Responsive Image

يوچۇنلىشىۋاتقان يوسۇنلار: ئۇيغۇر مۇراسىم-مەرىكىلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرى

يوچۇنلىشىۋاتقان يوسۇنلار: ئۇيغۇر مۇراسىم-مەرىكىلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، 60 جۈپ قىز-يىگىت كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈش،2014-يىلى 18-ئاۋغۇست، غۇلجا

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە زۆرۈر ۋە مۇھىم رول ئوينايدۇ. جەمئىيەتشۇناسلار ئۆرپ-ئادەت دىننىڭ ئىجتىمائىيلاشقان تەرىپى دەپ ئېنىقلىما بەرسە، مەدەنىيەتشۇناسلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى، بېيىپ مۇكەممەللىشىشى ۋە ساقلىنىپ قېلىشىدا دىنىي ئامىللار ئەڭ مۇھىم ئېتىكىلىق (ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچىمىگە دائىر) تەركىب دەپ قارايدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار تارىختا بىرقانچە دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. بۇ دىنلارنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا ۋە مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس ۋە بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆرپ-ئادەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ توي مۇراسىملىرى ۋە دەپنە مۇراسىملىرى دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەقىدىلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. شۇڭا كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى ئايرىۋېتىش تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر ھادىسە.

ھالبۇكى بۇنى ئوبدان چۈشەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مۇراسىم-مەرىكىلىرىدىكى ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بولغان قائىدە-يوسۇنلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بولغان چەكلىمىلەرنى رەسمىي قانۇنلاشتۇرغان.

2015-يىلدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسىم قويۇش مۇراسىمى، خەتنە توي، دەپنە مۇراسىمى ۋە توي مۇراسىمى قاتارلىق «تۆت پائالىيەت» دەپ ئاتالغان مۇراسىم-يوسۇنلارغا سىياسەت بەلگىلىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ مۇراسىملارنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىش ۋە نازارەت قىلىشنى يولغا قويغان.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇراسىملارنىڭ تەرتىپلىرىدە ئىسلام دىنى مىزانلىرىغا ئەمەل قىلغان ھالدا ناماز ئوقۇش، ئەزان توۋلاش، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇش، ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈش، دۇئا-تەكبىر ئېيتىشقا ئوخشاش مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان. ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ خىل مۇراسىم ياكى يوسۇنلار ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى يوقاتقان، يەنى خىتايچىلاشتۇرۇلغان مەدەنىيەتكە ئايلانماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نوپۇزلۇق تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپ قىسىم شەھەر-يېزىلاردا مەرىكە-مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشتە ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنماقتا:

توي مۇراسىمى ياكى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگۈچىلەر ئالدى بىلەن مەرىكىگە چاقىرىلىدىغان مېھمانلار تىزىملىكىنى ھۆكۈمەتكە يوللاپ ئىلتىماس سۇنىدۇ؛ ئاندىن ھۆكۈمەت مەرىكىگە بارىدىغان ئىمام ۋە ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ، شەخسىيلەر ئۆزى خالىغان ئىمامنى چاقىرسا بولمايدۇ، مۇراسىم تەرتىپلىرىگە بوي سۇنۇش ھەققىدە كاپالەتنامە يېزىپ بېرىدۇ؛ تەيىنلەنگەن دىنىي زاتلارمۇ چوقۇم ھەر بىر مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشتە ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن مەزمۇن دائىرىسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، مېيىت يۇيۇش، كېپەنلەش قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلەردە ئايال بۈۋىلەرنىڭ قاتنىشىشى چەكلەنگەن بولۇپ، پەقەتلا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بويىچە تەيىنلەنگەن كىشىلەر قاتنىشىشى كېرەك. مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش ۋە ئۇزىتىش ئىشلىرىدىمۇ جامائەت توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن ئادەم سانى بويىچە قاتنىشىش شەرت قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنى كوزىر قىلىپ، مۇراسىم-مەرىكىلەرنى ئۆتكۈزۈشتە سورۇن-مەيدان بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۆرپ-ئادەت خاراكتېرلىك بارلىق مۇراسىم-مەرىكىلەرنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان بولۇپ، ئاقىۋەتتە كىشىلەر ھەتتا مېيىتنى ئۆز ئۆيىدە ئۇزىتالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇراسىم-مەرىكىلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى ئۆز قولىغا ئېلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن شاپائەت كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «باستۇرۇش يەمچۈكى» دىن ئىبارەت.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇراسىم-مەرىكىلىرىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئىدېئولوگىيە ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى ئېنىق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ دىنىي ئاساسىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن، ئىشنى ئالدى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئەمەلدارلارغا چەكلىمە قويۇشتىن باشلىغان بولۇپ، كېيىنچە كونترول قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ بارلىق پۇقرالارغا قاراتقان. 2017-يىلىدىن باشلاپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «نىكاھ» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى رەسمىي چەكلەنگەن، كېيىنچە پارتىيە ئەزاسى بولمىغانلارنىڭمۇ «نىكاھ» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى چەكلىنىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن بۇيان نىكاھنى مۇقەددەس بىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقىي ئەنئەنىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن. قىز-يىگىت ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى بىلەن ھالال بىر جۈپ بولۇشقا، نىكاھ ئارقىلىق ئۆمۈرلۈك بەختلىك بولۇشقا ئەھدە قىلىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە نىكاھ ئوقۇشنىڭ چەكلىنىشى بىلەن، قىز-يىگىتنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە ھۆكۈمەت قارار قىلىدىغان ئەخمىقانە بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. توي مۇراسىملىرىنىڭ جان تومۇرى بولغان نىكاھ مۇراسىمى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» دەپ قارىلىپ، ئۆرپ-ئادەتلەر كاتېگورىيەسىدىن سىقىپ چىقىرىلدى.

خىتايدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەرەب تىلىدىن كىرگەن «نىكاھ» دېگەن سۆزنى قوللىنىشنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكى، تويدا نىكاھ مۇراسىمى يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى «ئۈچ تەزىم» قىلدۇرۇش، «قىز-يىگىت رومكا سوقۇشتۇرۇش» قاتارلىق خىتايچە قائىدىلەرنىڭ ئىگىلىگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى نىكاھ مۇراسىمىغىلا ئەمەس، بارلىق مەرىكە ۋە مۇراسىملارغا چەكلىمە قويغان. توي ئادەتلىرىدىكى «چىللاق» ۋە «ئون بەش كۈنلۈك» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قىسىم قائىدە-يوسۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ھەتتا «تۆت خىل پائالىيەت» دەپ ئاتالغان مۇراسىملارغا مېھمان سۈپىتىدە كېلىپ قاتناشقانلارنىڭ ئىسىم تىزىملىكى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، لاگېرلارغا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.

شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر مۇراسىم-مەرىكىلىرى كىشىلەرگە ئەخلاق-پەزىلەت ۋە كوللېكتىپ ئاڭ تەربىيەسى بېرىدىغان ئاممىۋى مەكتەپ بولۇشتەك روللارنى ئويناشتىن باشقا يەنە يۇرت ئىچىدە ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق، دوستلۇق-ئىتتىپاقلىق بېغىنى كۈچەيتىدىغان، ئۆزئارا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىغان بىر سەھنە بولۇپ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پەرزەنت تەربىيەسى ۋە نورمال پىسخىكا ساغلاملىقى جەھەتلەردىمۇ خەلققە مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ كەلگەن.

ۋاھالەنكى، دۆلەت تۈزۈلمىسىدە خىتاي مىللەتچىلىكىنى يادرو قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇشىنى ئەسلا خالىمايدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىسى رۇنى ستىنبېرىگ (Rune Steenberg) ئىلگىرى خوتەن، قەشقەر ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردا توي مەرىكىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 2014-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى توي مەرىكىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي ۋە دىنىي پۇرىقى يوقالغان، بەلكى بۇ توي مەرىكىلىرى مەجبۇرىي ھالدا خىتاينىڭ بازار ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا توي كىيىملىرى، مەرىكە زالى بېزەكلىرى، توي باغاقلىرى، توي داستىخىنى، توي فوتوگرافلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى رۇنى ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچى جوئەننى سىمىت فىنلېي (Joanne Smith Finley) «سىمۋوللۇق قارشىلىق سەنئىتى» ناملىق كىتابىدا، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ئىسلامىي ئەنئەنىلەرنىڭ كۈچىيىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا كۆرسەتكەن بىر تۈرلۈك سىمۋوللۇق قارشىلىقى دەپ تەبىر بېرىدۇ. جوئەننى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى گەرچە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە شەكىلدە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنداقتا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى كونترول قىلىشى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى نىسپىي كۈچەيگەن 90-يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كونترول قىلىش خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىختىكى ئەجدادلىرى ۋە مەنچىڭ-خىتاي ئىستېلاچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بولۇپ، پەقەت كېيىنكى يىللاردا خىتاي تېخىمۇ ھىيلىگەرلىك ۋە غالجىرلىق بىلەن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ «ئاتېئىزم تەربىيەسى» ۋە دىنسىزلىق ھەرىكەتلىرى قوزغاپ، مەسچىتلەرنى چېقىش، ئۆلىمالارنى يوقىتىش بىلەن بىرگە، ھېيت-بايرام، مەشرەپ-مۇقاملارنى چەكلىگەن؛ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىلىرى بولغان ئۆرپ-ئادەتلەرگە، كىيىم-كېچەكلەرگە كونىلىق دەپ زەربە بەرگەن. 2000-يىللاردىن كېيىن باستۇرۇش ۋە چەكلىمىلەر ئەۋجىگە چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ تېزلەتكەن، خالاس.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ سىياسىي تەدبىرلەرنى تەكىتلىگەن ۋە يوليورۇق بەرگەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، «بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن. شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» سىياسىتىنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، «ئورتاق خىتاي كىملىكى» بەرپا قىلىش ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئاشقۇن مىللەتچىلىك سىياسىتىنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ شوئار ئاستىدا تىغ ئۇچىنى يەنىلا ئۇيغۇرلارغا قاراتقانلىقى ئېنىق.

خىتايچىلاشقان يوچۇن توي مۇراسىم-مەرىكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شى جىنپىڭنىڭ «ئورتاق خىتاي كىملىكى» تەشۋىقاتى بىلەن پاراللېل ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا. يوچۇنلاشقان ۋە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مۇراسىم-مەرىكىلەر ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، مىللىي خاسلىقنىڭ يوقىلىشى ۋە ئاخىرقى ھېسابتا مىللەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش خەتىرىدىن دېرەك بەرمەكتە.