Responsive Image

خىتاي پويىزىنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىن ئۆتۈشى تۈركىيەدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

خىتاي پويىزىنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىن ئۆتۈشى تۈركىيەدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتايدىن يولغا چىقىپ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدىغان خىتاينىڭ تۇنجى يۈك پويىزى 6-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدىن ئۆتتى.

6-نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى پويىز ئىستانزىسىدا خىتاي يۈك پويىزىنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى داۋاملىشىۋاتقاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە زور مۇنازىرىلەر پەيدا بولدى.

خىتاي پويىزىنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە قاتناش مىنىستىرى تۇرخان ئەپەندى بىلەن تىجارەت مىنىستىرى رۇخسار پەكجان خانىم قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئىككىلا مىنىستىر قىلغان سۆزىدە ئۈچ قىتئەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇلار تۈركىيە جۇغراپىيەلىك ئورنى، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى رەڭدارلىقى جەھەتتىن ھەم ياۋروپاغا ھەم ئاسىياغا باغلىنىدىغان ئوتتۇرا-شەرق دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر قىتئەلەردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئەنقەرەدىكى خىتاي پويىزىنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي خەلق رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جيەنمېن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل باشقارما باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇغ بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جەۋدەت يىلماز ئەپەندى قوبۇل قىلغان. تۈركىيەنىڭ «يېڭى چاغ» گېزىتى 7-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا «يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىۋەتكەن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىت قىلدى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، فاھرەتتىن ئالتۇغ ئەپەندى بۇندىن كېيىن خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ھەمكارلىق توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ يېڭى ھەمكارلىق پىلانىغا مۇۋاپىق ھالدا ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ساھاسىدىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشىمىز كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. چۈنكى بۇ ھەقتە ئىككىلا دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇيرۇق چۈشۈردى.» خەۋەردە خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قويغان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز دېيىشى تەنقىت قىلىنغان.

خىتاي يۈك پويىزىنىڭ 11 مىڭ 483 كىلومېتىرلىق سەپىرى شىئەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، 10 دۆلەتتىن ئۆتۈپ چېخىيە پايتەختى پىراگادا ئاخىرلىشىدىكەن. ئۇنداقتا، بۇ سەپەرنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسىي دۆلەتلەرگە مال سېتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىش پىلانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ راستىنلا شۇنداقمۇ؟ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاخبارات ۋە تېخنولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى ئابدۇللاھ چىفىتچى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەزكۇر قۇرۇلۇش پەقەتلا تىجارىي قۇرۇلۇشلا ئەمەس، بۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ باغلىنىشى بار. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە تۈركىيەدە كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى. بۇنى خىتاي تىلىنى ئۆگىتىپ خىتاي مەدىنىيىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دۇنيا ئاخباراتىنىمۇ تەسىر ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئۆتۈدىغان دۆلەتلەردە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى سېتىۋېلىۋاتىدۇ. يېقىن كېلەچەكتە خىتاي تۈركىيەدىكى چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىمۇ سېتىۋالسا ھەيران قالماڭلار. مەندەك خىتايغا قارشى سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى تېلېۋىزىيەگە چىقارمايدۇ. شۇڭا بىز تۈركلەر ھوشيار بولۇپ، بۇ ئىش پىلانىنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك.»

ئابدۇللاھ چىفتچى ئەپەندى تۈركلەر «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ياخشى چۈشەنمەي تۇرۇپ، خىتايغا يول قويسا خىتاينىڭ تۈركىيەنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ئىش پىلانىدا ئاچقۇچلۇق دۆلەت تۈركىيەدۇر. ئەگەر تۈركىيە خىتاي نېمە دېسە قوبۇل قىلسا، خىتاي تۈركىيەنى بېسىۋالىدۇ. ئەگەر بىز شەرتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللىي سانائىتىمىزنى قوغدايدىغان بەلگىلىمىلەرنى بېكىتىپ چىقالىساق بولىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ئافرىقادا خىتاي ئىشچىلىرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. تۈركمەنىستان 30 پىرسەنتكىچە خىتاي ئىشچىلىرىنى ئىشلىتەلەيسەن دەۋاتىدۇ. خىتاي بەزى دۆلەتلەرگە قەرز بېرىش ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.»

ئابدۇللاھ چىفتچى ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقتە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان يولىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرق تەرەپتىن قورشىۋېلىندى. بۇ يەردە ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشمايلا غەرب تەرەپتىن دۇنياغا ئېچىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلغان دەرۋازىسى شەرقىي تۈركىستاندۇر. شەرقىي تۈركىستان 7 دۆلەت بىلەن چېگراداش. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى كونترول ئاستىغا ئالماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلماي تۇرۇپ، بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئەقلىنى ياخشى ئىشلىتىپ سىياسەت يۈرگۈزسە ئۇيغۇرلارمۇ راھەتچىلىككە ئېرىشىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ سىياسىتى پىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر سىياسەت. ئەگەر تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر خىتاي نېمە دېسە ماقۇل دەمىسە، خىتاي ئارقىغا چېكىنىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقساق خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.»

خىتاي خەلق رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ھەيئىتى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل باشقارما باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەۋدەت يىلماز بىلەن ئۇچراشقان. ئىككىلا تەرەپ بۇندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنداقتا، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇر؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2015-يىلى 7-ئايدىن تارتىپ تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.