقۇللانغان. شۇ سەۋەبتىن 9-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش زۆرۈر بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ھەققانىي كۈرەشنى ئىزچىل داۋام قىلىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قىيىنغا چۈشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنبە بولۇشتەك رولى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارارلار ئېلىنغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب چېكىشى، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلەملىشىشى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە خىتاينى خەلقئارا سوتقا ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق ئادالەتنى جارى قىلدۇرۇشقا يول ئېچىش، شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى سورۇن قىلغان ھالدا بۇ مەسىلىنى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلدۇرۇش مۇھىم خىزمەتلەردىن ھېساپلىنىشى لازىم.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئادۋۇكاتى ساراھ تېيچ (Sarah Teich) خانىممۇ بۇ جەھەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، قانۇنىي يوللار ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر سوتى چىقارغان ھۆكۈمدە ئېنىق قىلىپ بۇنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. يەنە كېلىپ خەلقئارا قانۇندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلارنى چەكلەش ۋە توسۇش مەجبۇررىيىتى بارلىقىمۇ بېكىتىلگەن. ئەمما ھازىر قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقتىن بۇنى چەكلەشمۇ قىيىنغا چۈشۈشكە باشلىغان.

يىغىن ئارىلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن جېننېفىر ۋېكستون (Jennifer Wexton)، ياڭ كىم (Young Kim)، بېن كاردىن (Ben Cardin) قاتارلىقلارنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا يوللىغان ۋىدىيولوق تەبرىكى ۋە سالاملىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. بولۇپمۇ بېن كاردىن ئەپەندىنىڭ «مىڭلىغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئازاپ تارتىۋاتقاندا، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنىدە بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زۇلۇملىرىغا قارشى سۆز قىلىشنى داۋام قىلدۇرىمىز» دېگەن سۆزلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يىغىن مېھمانلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن قاتارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ خەلقئارانى بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش، ئويغىنىش ھەمدە بۇ مەسىلىدە ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.

بولۇپمۇ ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن سۈبھىنۇر ئەلئەمىننىڭ شەخسىي كەچۈرمىشى يىغىن ئەھلىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. ئۇنىڭ دادىسى ئۆز يۇرتىدا قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆزگە كۆرۈنگەن بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ سودا ئىشى بىلەن چەت ئەللەرگە چىققانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغان. بىر مەزگىللىك قاماق ۋە «تەربىيەلەش» تىن كېيىن شۇنچە ساغلام ۋە بېجىرىم بولغان بۇ زات ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ 47 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ خىل رېئاللىق ياش سۈبھىنۇرنى دادىسىغا ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رېئاللىقنى پاش قىلىشقا ئۈندىگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈكى سوئال-جاۋابقا ئاجرىتىلدى. بۇنىڭدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق، «ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش» نامىدىكى قامال چارىلىرى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھىلىرىنىڭ ماقۇللىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، خىتاي خەلقىگە بېرىلگەن نامايىش ھوقۇقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېرىلمەسلىكى قاتارلىق تېمىلار بويىچە سوئاللار سورالدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نېمە ئۈچۈن 9-دېكابىر كۈنىنىڭ مۇشۇنداق بىر خاتىرە كۈن قىلىپ تاللىنىشى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىش ئىمكانىغا ئىگە بولمىغان ھەمدە خىتاينىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدا ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن سۆز ۋە ھەركەتلەردە بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، سۈكۈتنىڭ ھېچقاچان «خىتايدىكى بىخەتەرلىك» كە كېپىللىك بولالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

سۈبھىنۇرمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل پىكىرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە يالغۇز دادىسىنىڭ داۋاسىنى قىلغىلى كەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە دادىسىغا ئوخشاش بىھۇدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۆزلىرىدە ئامانەت قالغان ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىرقى ئەجەللىك نۇقتىسى ھەققدە توختالغان زۇبەيرە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى خىتاي ئاققۇنلىرىغا مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى تېزلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق رېئاللىق ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ سەگەك ۋە ھۇشيار بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ كەڭ ساھەگە تونۇتۇش ۋە ئېتىراپ قىلدۇرۇش خىزمىتى ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈمىد قىلىنماقتا.