Responsive Image

خىتاي گۇلاگلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەر (2)

خىتاي گۇلاگلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەر (2)گېرمانىيەلىك مۇخبىر ماتىياس بولىنگېر (Mathias Bölinger) نىڭ 2023-يىلى 16-فېۋرال نەشر قىلىنغان «يۇقىرى تېخنىكىلىق گۇلاگ: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرى» (Der Hightech-Gulag: Chinas Verbrechen gegen die Uiguren) ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.

گېرمانىيەلىك مۇخبىر ماتىياس بولىنگېر (Mathias Bölinger) نىڭ بىرنەچچە يىللىق ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان «يۇقۇرى تېخنىكىلىق گۇلاگ: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرى» (Der Hightech-Gulag: Chinas Verbrechen gegen die Uiguren) ناملىق ئەسەر 2023-يىلى 16-فېۋرالدا نەشر قىلىندى. ئاپتورنىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بىر پۈتۈن كارتىنىسىنى سىزىپ بېرىشكە بېغىشلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھازىرقى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق تارىخىي ھادىسىلەرنى سېلىشتۇرۇپ چىققان ھەمدە غەرب ئوقۇرمەنلىرىگە شۇنداق بىر ئ‍ومۇمى خۇلاسىنى تەقدىم قىلغان: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى يېقىنقى مەزگىللەردە شى جىنپىڭ ھاكىميەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان بىر مەزگىللىك «كاللا قىزىپ كېتىش» نىڭ مەھسۇلى ئەمەس. ئەكسىچە خىتايلارنىڭ بىر ئەسىرلىك سىياسىي تىرىشچانلىقىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» بويىچە زورلۇق كۈچ شەكلىدە ئىجرا قىلىش ئۇرۇنۇشى ھېسابلىنىدۇ.

«بىر دۆلەتتە بەش مىللەت» تىن بىر رايوندا «ئىككى ھاكىمىيەت» كىچە

ئاپتور ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر قاتارىدا ياقۇب بەگ قۇرۇپ چىققان «يەتتە شەھەر دۆلىتى» نى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. گەرچە مانجۇلار ئ‍ۆز زامانىسىدىكى رۇس قوشنىلىرى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ رايوننى 1759-يىلى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ يەرلىك بەگلەر ئارقىلىق مەزكۇر رايوننى ئىدارە قىلىشتەك ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن بۇ ۋاقىتتىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ 1864-يىلى قەشقەر، خوتەن، كۇچا، ئىلى قاتارلىق ھەرقايسى جايلاردىكى يەرلىك خەلق مانجۇلارغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭنى باشلىغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ جايلاردىكى بەكمۇ ئاجىز بولغان ھۆكۈمرانلىق ئاپاراتلىرى تېزلا غۇلاپ چۈشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسيادىن كەلگەن ياقۇب بەگ تېزلا ھەرقايسى قوزغىلاڭچى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇپ چىققان ھەمدە رۇس، ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقىدا بولغان.

ھالبۇكى، چىڭ ئىمپېرىيەسى روسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار يوشۇرۇن سۆھبەتلەردە بولۇپ بىر قىسىم كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن 1878-يىلى خىتاي گېنېرال زو زوڭتاڭ قورال كۈچى ئارقىلىق بۇ رايوننى ئىشغال قىلغان. ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ھەققىدىكى تەلىۋى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن رۇس ئىمپېرىيىسىمۇ ئۆزى ئاللىقاچان يۇتۇپ بولغان ئىلى رايونىنى مانجۇلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن 1884-يىلى چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغان بۇ رايونغا رەسمىي ھالدا «شىنجاڭ» ( «يېڭى چېگرا» ) دەپ نام قويۇشى ئەمەلگە ئاشقان. ھالبۇكى بۇ رايونغا يېڭىدىن خىتايچە نام قويۇلغان بولسىمۇ رايون تەۋەسىدىكى خىتاينىڭ تەسىرى بۇ ۋاقىتتا بەكمۇ چەكلىك بولغان. يەنە كېلىپ چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندىمۇ «شىنجاڭ» دەپ ئاتالغان بۇ رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا خىتايلارنىڭ ئومۇمى سانى بەش پىرسەنت ئەتراپىدا بولغان ھەمدە ئۇلار ئاساسەن ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمال تەرەپتىكى بىرنەچچە چوڭ شەھەرگە مەركەزلىشىپ قالغان. ئەقەللىسى ئۈرۈمچى شەھرىدە شۇ ۋاقىتتا ھاسىل بولغان بۇ خىل مۇستەملىكىچىلىك ئاھالە قۇرۇلمىسى ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتايلار ئاساسەن شەھەرنىڭ جەنۇبى قىسمىغا ئۆتمىگەن.

