Responsive Image

زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن ئىنقىلاۋى ھەققىدە مۇھاكىمە

زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن ئىنقىلاۋى ھەققىدە مۇھاكىمە

خەۋەر مەنبەسى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن ئىنقىلاۋى ھەققىدە مۇھاكىمە

بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كۈلپەت كەلگەندە، مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن مەيدانغا سەكرەپ چۈشۈپ، مىللەتنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىدىغان ئوغلانلىرى يوق مىللەت تارىخ بېتىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغۇل- قىزلىرى تارىختىن بۇيان تاجاۋۇزچىلارغا، زۇلۇمغا قارشى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۆز پىداكارلىقىنى كۆرسىتىپ كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە ئىمانى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسسىق قېنى، ئەزىز جانلىرىدىن كېچىپ، مىللەتنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا بىز ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە ۋە تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. باتۇر، قەھرىمان زەيدىن يۈسۈپ ۋە بارىن ئىنقىلابى ئەنە شۇ شانلىق تارىخنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

زەيدىن يۈسۈپ بارىن ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، 1964 – يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئىلگىرى ئىككى قېتىم قەشقەر مەدرىسىدە ئوقۇغان. ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلاردا بولغان. 1989 – يىلىدىن كېيىن بارىن يېزىسىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» قۇرۇشقا كىرىشكەن ۋە ئەزا قوبۇل قىلغان. قورال ـ ياراغ تەييارلىغان. قاغىلىقلىق دوستى ئوبۇلقاسىم بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ بارىن يېزىسىدا مۇجاھىدلارنى تەربىيەلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا بارىن ئىنقىلابىغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان. 1990- يىلى 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈش ۋاقتى بىلەن خىتاي زالىملىرىغا قارشى جەڭ مەيدانىدا شەھىد بولغان. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياقتان يېرىنى جەننەتتە، نۇر ئىچىدە قىلغاي. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ قەھرىمانىدىن پەخىرلىنىدۇ، ھۆرمەت، سېغىنىش تۇيغۇسىدا ئەسلەيدۇ ۋە خەلقنى ئەركىنلىك، ئازاتلىققا ئېرىشتۈرگەنگە قەدەر بۇ كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ.

بارىن ئىنقىلابى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بارىن يېزىسىغا توپلاشقان بىر قىسىم ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1989 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بارىن يېزىسىدا شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنى قۇرغان. بىر مەزگىللىك تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە، مەزكۇر تەشكىلات 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تاڭ سەھەردە، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى رەسمى جەڭ ئېلان قىلغان. 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈش ۋاقتى بىلەن باش قوماندان زەيدىن يۈسۈپ جەڭ مەيدانىدا شەھىد بولغان. مۇنتىزىم ئۇرۇش شۇ ئاينىڭ 8 – كۈنى كەچقۇرۇنغىچە داۋاملىشىپ، ئاخىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تولۇق قوراللانغان ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.

گەرچە بارىن ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر ئىنقىلاب. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە باش ئەگمەيدىغان، قۇل بولۇشنى خالىمايدىغان ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان كۈن. ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن جاراڭلىق سىگنال، شۇنداقلا ئەركىنلىك ئۈچۈن دۇنياغا جاكارلانغان كۈچلۈك بىر خىتاب.

بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس قەتئىي ئىرادىسى، قەھرىمان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان تەۋرەنمەس ئارزۇسى، روھىنى نامايان قىلدى. بىز بارىن ئىنقىلابىنى سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز ھەمدە بۇ ئىنقىلابتا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ۋە بارلىقىنى خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان شەھېدلىرىمىزنى قايغۇ-ھەسرەت، ھۆرمەت- ئېھتىرام بىلەن ئەسلەيمىز، زەيدىن يۈسۈپتەك قەھرىمانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز. بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۇچقۇنلىرى قەلبىمىزدە مەڭگۈ يالقۇنجايدۇ.

دۇق تەتقىقات مەركىزى
يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى – 2021