Responsive Image

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجلىرى توغرىسىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجلىرى توغرىسىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغانئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) «جەمئىيەتنىڭ چېتىدە قالدۇرۇلغان ۋە خەتەر ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلىرى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىغا ئىشلەتكەن كارتون. 2023-يىلى 1-فېۋرال.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) 1-فىۋرال كۈنى «جەمئىيەتنىڭ چېتىدە قالدۇرۇلغان ۋە خەتەر ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلىرى» (On the Fringe of Society: Humanitarian Needs of the At-Risk Uyghur Diaspora) سەرلەۋھىلىك بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا ئامېرىكا، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچلىقىدىن قېچىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە بىخەتەر ماكانغا ئىگە بولالماي دۆلەت تەۋەلىكىسىز ياشاۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچېيىۋاتقان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىت ۋە ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى پاكىت-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قېيىنچىلىقلارنىڭ يەنە بىرى، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، شۇ دۆلەتنىڭ نورمال مائارىپ ۋە ساغلاملىق سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىملىرى مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش جەريانىدا تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىسى خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرگە قامالغان، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە تىرىك يېتىم قالغان نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلارنى زىيارەت قىلغان. دوكلاتتا ئىرقىي قىرغىنچلىقتىن ئامان قالغان بۇ بالىلارنى، ئىقتىسادىي ۋە پىسىخولوگىيەلىك ياردەمگە ئەڭ مۇھتاج، شۇنداقلا خەتەر ئىچىدىكى بىر توپلۇقنىڭ ئەڭ جىددىي مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچلىقنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلۈشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ دوكلاتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا سۇنۇلغانلىقنى، شۇنداقلا بۇ دوكلاتنىڭ ئامېرىكادا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەزكۇر دوكلاتتا خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىدىن ئەمەلىي پىلان تۈزۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاناھلىنىۋاتقان خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر تەلەپلەر قانۇنلۇق ئىشلەش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەنلەرگە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇسى، ئوقۇش ھەققى، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك ۋە داۋالاش ئىشلىرىغا كېتىدىغان ماددىي ياردەم ۋە پىسىخولوگىيەلىك ياردەم قاتارلىق مەنىۋى ئېھتىياجلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچراۋاتقانلارغا بىۋاستە ياردەم قىلالمىسىمۇ، ئۆز تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقتىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلارغا بىخەتەر مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشكە قۇربىتى يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تۈردە ئامرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكادا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

2020-يىلى 10-ئايدا دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان رەئىس تېد دېچ بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان جوۋ ۋىلسون باشچىلىقىدىكى جەمئىي 31 نەپەر مەجلىس ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادا پاناھلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكاغا ۋىزا ئېلىشىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان. 2021-يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كىرىس كونس ۋە ماركو رۇبىيو بىرلىكتە ئامېرىكادىكى مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىشلىرىدا نۆۋەتتە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا (P-2) سالاھىيىتى، يەنى «ئالاھىدە كۆچمەنلەر ۋىزىسى» بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى مەسىلىسى ھەققىدە بىرەر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانمىغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا (P-2) سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشىۋاتقانلىقنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كانادا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىقىدىن قېچىپ ياشاۋاتقان خەتەر ئاستىدىكى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارار لايىھەسىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار چىقىرىشىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىردا زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم، ھەر قانداق بىر دۆلەتتە پاناھلنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى بىجىرىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماتېرىيال تەلەپ قىلغاندا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتنى ئىسپات سۈپىتىدە كۆرسەتسە بولىدىغانلىقنى ئەسكەرتتى.