ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى جەنۋەدە باشلانغان ب د ت «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ مۇھىم تېمىسى بولدى

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى جەنۋەدە باشلانغان ب د ت «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ مۇھىم تېمىسى بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 12-قېتىملىق سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» تېمىسىدىكى يىغىنى باشلاندى. بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا ئادۋوكات رەيھان ئەسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر قاتناشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا جەنۋەدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى، يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ب د ت دا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى قۇل ئەمگىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كۈنتاختانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ تېمىنىڭ تىلغا ئېلىنماي تۇرۇپ باشقا تېمىغا ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە جىددىي رەۋىشتە پىكىر بايان قىلدى.

نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەلفىدار خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا جىددىي رەۋىشتە تەكىتلىگەن مۇھىم نۇقتىلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىم ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى شىتابىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر ئىچىدە يەنە كېلەر قېتىملىق ب د ت نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ ئىشلىنىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى جەنۋەدىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى سەركان تاش ئەپەندى ب د ت نىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ئىشلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.

ب د ت نىڭ بۈگۈنكى يىغىنىدا سۆزگە چىقماقچى بولغان ئادۋوكات رەيھان ئەسەت خانىم، ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا كېلىشتىكى مەقسىتى ۋە بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تېمىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق يىغىن ب د ت نىڭ 2011-يىلى قۇرغان «سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىدۇر. بۇ قېتىملىق يىغىن «مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئورۇنلاشتا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش» نى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىق تېما مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە شۇنىڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ب د ت سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىغىن ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن.