Responsive Image

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 1– ئۆكتەبىر

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 28‏-سېنتەبىر جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى بۈزەينەپ ئابدۇرېشىتنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا، ئۇنىڭ ئادىل سوتلانغان-سوتلانمىغانلىقى، ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا چاقىرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، دائىرىلەر ئۇنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا يېتەرلىك دەلىل كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بۈزەينەپ بۇرۇن مىسىردا 2 يىل ئوقۇغان بولۇپ، 2015‏-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ 2 يىلدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، بۈزەينەپنىڭ بۇ يىل مارتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاقسۇغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئىيۇندا سوتلانغانلىقى ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ مىسىردا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىلىرىغا بېسىپ ئىشلىتىپ، زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر قىلغان. قايتىپ كەلگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بۈزەينەپنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى «ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۆزى خالىغان ئادۋوكات بىلەن نورمال، دەخلى-تەرۇزسىز ئۇچۇرۇشۇشىغا، تەن جازاسى ۋە باشقا قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» قا چاقىرغان.

ئۇلار يەنە خىتاينىڭ بۈزەينەپنى «خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن قايتا سوتلاپ، ئەگەر ئۇنىڭ خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان بىرەر جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا يېتەرلىك دەلىل كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشى» نى تەلەپ قىلغان.