Responsive Image

خىتاي دائىرىلىرى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمىنى سىر تۇتۇش ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان

خىتاي دائىرىلىرى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمىنى سىر تۇتۇش ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش چىقارغانلاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئاكىسى تۇرسۇن سىدىق ئەپەندى بىلەن. 2016-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.

زۇكام سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا بارغان تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ دەرھاللا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىنىشى ۋە ئەتىسى جان ئۈزگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بۇ سىرلىق ئۆلۈمنىڭ سىڭلىسى قەلبىنۇر سىدىق ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ قايتقىنىدا يۈز بەرگەنلىكى، مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ھەر خىل گۇمانلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. قەلبىنۇر سىدىق ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم سىرىنى يېشەلمەي تۇرغان پەيتتە، ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تېلېفون كېلىپ، ئۆزلىرى بىر كۈن ئاۋۋال دېگەن ئۆلۈم سەۋەبىگە تۈزىتىش بەرگەن. يەنى تۇرسۇنجاننىڭ دوختۇرخانىغا زۇكام سەۋەبلىك ئەمەس، يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، شۇنداقلا قەلبىنۇرنىڭ بۇ ئىشنى مۇشۇنداق چۈشىنىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ تۈزىتىش تەلىپىگە ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم ئۇزىتىش ئىشلىرىغا دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ ئارىلاشقانلىقى قېتىلىپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىلا مەۋجۇت گۇمانىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن تۇرسۇنجان سىدىق، ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋال پېنسىيەگە چىققان ئىكەن. بىز ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇلاقتاغ (شۈيموگو) رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سايباغ رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ خادىمى، ئۆزىنىڭ تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، ئەمما سابىق خىزمەتدىشىنىڭ ئائىلىسىگە ھال سوراپ بارمىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئۆلۈم مۇراسىمىغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قول تىققانلىقىدىن شەپە بەردى. ئۇمۇ سابىق خىزمەتدىشىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

قەلبىنۇر سىدىقنىڭ دېيىشىچە، مەرھۇم تۇرسۇنجان سىدىق سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەتتە 40 يىلچە خىزمەت قىلغان ۋە ھەرقايسى بۆلۈملەردە ئەمەل تۇتقان بولۇپ، ئۇ جەمئىيتەتتە ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن كەڭ دوستلۇق ئورناتقان ۋە جامائەتچىلىك ئىشلىرىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىكەن. بولۇپمۇ خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدىكى قانۇن ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئۇزۇن مەزگىل زىچ ئالاقىدە بولغان ئىكەن.

شۇڭا بىز سايباغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلىپ، تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمى ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، تۇرسۇنجان سىدىقنى تونۇيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما يوقلاش چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئائىلىسىگە ھال سوراپ بارمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، يەنى تۇرسۇنجان سىدىق جان ئۈزگەن كۈنى دائىرىلەر سايباغ رايونىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە مەزكۇر مۇسىبەتلىك ئائىلىنى يوقلاپ بارماسلىقنى ئېيتقان ئىكەن بۇ ھەقتە مەخسۇس ئېچىلغان يىغىندا، بۇ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۆز ئىچىدە بىلىپ قېلىش ۋە باشقىلارغا تارقاتماسلىق تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئىدارىدىكى يەنە بىر خادىممۇ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن خەۋەر تاپقانلىقى ۋە بۇ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ ئائىلىسى مۇسىبەتكە دۇچ كەلگەن كۈندىن ئېتىبارەن دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان، مەرھۇمنىڭ جەسىتى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۈرۈمچىدىكى گۈلساي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئائىلە ئەزالىرى ۋە بىۋاسىتە تۇغقانلاردىن باشقىلارنىڭ ئۆلۈم مۇراسىم ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. سايباغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى يەنە بىر خادىم، يۇقىرىقى چەكلىمىلەرنىڭ تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ چەت ئەلدىكى سىڭلىسىنىڭ، يەنى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ «كاشىلىسى» سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلار گەرچە تۇرسۇنجان سىدىقنىڭ ئۆلۈم سىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن قەلبىنۇر سىدىقنىڭ مەزكۇر ئۆلۈم ھەققىدىكى گۇمانلىرىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.