Responsive Image

زۇمرەتئاي ئەركىن خان جەمەتى چېركاۋىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان

زۇمرەتئاي ئەركىن خان جەمەتى چېركاۋىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان«رۇزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم ياشلارغا لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، گوللاندىيە.
«رۇزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم ياشلارغا لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، گوللاندىيە.

«رۇزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم ياشلارغا لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 11-ئاپرېل، گوللاندىيە.

11-ئاپرېل كۈنى گوللاندىيەنىڭ مىددەلبۇرگ شەھىرىدە «رۇزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋالغان زۇمرەتئاي ئەركىن شۇ كۈنى كەچتە يەنە، مىددەلبۇرگ چېركاۋلار بىرلەشمىسى ۋە «رۇزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» فوندى ياشلار كومىتېتى تەرىپىدىن، مىددەلبۇرگدىكى خان جەمەتى چېركاۋىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ پائالىيەتتە مىددەلبۇرگ چېركاۋلار بىرلەشمىسىدىن كىرس كورىس، يىلدىرىم بەيازىت جامىسىدىن سەفا چوبان، زېېلاند رايونلۇق يەھۇدىي جامائىتى تەشكىلاتى، تىبەت ۋەكىلى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە گوللاندىيەدىكى يېتىلىۋاتقان ياش سىياسەتچى ئالئەرك ئابلىكىمنىڭمۇ قاتنىشىشىدا دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە دىيالوگ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇشلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

12-ئاپرېل كۈنى زۇمرەتئاينى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە دىنى باستۇرۇشلارنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىڭدىن جىق كىشىنىڭ قاتنىشىشىدىكى ««رۇزۋېلت ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت، كەچ سائەت 11 گىچە داۋام قىلغان. مىددەلبۇرگدىكى چوڭ خان جەمەتى چېركاۋى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. قەلبىنۇر خانىم بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇكرائىنا-رۇسىيە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئورۇشى سەۋەبلىك كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ مۇكاپات ۋە بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە زۇمرەتئاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا بىر ئۈلگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان گوللاندىيەدىكى ياش سىياسەتچى، گوللاندىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياشلار تەشكىلاتىدىن ئالئەرك ئابلىكىممۇ بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان دىيالوگلار ئارقىلىق خىتاينىڭ ۋەھشىيانە باستۇرۇشلىرىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مىددەلبۇرگ چېركاۋلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتىدا «بىز بىر دىنىي جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆزىمىزنى ئىتتىپاق ۋە باراۋەرلىك، ئادالەت ئۈچۈن ئاتىدۇق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز دىنىي، مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۈچۈن، جاھالەت سېپىللىرىنى ئۆرۈپ تاشلاش! بىز، ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىدىغان، مەنمەنچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىككە قارشىمىز!» دەپ يېزىلغان.

بۇ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە يەنە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، بىر قىسىم سىياسەتچىلەر، دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار قاتناشقان. لېكسىيەگە قاتناشقان ئاڭلارمەنلەر بەس-بەستە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي، ئېتنىك كىملىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەسلى سەۋەبى ھەققىدە سوئاللار سوراشقان.