Responsive Image

4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىلىمۇ قاتناشتى

4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىلىمۇ قاتناشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 22– ئاۋغۇست

21-ئاۋغۇست پارىژ شەھىرىدە باشلانغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتناشتى.

4-نۆۋەتلىك تىبەت مۇستەقىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژ شەھىرىدە 21-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 بىلەن باشلاندى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ۋە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات تەقدىم قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ يىغىن ھەققىدە بىزگە نەق مەيداندىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 4-نۆۋەتلىك تىبەت مۇستەقىللىقى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنى، دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى خالىمايدىغان، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان، دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە تارالغان 10دىن ئارتۇق تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. تىبەت مۇستەقىللىقىنى غايە قىلغان مەزكۇر تەشكىلاتلار 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، ھىندىستان، نېپال، تەيۋەن قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت ياشلار ھەرىكىتى، ئەركىن تىبەت، ياۋروپا تىبەت ياشلىرى قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىر قىسىم سىياسىي ئاكتىپلىرى، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارى بولغان پارلامېنت ئەزالىرى، ياشلار ۋەكىللىرى، تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى چەتئەل تەشكىلاتلىرى، تىبەت دوستلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتىنى «تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىش، ئەركىنلىك ھەرىكىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تىبەت مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىش» دەپ ئىزاھلىغان. دولقۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن ۋەكىللەر «مۇستەقىللىق تىبەتنىڭ ھەقىقىي چىقىش يولى» دېگەن قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ھەمدە دالاي لامانىڭ ھازىرغىچە تۇتۇپ كەلگەن ئوتتۇرا يول سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ۋە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات تەقدىم قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۆز دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

يىغىندا پىكىر بايان قىلغان بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى ئەشەددىي باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى بۇ مىللەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرى مۇستەقىللىق كۆرۈشى يولىدا زىچ ھەمكارلىشىش، خىتاي زۇلۇمىغا خاتىمە بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئورتاق كەشىپ قىلىش ئۈچۈن تېرىشىش، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ خىلدىكى يىغىنلاردا يېڭى يول، يېڭى چارە، يېڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنى مۇستەقىللىق كۈرىشىگە سەپەرۋەر قىلىش چاقىرىقلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.