Responsive Image

1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 38 يىللىق خاتىرىسىدە

1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 38 يىللىق خاتىرىسىدەب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكەن يىلى ھازىرلانغان دوكلاتنى ئالدىن ئېلان قىلىۋېتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى، تەلەپ-ئىستەكلىرىنى ئىپادىلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خەلقئارالىق نامايىشتا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 13-ماي، جەنۋە.

1985-يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشى، يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تارىخىغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر. مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلغان ۋە بىرقانچە كۈنلەر داۋاملاشقان بۇ زور نامايىش، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىك تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ خىتاينىڭ رايوندىكى مۇستەبىت مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش تەلەپ قىلىنغان؛ زۇلۇمغا، كەمسىتىشكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى كۈچلۈك چۇقانلار ياڭرىتىلغان بۇ ھەرىكەت، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتى ۋە كۈرىشى، دەپ قارالماقتا.

1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم يېتەكچىلىرى ۋە قاتناشچىلىرى 1990-يىللاردا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ھېلىھەم چەت ئەللەردە ياشىماقتا. ئۇلار ئارىدىن ئاز كەم 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى، سىستېمىلىشىشى ۋە كەسىپلىشىشىدە تايانچ كۈچلەردىن بولۇپ قالدى.

بىز شۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم يېتەكچىلىرى ۋە ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بۇ نامايىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى، نامايىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ۋە بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەت ئەللەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۆۋەتتە كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەمەت توختى ئەپەندى، 1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە باشتىن-ئاخىر قاتناشقان، شۇنداقلا نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە 5 نەپەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قاتناشقان ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشلەر، نامايىش تەشكىللەش جەريانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرى، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادالەتسىزلىككە ۋە تەڭسىزلىككە قارشى چۇقان كۆتۈرگەن؛ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرى، تەلەپلىرى ۋە دېموكراتىك ئارزۇلىرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويالىغان؛ كۆلىمى ۋە تەسىرى جەھەتتىن تارىخىمىزدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدۇر.»

12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىشتىراكچىسى ۋە شاھىتلىرىدىن بىرى بولغان نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار شۇ قېتىملىق نامايىشتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئادىل سايلام ئېلىپ بېرىش، مىللىي مائارىپىغا كۆڭۈل بولۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەكلىماكاندىكى ئاتوم-يادرو سىناقلىرىنى توختىتىش، ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىمەسلىك، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئەمەلىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 1985-يىلى 12 -دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەندە ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ شۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى، بۈگۈنكى زامان تارىخىمىزدىكى تىنچ ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىك كۈرەشلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر، شۇنداقلا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدۇر. بىرى. بۇ ھەرىكەت ئەينى ۋاقىتتا شەخسەن مېنىڭ دۇنيا قارىشىمنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان ئىدى.»

مەمەت توختى ئەپەندى، 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم ئاۋانگارتلىرىنىڭ ئارىدىن ئاز كەم 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچلىرىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكتور بىرايىن سىپىۋى (Brian Spivey) 1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان «ئاسىيا تەتقىقاتى» ناملىق ژۇرنالدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ شۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە مۇنداق باھا بەرگەن: «ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى، خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش دەۋرىدە يۈز بەرگەن تارىخىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولغان بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدۇر. ئەپسۇسكى، كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ماھىيەت جەھەتتىن ‹بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى› ۋە ‹پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان ھەرىكەت› دەپ خاراكتېر بەرگەن. بۇ باھا كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ بىئارام قىلىدۇ.»