ھالبۇكى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ رايوننى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاجرالماس تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئەمەلگە ئېشىپ بولغۇچە 1911-يىلى مانجۇلار غۇلاپ چۈشكەن. ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولغان، پەن-تېخىنىكىدا ئارقىدا قالغان ۋە سىياسىي سىستېمىسى چىرىپ كەتكەن، قىسقىسى ئىسمى بار جىسمى يوق ھالغا چۈشۈپ قالغان چىڭ ئىمپېريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا خىتاي زىيالىلىرى غەرپتىن قوبۇل قىلغان ئەڭ كۈچلۈك قورالنىڭ بىرى مىللەتچىلىك بولغان. «مانجۇ بەدەۋىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ جۇڭخۇا دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تەك شوئارنى دەستەك قىلغان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرغىباتچىسى سۇن جوڭشەن (1866-1925) تېزلا يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ «خىتاي دۆلىتى» نىڭ رەھبىرى بولغان بولسىمۇ ئۆزى ۋارىسلىق قىلغان بۇ يېڭى دۆلەتتە خىتايلاردىن باشقا خىتاي بولمىغان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللارغا ئوخشاش كۆپلىگەن «بەدەۋىيلەر» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن خىتاي بولمىغان بۇ خەلقلەرنى خىتاي دۆلىتىنىڭ تەركىۋى قىسمىغا ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن ئۇ تېزلا «بىر دۆلەتتە بەش مىللەت بولۇش» لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ بەش خىل رەڭلىك يوللۇق بايرىقىدا نامايەن قىلغان.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئاپتور ماتىياس بۆلىنگېر مۇنداق دەيدۇ: «1911-يىلى ‹جۇمھۇرىيەت› نامىدا قۇرۇلغان بۇ دۆلەت كېيىنچە خەلق جۇمھۇرىيتى شەكلىدە قايتىدىن دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ خىتاي بولمىغان خەلقلەر مەسىلىسىدە ئۇلار ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. بۇ دۆلەت گەرچە خىتايلارنىڭ بولسىمۇ ئەمما بۇ دۆلەت زېمىنىنىڭ خېلى ئوبدانلا بىر قىسىمىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقانلار خىتاي ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ خەلقلەر خىتاي بىلەن ھېچقانداق مەدەنىيەت باغلىنىشىغىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ زېمىنلارنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن خىتاي ئىنقىلابچىلىرى تېزدىن بۇ خەلقلەرنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ تەركىۋى قىسمى ھېساپلىنىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئۈلگۈردى. شۇ قاتاردا شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايونمۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ چۈشەندۈرۈلدى. ئۇلار مۇشۇ خىل ‹ئۆز ئىچىگە ئېلىش› ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ رايونلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىۋەتكىلى بولىدۇ، دەپ ئىشەنگەن ئىدى. ئەمما كېيىنكى رېئاللىق ئۇنداق بولماي چىقتى: تىبەت تېزلا مۇستەقىل بولۇپ كەتتى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تاشقى موڭغۇلىيەمۇ مۇستەقىل بولۇۋالدى. كېيىنچە شەرقىي تۈركىستاندا بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئەمما بۇ جايدىكى خەلق بۇ ۋاقىتتا رايون بويىچە ياخشى تەشكىللىنەلمىگەن، شۇنىڭدەك ئوخشاش تىلدا ۋە دىندا بولۇشىغا قارىماي ئۆزلىرىنى يەنىلا ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان بىر ئەھۋالدا بولسىمۇ ئۆزلىرىنى ھېچقاچان خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى، دەپ قارىمىغان. