Responsive Image

«خەلق تورى» دىكى يالغانچىلىق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقى

«خەلق تورى» دىكى يالغانچىلىق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىخىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن كارتون.

كۆپىنچە ھاللاردا جىنايەت سادىر قىلغۇچى ئۆز جىنايىتىنى يېپىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. يالغان سۆزلەشلا ئەمەس، بەلكى بۇ يالغانلىرىغا باشقىلارنىڭ گۇمانسىز ئىشىنىشى ئۈچۈن، ساختا ھەقىقەتلەرنىمۇ ياساشقا مەجبۇر بولىدۇ. گەرچە بەزى جىنايەتچىلەر ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ساختا «ھەقىقەت» لەر بىلەن كىشىلەرنىڭ كوزىنى بىر دەملىك بوياش مەقسىتىگە يەتسىمۇ، ئەمما يالغانچىلىقلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇقەررەر بولۇپ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدۇر خالاس. بۇ مەسىلىگە بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدا ئەڭ ياخشى مىسال بولىدىغىنى دەل خىتاي كومپارتيەسى ھاكىمىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار دەسلەپتە لاگېرلارنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارغا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تۆھمەت قىلغانىدى. ئەمما بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، خۇددى يەھۇدىيلاردەك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى خەلقئارالىق جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلقئاراغا تونۇلدى. خىتايمۇ بۇلارنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، بۇ ھەقتە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى فىلىمى ئىشلەپ تارقاتتى ۋە ئارقىدىن لاگېرلارنىڭ، يەنى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاقالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلالمايتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تارىختا مۇستەملىكە قىلغان ئىندىجىنىس خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوللۇق كۆرسەتمەكچى بولۇشتى. ئەپسۇس، خىتاينىڭ بۇنداق لوگىكىسىز بىلجىرلاشلىرى خەلقئارادا رەت قىلىندى. لېكىن خىتاي ھېچ توختىغىنى يوق. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا ۋە تىرىشىۋاتىدۇ.

27-مارت خىتاي «خەلق تورى» دا «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئامېرىكاچە يالغانچىلىقلارغا بېرىلگەن جاۋابتۇر» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىمۇ تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى يالغانچىغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنداقتا بىز خىتاينىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.

ماقالىنىڭ بېشىدىلا، ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نىڭ پۈتۈنلەي رەزىللىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىدەك يالغاننى توقۇپ ۋە ئۇنى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەشكە ئاساس قىلغانلىقىدىن قاتتىق رەنجىگەن. خىتاينىڭ دېيىشىچە «شىنجاڭ» نىڭ تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بارچە مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىدەك ھەقىقەت، ئامېرىكىنىڭ يالغانچىلىقلىرىغا ياخشى رەددىيە بولارمىش. خىتاينىڭ نەزىرىدىكى بۇ «ھەقىقەت» لەر بولسا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىلارغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، بىز بۇ نوقتىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.

خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى نۇقتا بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 1949-يىلىدىكى 30 ياشتىن، 2019-يىلىدىكى 75 ياشقا ئۇزارغانلىقىدۇر. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇرۇشى دەل خىتاينىڭ ياردىمىدىن بولغانمىش.

لېكىن خىتاي تەشۋىقاتى بۇ نۇقتىدا قىپقىزىل يالغاننى توقىدى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ناھايىتى كۆپ تەتقىقاتلار ۋە ئىزدىنىشلەردە بولۇپ كەلگەن. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش، ئوزۇقلىنىش ۋە گېن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدىمۇ كۆپ ئىزدىنىشلەردە قىلغان. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «تېببىي ئاساس ۋە كلىنىكا» (基础医学与临床) ناملىق ژۇرنىلىدا 2005-يىلى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبلىرىنىڭ HLA-DRB, ACE قاتارلىق گېن تەركىبلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تاقىغان «مىسرانىم تورى» دا ئېلان قىلنغان، دوكتور قەيسەر ئابدۇكېرەمنىڭ ئىلمىي ماقالىسىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە دائىر ئىزدىنىشلەر يورىتىلغان.

تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تىبابەت ۋە تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» دىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تىبابەت ئىلمى ۋە ئوزۇقلىنىش، ياشاش ئادەتلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدىندۇر.

ئىككىنچى تەشۋىقات نۇقتىسى بولسا، مائارىپ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، مەكتەپلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ساۋاتسىزلارنىڭ ئازايغانلىقى، ساپانىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدۇر. قارىماققا ئۇيغۇر ئېلىدا مەكتەپلەر ھەقىقەتەن كۆپەيدى. ئەمما بىر نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، مەزكۇر مەكتەپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، قىسقىسى ئۇيغۇر مائارىپىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشنى شەرت قىلغان ئاساستا بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى «قوش تىل سىياسىتى»، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىشتۇر.

خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچىنچى نۇقتا بولسا، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى ۋە نامراتلارنىڭ يوقالغانلىقىدۇر. گۈزەل تۇرمۇشنىڭ جاپالىق ئەمگەكتىن كېلىدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن گۈزەل ئەخلاقلىرىنىڭ بىرىدۇر. نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپرەكى دېھقان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشىدە سەۋەبلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈزۈلمىسى ۋە بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. خىتاي تۈزۈلمىسىدە غەربتىن پەرقلىق بولغان كوللېكتىپ ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدىغان كوممۇنىست تۈزۈمىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ شەخس مۈلكلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىكىدە بولۇپ، ياردەمسىز، ھوقۇقسىز ئۇيغۇرلارنىڭ باي بولالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى قارىماققا ياخشى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ماكانلىرى، تېرىلغۇ يەرلىرى، دېھقانچىلىق كەسپىدىن ئايرىلىشنىلا ئەمەس، ھەتتا ئائىلە، بالا-چاقا، شۇنداقلا پۈتكۈل ھايات يولىنى ئۆزگەرتىشىنى شەرت قىلىدىغان، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى شەرت قىلىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلىشىش، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىنى تېزلىتىدىغان يەنە بىر ۋاسىتىدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلانغانلىقىنىڭ دەلىلى قىلىش ئادەم ئەخمەق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، مەزكۇر ماقالىدا دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر ئېلىدا نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان 3666 نامرات كەنت ۋە 35 نامرات ناھىيەدىكىلەرنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. گەرچە بۇ نامرات ناھىيە ۋە كەنتتىكىلەر خىتاينىڭ دېگىنىدەك 2020-يىلى «نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلغان» بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يەنىلا پۈتكۈل خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن نىسبەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئاتالمىش 56 مىللەت ئىچىدىكى ئەڭ نامرات مىللەت قالپىقىدىن قۇتۇلغىنى يوق.

يىغىنچاقلىغاندا، «خەلق تورى» دىكى بۇ ماقالىنىڭ ھېچبىر ئىلمىي ئاساسىي يوق بولۇپ، پەقەتلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاھىللارچە يوشۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.