Responsive Image

ئاتاقلىق ئامېرىكا خىتايشۇناسى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

ئاتاقلىق ئامېرىكا خىتايشۇناسى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  10-ماي

ئامېرىكىدىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئېلىزابېت ئېكونومىي خانىم «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلى تور بېتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ مەزگىلىدىكى خىتاي ئىنتايىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بىر زور كۆلەملىك ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىگە «خىتاينىڭ يېڭى ئىنقىلابى – شى جىنپىڭ خانىدانلىقى» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇ ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغان.

ئېلىزابېت ئېكونومىي خانىمنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ناھايىتى تېز ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى يوقاتقان. ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىمۇ كۈچلەندۈرگەن. مەسىلەن، ئىلگىرى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كارخانىلىرىدىكى ئاللىقاچان ئىسمىلا قالغان «پارتىيە ياچېيكىلىرى» نى قايتىدىن كۈچەيتكەن، ھەتتا خۇسۇسىي شىركەتلەرگىمۇ «پارتىيە ياچېيكىسى» قۇرۇپ، ئۇلارنىمۇ باشقۇرۇش ئاستىغا ئالغان. قىسقىسى، شى جىنپىڭ مەزگىلىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگىچە يېتىپ بارغان. چېگرا ئىچىدىن ھالقىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنىمۇ ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ۋاسىتىسى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بولغان. خىتاي كارخانىلىرى بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق 34 دۆلەتتىكى 76 پورتنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ پورتلارغا ھەتتا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىمۇ كەلگەن. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى يەنە، ئۆزىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىپ، سۇدان، ئېفىيوپىيە قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىكى خادىملارنى قانداق قىلغاندا ئاخبارات ۋە جامائەت پىكىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش، قايسى ئالاقىدار قانۇن-ماددىلارنى تۇرغۇزۇش، قايسى نازارەت تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلار بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىگەن.

ئېلزابېت خانىم ماقالىسىدە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا دۆلەت كارخانىلىرىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى كۈچلەندۈرگەننىڭ ئەكسىچە، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا ئەركىن كىرىشىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى تاپشۇرۇشقا ياكى قوللانغۇچىلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشقا قىستىغانلىقى، چەتئەللەردىكى خىتاي جامائىتى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، كومپارتىيە تەشۋىقاتىنى قىلدۇرغانلىقى، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، دالاي لاماغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم خىتاي جامائىتى ئەزالىرىنى چەتئەللەردە كومپارتىيە سىزىقىدا ماڭمىغان خىتايلىقلارغا بېسىم قىلىشقا، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە كومپارتىيەنىڭ ئاۋازى بولۇشقا سالغانلىقى، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكىگە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقى، قىسقىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى ئىنقىلابى» ئارقىلىق خىتاي ئىچىدىن ھالقىپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن دۇنياغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنداقتا، شى جىنپىڭ كونتروللۇقىدىكى خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ئېلىزابېت ئېكونومىي خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ ئىنقىلابىنىڭ يادروسى دەل ئامېرىكا تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق قائىدە-ئۆلچەملەرگە رىقابەت ئېلان قىلىشتۇر. ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمدى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى خىتايدا قاتتىق بىر ئىرادە بىلەن يولغا قويۇشنى ئۆزىگە ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا تەڭداش بىر رىقابەتنى ئېلان قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا پەقەتلا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈچلۈك بىر ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى داۋام قىلدۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى رايوندا ئەركىن تىجارەت ۋە دېموكراتىيەنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنىمۇ نامايان قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئامېرىكا ئەمدى خىتاي تەرەققىي قىلغانسېرى ئەركىنلىشىپ ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۆز ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي خەۋپسىزلىكىدە قۇربان بېرىۋەرسە بولمايدۇ. يىللاردىن بېرى، ۋاشىنگتون خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك ئوغرىلىقى ۋە تەڭسىز تىجارەت قىلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە چىداپ كەلدى. چۈنكى، ئامېرىكا خىتاينى بازار ئىقتىسادى ۋە قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، مۇشۇ يولدا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دەپ ئىشەنگەن ئىدى. بىراق، ئەمدى، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكى ئېنىق بولغان ئىكەن، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى تەدبىر ئالماسلىققا ھېچقانداق بىر سەۋەبى يوق».

ئېلىزابېت ئېكونومىي خانىم ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق كونكرېت ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئالدى بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە يېڭى بىر سىياسەت تۇرغۇزۇپ چىقىشى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئاستىدا ئافرىقا ۋە باشقا جايلاردىكى پائالىيەتلىرىگە قارشى بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە، خىتايغا قاراتقان سىياسەتنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز پرىنسىپلىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكى، جۈملىدىن، تىنچ ئوكياننىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، بۇ رايوندىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ مەبلىغىدىن باشقا مەبلەغ مەنبەلىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىشى، تەيۋەننى قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ بۇ ساھەلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك» دېگەن.

«بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوكتور كاندىداتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى ئېلزابېت خانىمنىڭ قاراشلىرىغا ماس ھالدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» پىلانى ھەققىدە توختىلىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ «كېلەچەكنى بەلگىلەشكە مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز قاراشلىرى مۇنداق شەرھلىدى: «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش پىلانى. گەرچە خىتاي بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەنىسى ھەققىدە بەك توختالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ قۇرۇلۇشقا بەك زور مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلۇشلار بىر دۆلەت ۋە ياكى رايوننىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. دۇنيا كەلگۈسىدە قانداق بولۇشى كېرەك؟ خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىمۇ ياكى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان باشقا پىلانلار بويىچە بولۇشى كېرەكمۇ؟ دېمەك، بۇ قۇرۇلۇشلار ھەممىسى كېلەچەكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ شۇڭا ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ».

ئېلزابېت خانىم ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشى ھەققىدىمۇ مەخسۇس توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى ئامېرىكا دەرھال تەدبىر ئېلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، دۆلەتلىك دېموكراتىيە تەتقىقات مەركىزى ۋە ئاسىيا فوندى قاتارلىق ئورگانلارنى يېقىندىن قوللاپ، دۇنيادىكى سىياسىي جەھەتتىكى ئەركىنلىشىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ دىكتاتورىلىق قىممەت قاراشلىرىنى دۇنيادا كەڭ يېيىشىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك».

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئېلزابېت خانىم يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى باشقىلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ ئەمما ئۆزى باشقا دۆلەتلەردە مۇشۇ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ قائىدىلىرىگە بىر قاراپ چىقىپ، خىتاي ئامېرىكىغا نېمە قىلىۋاتقان بولسا، خىتايغىمۇ شۇنى قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن. ئۇ بۇنىڭغا بەزى مىساللارنى كۆرسىتىپ، «خىتايدا ئامېرىكىنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلىرىغا يول قويۇلمىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئامېرىكىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ۋە مەكتەپلىرىنى بىكار قىلىش، خىتاي شىركەتلىرىنى ئامېرىكىدىكى بەزى بىر تۈرلەرگە مەبلەغ سالالمايدىغان قىلىۋېتىش، خىتاينى خەلقئارا قائىدە-تۈزۈملەرگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاش» قاتارلىق بىر قاتار تەكلىپلەرنى بەرگەن. ئۇ ماقالىسى ئاخىرىدا خىتايغا قارىتا كەسكىن تەدبىر ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ: «ياخشى يېرى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆز سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئېنىق مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى. شۇڭا ئەمدى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا كەسكىن بىر ئىنكاس قايتۇرماسلىق ئۈچۈن ھېچقانداق بىر سەۋەبى قالمىدى» دەپ يازغان.