Responsive Image

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دوكلاتى: مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش — ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دوكلاتى: مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش — ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(UHRP)  16- نويابىر كۈنى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئېلىپ بارغان.

دوكلاتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ لاگېرلارغا قامىغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە باشقا جايلارغا يۆتكىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا قستاپ، بۇنى سىياسەت سۈپىتىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىش، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىنىش، مائارىپ تولۇقلىمىسى ئېلىش، خىزمەت ۋە داۋالىنىش كاپالىتىگە ئېرىشىشى قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر خىتاي ئەرلىرى توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان قىزلار ياكى قىزلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توي قىلىشنى رەت قىلسا، جازا لاگېرلىرىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ خىل سىياسەت، ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تاكتىكا، دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى نۇزۇگۇم سېتىۋالدى ئېلخەت ئارقىلىق رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي  ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئارا تويلىشىشىنىڭ ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› ۋە ‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق›نى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ بىر ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇشنى ‹مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى› ۋە ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى›نىڭ قورالى، دەپ قاراشقا بولىدۇ».

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇس كونتروللۇقى ۋە ئۇيغۇر بوۋاقلىرىنىڭ تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر سىياسىتىدۇر».

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋەتەندىكى ۋاقتىدا بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ كەنت كادىرىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى نەتىجىسىدە، دادىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئەر بىلەن تويلاشقانلىقىغا شاھىت بولغانىكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە «بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش» قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ بىۋاسىتە قۇربانى بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان جىنسىي زوراۋانلىق، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تويلىشىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى جەمئىيىتى»نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادىريان زېنزمۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلدى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنى مىللەتلەر-ئارا تويلىشىشىقا مەجبۇرلاش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەرگە مەركەزلىك ھالدا توپلىشىپ ئولتۇرۇقلاشقان ئۇيغۇرنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ‹مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى›نى بۇزۇپ تاشلاشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلىشىنى كۆزلىگەن. ».

ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان دوكتور راچىل ھاررىس خانىممۇ ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنسىي زوراۋانلىقى، ئاشۇ زوراۋانلىققا ئۇچرىغۇچى ئاياللارنىڭ شەخسىيىتىگىلا ھۇجۇم قىلغانلىق بولماستىن، بەلكى پۈتۈن مىللەتكە ھۇجۇم قىلغانلىقتۇر. ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ئاياللىرىنى خورلاش ئارقىلىق، پۈتۈن مىللەتنىڭ پىسخولوگىيەسىنى بۇزۇش مەقسەت قىلغان» دېگەنىدى.

راچىل ھاررىس خانىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ دوكلات ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە مەجۇرىي تويلاشتۇرۇشتا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرىنىڭ بىۋاسىتە قولى بارلىقىنى پاكىتلار بىلەن ئېنىق كۆرسىتىپتۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر كىملىكىنى، مەدەنىيىتى يوقىتىش ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇلارنىڭ مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى مەقسىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈپ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشتۇر».

زۇمرەت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا مەھەللە كادىرلىرى ھەر كۈنى ئەتىگەنكى بايراق چېقىرىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلسا قانداق پاراۋانلىق سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشى ئۈچۈن ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەيدىكەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارنى ئاساس قىلغان جىنايەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي ۋە تەشۋىقات خاراكتېرلىك تويلاشتۇرۇشنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھېلىھەم خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي تويلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئەمما ھازىرغىچە ھېچبىر دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنسىي زوراۋانلىققا قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.