Responsive Image

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نۆۋەتتە ئاخبارات ئەركىنلىكى خىتايدا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان، ئاخباراتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقىب نىشانىغا ئايلىنىۋاتقان ۋە غايىب بولۇۋاتقان بىر پەيتتە باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

1-ماي ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى، رايوننى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئەركىن ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، دۇنيادىكى باشقا ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارنى بۇ ھەقتە خىتايغا چاقىرىق قىلىشقا ئۈندىدى.

باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن نىشانىغا ئايلانغان. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بەزىلىرى جازا لاگېرىغا سولانغان بولسا، بەزىلىرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاخباراتچىلار بىلەن تەھرىرلەرمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

بۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر باياناتتا تەكىتلەنگەن مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۈگۈنكىدەك ئاخبارات ئەركىنلىكى تەكىتلىنىۋاتقان كۈندە ئۆزىنىڭ ئاخباراتچىلىق خىزمىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ۋە يوقاپ كېتىۋاتقان ئاخباراتچىلارغا خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي مۇئامىلە تۈتىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ يىل مارتتا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، يوقاپ كەتكەن ۋە جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. زۇبەيرە خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مەزكۇر دوكلات ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

باياناتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىنى تۇتامغا چىقمايدىغان سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىش ۋە جازاغا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى ئەتتى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئەركىنلىكى سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزلىرىگە پايدىسىز بىر نەتىجىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ۋە ئاخباراتقا قانچىلىك توسقۇنلۇق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر دۇنيادىكى دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك،» دېگەن.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىغا بولغان بېسىمىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىچە سوزۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى ئالتە مۇخبىرنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مىسال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

زۇبەيرە خانىم مەزكۇر باياناتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇش دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.