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان ھەمدە يېڭىچە بىر دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىمۇ ئوخشاشلا ئەمەلگە ئاشمىغان.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەنە شۇ يوسۇندا خىتاي دۆلىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەنفى نەتىجە بىلەن خۇلاسىلەنگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سۇن جوڭشەننىڭ ئەنئەنىۋى «خىتايغا ئايلاندۇرۇش» سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۆز قوشنىسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈلگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ بولغان بۇ رايوندىكى خەلقلەرگە «ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش» نى قارار قىلغان. ئەمما خىتاي دۆلىتى بۇ ئاپتونومىيەنى كونترول قىلىش ۋە چەكلەپ تۇرۇشتىكى يېڭى بىر كۈچ سۈپىتىدە يەرلىك مىلىتارىستلاردىن بىرلا يۇمۇلاپ بايراقلىرىنى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا ئۆزگەرتىۋالغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنى ئاساس قىلغان بىڭتۇەن سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇنتىزىم ۋە مۇكەممەل شەكىلگە ئىگە قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ. «بۇ رايوننى ئۇلار ئاپتونوم رايون دەپ ئاتىغان بولۇپ، تېرىتورىيە نۇقتىسىدىن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. ئەمىلىيەتتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان بىرەر مىللەتكە ئاپتونومىيە بېرىشنى ئويلاپ باقمىغان. شۇڭا ئۇلار ئاپتونومىيەنى مەركەزدىن بىۋاستە باشقۇرغان. يەنە كېلىپ بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەنسىرىتىپ قويغان. بۇنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بولسا بىڭتۇەن بولدى. چۈنكى بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ۋە كومپارتىيەگە سادىق بولغان نوپۇسنىڭ سانى ‹سادىق بولمىغان› باشقا خەلقلەر سانىدىن ئېشىپ چۈشكەندە بۇ رايون كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا بىڭتۇەن ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ بۇ رايونغا نوپۇس كۆچۈرۈشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال بولۇپ كەلدى. بۇ رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن نوپۇس بۇ جايغا ماكانلاشتۇرۇلۇپ ئۇلارغا يېڭىدىن شەھەرلەر قۇرۇپ بېرىلدى. يىغىپ ئېيتقاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئۈچۈن بولغان ئىشلار ئىدى. چۈنكى ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش ئ‍ارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساندىكى ‹ساداقەتمەن› پۇقرالارنى يۆتكەپ ئۇلارنىڭ سانىنى بۇ جايدا ياشاپ كەلگەن باشقا خەلقلەردىن ئاشۇرۇۋېتىشكە زېھىن قويۇپ كەلدى. بولۇپمۇ شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندا ھەرقاچان بۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىشىدىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى قايتا قۇرۇۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىش قورقۇنچى ھېچقانچان يوقالمىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ جاينى ‹ئۇيغۇرىستان› ياكى باشقا نامدا ئەمەس، دەل ‹شىنجاڭ› دېگەن نامدا ئاتىدى.»

