Responsive Image

20 يىللىق تۈرمە جازاسى بېرىلگەن ياشانغان ئاتا-ئانىلارغا ئارتىلغان «جىنايەتلەر»

20 يىللىق تۈرمە جازاسى بېرىلگەن ياشانغان ئاتا-ئانىلارغا ئارتىلغان «جىنايەتلەر»تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن (1-رەت سولدىن ئوڭغا) ئىلھام توختى، تاشپولات تېيىپ، قۇربان مامۇت، ئابدۇكېرىم راخمان، (2-رەت سولدىن ئوڭغا) خالمۇرات غوپۇر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئارسلان ئابدۇللا، راھىلە داۋۇت، يالقۇن روزى.

«شاھىت بىز» تورى ئالدىنقى ھەپتە «X» تە ئېلان قىلغان بىر ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تور ئارخىپلاشتۇرۇپ چىققان 55 ياشتىن يۇقىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ تۇتقۇن قۇربانلىرى 1900 نەپەرگە يېتىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇس سان «شاھىت بىز» تورى توپلىغان 79454 كىشىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن رەتلەپ چىقىلغان ئىكەن.

تىزىملىكتە ئېغىر تۈرمە جازاسى بېرىلگەن 55 ياشتىن يۇقىرى ياشتىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمى، قۇربان مامۇت، راھىلە داۋۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە دىنىي ئۆلىمالار بولغاندىن سىرت، يەنە جامائەت ئارىسىدا ئانچە تونۇلۇپ كەتمىگەن، يېشى 70 لەرگە ئۇلاشقان ئادەتتىكى ئاتا-ئانىلار، چەت ئەللەردىكى پەرزەنتلىرىنى يوقلىغانلىقى ياكى نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن 20 يىللىق ئېغىر تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارمۇ بار ئىكەن.

تۇتقۇنلاردىن 20 يىللىق قاماق جازىسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 72 ياشلىق تۇرسۇن بارات ۋە ئۇنىڭ 69 ياشلىق ئايالى زاھىدەم خەلپەتھاجى 2017-يىلى ئۆكتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىر جۈپ ياشانغان ئەر-ئايالنىڭ تۈركىيەدىكى قىزى شەمسىيە تۇرسۇننىڭ «شاھىت بىز تورى» دىكى گۇۋاھلىقى ۋە 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە بەرگەن مەلۇماتىغا كۆرە، ئۇلارغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشتەك بۇ قەدەر ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشتىكى ئاتالمىش جىنايى پاكىتلار ئۇلارنىڭ2012-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج سەپىرىدە بولغانلىقى ۋە تۈركىيەدىكى بالىلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى بولغان.

شەمسىيە خانىم ياشانغان ئاتا-ئانىسى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقىدا، 70 ياشتىن ئاشقان دادىسى ۋە70 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئاپىسىنىڭ سالامەتلىك ۋە پىسخىك ساغلاملىقىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ياشانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان ھالەتتە تۈرمە ئازابى تارتىۋاتقان بۇ خىل ھەقسىزلىكلەرنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىنسانلىقنى قەدىرلەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، تۈرمىلەرگە قامالغان مەھبۇسلار ئىچىدە ياشانغانلارنىڭ تۈرمە رېجىمىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ياشلارغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز ئىكەن. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنلاردا بۇ ئەھۋاللار نەزەرگە ئېلىنىدىكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىدىمۇ 70 ياشتىن ئاشقانلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىش ياكى جازانى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا دائىر بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى ئەۋجىگە چىققان چوڭ تۇتقۇندا، تۇتقۇن قىلىنىپ ئېغىر قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە سىرتتا جازا مۇددىتىنى ئۆتەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر ئارىسىدا 70 ياش ئەتراپىدىكى ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى نۇرغۇنلىغان ياشانغانلارنى نەقىل ئېلىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈرمىدە ئۆلگەن، يەنە بەزىلىرى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈچۈن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆيىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىنلا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولغان بۇ خىل جىنايى قىلمىشلار، پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدىلا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم پاكىتلىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى ۋە جىددىي تەدبىرلەر ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ مۆلچەرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى2017-يىلىدىن بۇيان لاگېر-تۈرمىلەرگە تاشلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 1مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

«شاھىت بىز» تورى ئامېرىكالىق مۇستەقىل تەتقىقاتچى جىن بۇنىن (Gene Bunin) ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ تور قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلمەتلەرنى ئىستاتىستىكىلىق، ھۆججەتلىك ۋە سىستېمىلىق ھالدا ئارخىپلاشتۇرۇپ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.