Responsive Image

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قانداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنياغا باغلاندى؟

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قانداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنياغا باغلاندى؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادىكى مۇھىم سىياسىي مەسىلىلەر سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار بولغان خەلقئارالىق تەتقىقاتلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقى، ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى، لاگىرلار مەسىلىسى. . . قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن قانچىلىك باغلانغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. بۇنداق بىر دولقۇننىڭ تۈرتكىسىدە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2020-يىلى 1-مارتتا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار بىر دوكلاتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. مەزكۈر دوكلاتتا 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئاز دېگەندىمۇ 80 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا يۆتكىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. دوكلاتتا يەنە بۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن بىۋاسىتە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى، شۇنداقلا ئاز دېگەندىمۇ 27 زاۋۇتنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قاتناشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەلقئارادىكى 83 داڭلىق كارخانىنىڭ مەھسۇلاتلىرى دەل بۇ 27 زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ كارىخانىلار نايك (Nike)، ئادىداس (Adidas)، زارا (Zara)، گەپ (GAP) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۇنياۋىي ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

2022-يىلى ئىيۇندا، ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىكى C4ADS ئىلغار دۆلەت مۇداپىيە تەتقىقات مەركىزىمۇ بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە قوللانغانلىقىنى دەلىللىدى.

2022-يىلى دىكابىردا ئەنگلىيە شېفلىد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھازىرقى زامان قۇللۇق تۈزۈمى مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور لاۋرا مۇفىي رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يەنە بىر مۇھىم دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا پۈتكۈل يەر شارىدىكى ماشىنا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئالاقىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. لاۋرا مۇفىي خانىم «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز دائىرىسىدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان».

قارايدىغان بولساق، بۇ يەردە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغىنى يوقۇرىقى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ساھالەرلار بولماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇن ساھەلەرمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ چېچى بىلەن ياسالغان كەيمە چاچلار، ماسكا، پەلەي، ئاياغ، پاختا مەھسۇلاتلىرى، ئويۇنچۇق قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا بازارلاردا سېتىلىۋاتقانلىقىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى (DNA) نىڭ ياۋروپادىكى داڭلىق تەتقىقات مەركەزلىرىدە تىببىي تەتقىقاتلارغا ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئائىت تەتقىقات دوكلاتلىرى، دۇنيا بانكاسىنىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

دېمەك، يوقۇرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزىگە باغلىغانلىقى ئېنىق. بۇ بەلكىم مەسىلىنىڭ بۈگۈنگىچە ھەل قىلىنالماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ھالدا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قانداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنياغا باغلاندى؟ دۇنيادا تېخى ھېچبىر ئىرقىي قىرغىنىچلىق پۈتۈن دۇنيانى جاۋابكار قىلغۇدەك قورقۇنۇچلۇق دەرىجىدە يۈز بەرگەن ئەمەس. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىر ئەھۋالدا يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ۋە چۈشىنىش مەجبۇرىيىتى بار، ئەۋەتتە!

گەرچە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش پىلانى خىتاينىڭ ئىسلاھات پىلانى بىلەن ماس قەدەمدە باشلانغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ دۇنياغا باغلىنىشىنى 2010-يىلىدىن باشلانغان، دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز.

چۈنكى 2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچلەردىن پايدىلىنىش» نى قارار قىلغان. بۇ قارارنىڭ تۈرتكىسىدە شۇ يىلى ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق ئاتالمىش «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت-شەھەرلەر خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكىسىگە رەسمىي يوسۇندا بۆلۈپ بېرىلگەن. بۇ ھادىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» دەپ ئاتىدى. دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا باغلىنىشىمۇ، دەل بۇ 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلىۋېلىشى بىلەن باشلانغانىدى.

بۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە چۈشىنىكسىز بولغان مەسىلە، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە-شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلۈۋېلىشى قانداق قىلىپ خەلقئارانى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۆرەپ كىرىشى ئىدى. مەسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم نوقتىسى دەل مۇشۇ بولۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرتقى دۇنياغا ئاشكارىلىنالماسلىقىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇنداقتا، بىز بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:

80-يىللاردىكى خىتاينىڭ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» سىياسىتىدە، ئەنە شۇ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان جايلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. ئاتالمىش «ئىسلاھات» سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى پۈتكۈل دۇنيا بىلەن ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، تىبابەت، ئىشلەپچىقىرىش. . . قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە باغلاندى. نۇرغۇن داڭلىق چەت ئەل كارىخانىلىرى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا كېلىپ مەبلەغ سالدى، دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسى ئاستا-ئاستا خىتايدىن ئىبارەت بۇ يېڭى بازارغا يۆتكىلىشكە باشلىدى. خىتاينىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارغا تەمىنلىگەن ئەۋزەل سىياسەت، ئەرزان ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلار، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى تېزلا خىتايغا قىزىقتۇرۇپ، دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى روياپقا چىقاردى. بۇ دەۋرلەردە پۈتكۈل غەرب دۇنياسى خىتايدىكى بۇ غايەت زور ئىلگىرلەشلەردىن خۇشال بولغان ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم غەرب دۆلەتلىرىدە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوبۇل قىلغان مەدەنىي بىر دۆلەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغاندى.