«باستۇرۇشقا باھانە زۆرۈر بولدى!»

ئاپتور ئەسەردە ئۆزى سۆھبەتتە بولغان مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشلىرىنى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئەللىك يىل ئىچىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى تەققاسلاپ چىقىدۇ. قەشقەرگە ئانچە يىراق بولمىغان ياپچان ۋادىسىدا چوڭ بولغان يۈسۈپ ئىسمايىل باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى قوشنىسى ۋە تەڭتۇش دوستلىرىدىن بولغان ھەسەن مەخسۇمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە قارغىلىقتا دىنىي مەكتەپ ئېچىپ بالىلارغا قۇرئان دەرسى ۋە ئەرەبچە ئۆگىتىۋاتقان ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى پاناھ تارتىپ شۇ ياققا يول ئالغان. ئىزچىل تەقىپ قىلىنىپ كەلگەن ئىسلام دىنى دۇچ كەلگەن ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىكى قاباھەت، جۈملىدىن مەسچىتلەرنى چوشقا ئېغىلى قىلىپ ئىشلىتىش، قۇرئاننى كۆيدۈرۈش دېگەنلەر ئاياقلاشقان، «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» نامىدىكى نىسبىي ئەركىنلىك باشلانغان 1980-يىللىرىدىكى شۇ ۋەزىيەتتە قارغىلىقتا ئاللىقاچان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ بولغان ئابدۇلھەكىم مەخسۇمغا نېمە ئۈچۈندۇر مەلۇم مەزگىل بىرەر چەكلىمە قويۇلمىغان. ئاپتور زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇقادىر ياپچان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ مەكتەپنى شۇ ۋاقىتتا ناھىيەدىكى ھەممىلا كىشى بىلەتتى» دېگەن.

نىسبىي ئەركىنلىك دەۋرىدە تۇغۇلغان ئۇيغۇرلاردىن بۇرھان ئۇلۇغيول، نايرولا ئېلىما، ياقۇبجان، ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر قاتارلىقلار ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئۇيغۇر بولۇپ كېتىشىدىن، خىتايچە ياكى چەت ئەل تىللىرىنى قانچىلىك بىلىپ كېتىشىدىن، قانچىلىك بىلىملىك ياكى ئوقۇغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھامان «گۇمانلىق» شەخسلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىى تەڭسىزلىك ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىلا جايدا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە باشتىن كەچۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنە شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك كونتروللۇق ۋە تەقىپ چارىلىرى، جۈملىدىن «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىش، خىتاي ئاققۇنلىرىغا قارىتىلغان ئ‍الاھىدە ئېتىبار چارىلىرى دېگەنلەر 1990-يىلى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىجتىمائىي نارازىلىقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى سۈپىتىدە ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارېن يېزىسىدا پارتلاپ چىققان.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نامىدا كەڭ-كۇشادە داۋام قىلغان. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ دىنىي مەكتىۋىدە تەربىيە ئالغانلىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھۇجۇمدىن ساق قالمىغان. بۇنىڭغا ئۇلىشپلا 2001-يىلى يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» تېزدىن دۇنيا مىقياسىدا «تېرورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش» ۋەزىيىتىنى ياراتقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى «تېرورلۇق» قا باغلاش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشكەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ماتىياس بۆلىنگېر مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، 1990-يىللىرىدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر قىسىم ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى ئەمىلىيەتتە تېرورلۇقنىڭ تەبىرى بويىچە باھالاشقا تامامەن بولاتتى. ئەقەللىسى كوچا ئاپتوبۇسلىرىنىڭ پارتلىتىۋېلىشى شۇنداق ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان بۇ ئىشلارنى تېرورلۇققا باغلاپ باقمىغان. پەقەت ئۇلارنى سىياسىي ۋە دىنىي نۇقتىلار بويىچە شەرھىلەپ كەلگەن. شۇ قاتاردا ئىسلام ئەسەبىيلىكى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك دېگەندەك ئاتالغۇلار ئىشلىتىلگەن. ئەمما 2000-يىلىدىن كېيىن، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېرورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۆزلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان شىنجاڭ سىياسىتىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشتىكى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بىردىنلا تېرورچى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا دىنىي ئاشقۇنلۇق كۆپرەك تەكىتلىنىشكە باشلىدى. شۇنداق ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› ھەققىدىكى ‹مەشھۇر بايانلار›مۇ ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ راۋرۇس بازار تاپتى. چۈنكى بۇ ‹ئۈچ خىل كۈچ›لەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن تەھدىت ئىدى.»

ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى مۇكەممەل سىستېمىغا ۋە «قانۇنىي دەستەك» كە ئىگە بولغاندىن كېيىن بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تەدرىجى ييڭى يوللار ئېچىلىشقا باشلىدى.

)داۋامى بار(.