Responsive Image

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىمۇ قارشىلىقلاردىن خالى بولالمىغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىمۇ قارشىلىقلاردىن خالى بولالمىغانيامالىق تېغىدىكى ئوي-ماكانى چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئويلىرىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالغان. 2010-يىلى، ئۈرۈمچى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا 2000-يىللاردا «قوش تىللىق مائارىپ» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرنى كېمەيتكەن ۋە 2015-، 2016-يىللاردا «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى يوقاتقىنىدەك 2021- ۋە 2022-يىللىرى «كونا مەھەللىلەرنى زامانغا ماسلاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا بىر تۈركۈم قەدىمىي ئۇيغۇر مەھەللىلىىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رايوندا لاگېرلار قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتمۇ، بىر قىسىم قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن خالى بولالمىغان.

توردىكى خەۋەر ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى 2021-يىلى «كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە زامانغا ماسلاشتۇرۇش» نامىدا بىر قۇرۇلۇش پىلانىنى يولغا قويغان.

دۆلەت مالىيەسىدىن زور مىقداردا پۇل ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولغان بۇ پىلاندا غۇلجا، بورتالا، ئاقسۇ ۋە ئالتاي قاتارلىق 10 شەھەردىكى بىر قىسىم قەدىمىي مەھەللىلەردىكى ئۆيلەر پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېقىشقا بۇيرۇلغان. رادىيومىزغا كەلگەن، ئەھۋالدىن خەۋەردار، ئەمما بىخەتەرلىكىنى كوزدە تۇتۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاڭلىغۇچىنىڭ ئىنكاسلىرىدا دېيىلىشىچە، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بۇ مەھەللىلەردىكى بۇ «زامانغا ماسلاشتۇرۇش» ماھىيەتتە مەھەللىنىڭ مىللىي پۇرىقىنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، بۇ پىلاننىڭ ئىجرائاتى داۋامىدا ئۆتكەن يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ بەزى جايلىرىدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن؛ بەزى ئاھالىلەر، ئۆي چېقىش ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىشىغا قارشى تۇرغان. نەتىجىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنى قوغداۋاتقان ساقچىلار بىلەن ئاھالىلەر ئارىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن.

غۇلجا شەھەر قارادۆڭ يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مانا بۇ نارازىلىقلار سەۋەبىدىن بەزى مەھەللىلەردىكى ئۆي چېقىش ھەرىكەتلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلغان ۋە ياكى تۆلەمنى يۇقىرى بېرىش چارىسى بىلەن بۇ ئاھالىلەرنىڭ ئېغىزى تۇۋاقلانغان.

مەزكۇر مۇدىرنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەھەللىلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى رايوندا لاگېرلار قۇرۇلغان ۋە كۆپ ساندا كىشىلەر تۇتقۇندىكى مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، بۇ قۇرۇلۇشقا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر ئاساسەن ئاياللار ياكى ياشانغانلاردىن تەشكىللەنگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى غەلبىلىك ئاياغلاشقانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما خەۋەرلەردىن بىرىدە بورتالادىكى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان 50 نەچچە مەھەللىدىن 39 مەھەللىنىڭ قارشىلىقسىز ئۆزگەرتىلگەنلىكى بايان قىلىنىش ئارقىلىق، بۇ ئىجرائاتنىڭ بەزى مەھەللىلەردە قارشلىققا دۇچ كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلگەن. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ «زامانغا ماسلاشتۇرۇش» مەھەللىنىڭ مىللىي پۇراق ۋە كۆركەم تۇرقىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن باشقا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىللە ياشاپ كېلىۋاتقان ئاھالىلەرنى كۆچۈشكە ۋە تارقىلىشقا مەجبۇرلىغان. ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىك سەۋەبىدىن ھەرىكەتنىڭ بۇ سىياسىي مەقسىتىگە ئاشكارا قارشى تۇرالمىغان بەزى ئاھالىلەر، بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزلىرىگە كەلتۈرىدىغان تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. بورتالاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بىر ئامانلىق مۇدىرى، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئابدۇرېشىت ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئۆي چېقىشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن 4 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ كىشى تىرىكچىلىك يولىنىڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي چېقىشقا قارشى تۇرغان ۋە يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچۈشنى رەت قىلغان.

2017-يىلى خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا مەسچىت مۇنارلىرىنىڭ كېسىپ قىسقارتىلغانلىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ دېرىزە ۋە ئىشىكلىرىدىكى مېھراب كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بۇزدۇرۇلۇۋاتلىقى پاش بولغانىدى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ تور بېتىدىكى يەنە بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2017-يىلى دۇنيا بانكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يول قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور مىقداردا ياردەم پۇل ئالغانىدى.