ئەپسۇس، قىرىق يىل ئۆتكەنكى بۈگۈنكى كۈندە، غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ، ئۇنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا ئاساس بولالمىغانلىقى كۆرۈپ يەتتى. خىتاي بولسا ئۆزىدىكى تەرەققىياتنى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدە روياپقا چىققانلىقىنى جار سالدى. بۇنىڭ بىلەنلا قانائەت قىلماستىن، بەلكى يەنە غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى، خىتاينىڭ تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى دۇنياغا يېڭى بىر ئىدىيە ۋە تەرەققىيات مېتودى تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارا جار سېلىشقا باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئىسلاھاتى باشلانغاندا ئالدىن ئېچىۋېتىشكە يول قويغان رايونلار، دەل خىتاي نوپۇسى ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان رايونلار ئىدى. تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان رايونلار بولسا، خىتاي تېرىتورىيەسىنىڭ 65 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان خىتاي بولمىغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، تۇڭگان ۋە جۇاڭ مىللىتىنىڭ زېمىنلىرى ئىدى.

دەرۋەقە، 40 يىللىق ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش دەۋرىدە خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى پۈتكۈل دۇنيا بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «خەلقئارالىق شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى» شەكلىدە پۈتكۈل دۇنيا بىلەن «دوستلۇق ئورناتقان» ئىدى. بۇ «دوستلۇق» نىڭ كۈچىدە خىتاي پۈتكۈل دۇنياغا يۇمشاق كۈچ ئارقىلىق سىڭىش شارائىتىنى ھازىرلىدى. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى ئېنىق. يەنى «شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى» قانداق قىلىپ خىتاينىڭ پۈتكۈل دۇنياغا سىڭىپ كىرىشىگە تەسىر كۆرسىتەلىدى؟

بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. ئادەتتە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە «ئاپتونومىيە تۈزۈمى» پۈتكۈل ھوقۇق قاتلاملىرىدا ئومۇملاشتۇرۇلغان. بۇ ۋەجىدىن غەربتىكى بىر دۆلەتنىڭ ھەر بىر ئۆلكە رايونلىرىمۇ ئۆز ئالدىغا مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىل ئاپتونومىيە شەكلىدە باشقۇرىلىدۇ. بۇ ھالدا مەزكۇر ئۆلكە ۋە رايونلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر بولغان بىر قىسىم سودا، ئىقتىساد قاتارلىق ئالاقىلىرى دۆلەت ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تېزگىنىدىن مۇستەسنا ھالدا ئىش ئېلىپ بارالايدۇ. خىتاينىڭ «خەلقئارالىق شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى» تاكتىكىسىنىڭ خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ بىلەن غەرب دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىشىگە زور تەسىر كۆرسىتەلىشىدە بۇ مەسىلە ئەڭ ھالقىلىق ئامىل بولغان. خىتاي يولغا قويغان «خەلقئارالىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى» بىۋاسىتە ھالدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى خىتاي جامائىتىنى مەزكۇر «شەھەرلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتى» بىلەن باغلىشى ھەمدە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن تېزگىنلىشى ئىنتايىن قولايلاشقان.

يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدىلا دېڭىز ياقىسى رايونلىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيا ئارىسىدا چەمبەرچاس مۇناسىۋەت زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ۋە بۇ زەنجىرنىڭ تېزگىنىنى قولىغا ئالغان.

ئەمدى 2010-يىلى ئاتالمىش دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلۈۋېلىش مەسىلىسىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باغلىغانلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى.

دەرۋەقە، دېڭىز ياقىسى رايونلىرى «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلۈشىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى مۇقەررەر يوسۇندا دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا باغلانغان. بۇ خىل باغلىنىشنى بىز شى جىنپىڭ تەخىتكە چىققاندىن بۇيان خەلقئاراغا كۈچلۈك تەشۋىق قىلىپ كەلگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستېرتېگىيەسىنىڭ يۈرگۈزۈلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز.

يەنى، ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدە ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ غەربكە كېڭىيىشىدىكى مەركىزىي رايون قىلىپ بېكىتىلگەن. تېخىمۇ كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى «دېڭىز يولى»، «قۇرۇقلۇق يولى»، «ھاۋا يولى» ۋە «ئىنتېرنېت يولى» قاتارلىق 4 لېنىيە بىلەن دۇنياغا باغلىنىدىغان بۈيۈك ئىستراتېگىيە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «دېڭىز يولى» ۋە «ھاۋا يولى» 19 ئۆلكە ئارقىلىق دۇنياغا باغلىنىپ بولغان، «ئىنتېرنېت يولى» بولسا خۇاۋېي ۋە جۇڭشىن قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغان. گەرچە غەرب دۇنياسى خۇاۋېي ۋە جۇڭشىنلارغا تۈرلۈك جازالارنى يۈرگۈزىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۈگۈن يەنىلا دۇنيا سودا سەھنىسىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئەمدى «قۇرۇقلۇق يولى» غا كەلسە، بۇ يول دەل ئۇيغۇر ئېلىنى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بىخەتەر باغلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا، قۇرۇقلۇق، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشلىرىدىكى غايەت زور تەرەققىياتلار دەل بۇ يول ئۈچۈن ھازىرلانغان.

شۇڭا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىتاي بىلەن ئالاقىسى بولغان ھەرقانداق دۆلەت ۋە ھەرقانداق ساھەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بۇ نوقتىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشمۇ مۇقەررەر يوسۇندا پۈتكۈل دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرىغا خاتىمە بېرىلىشى ياكى خىتاينىڭ ھالاكىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش مۇمكىن بولغان مەسىلىدۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت قىممەت قاراشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە بولغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ قوللىشى بىلەن توختىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم قەدەمى بولۇشى مۇمكىن.