Responsive Image

ئاتۇشتا سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق رامىزانغا توسقۇنلۇق ھەم بۇزغۇنچىلىق قىلىنغان

ئاتۇشتا سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق رامىزانغا توسقۇنلۇق ھەم بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانخىتاي مىللەت ۋە دىن خىزمىتى كادىرلىرى، دىنىي زاتلارنى قەرەللىك ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملىرى بىلەن تەربىيىلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. پوسكام.

ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاپ دەلىللىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى رامىزان كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. بۇ پائالىيەتلەردە داستىخان ھازىرلاپ ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇۋاتقان ياكى تۇتمايۋاتقانلىقىنى نازارەت قىلغان، شۇنداقلا يوشۇرۇن روزى تۇتۇۋاتقانلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان. ئاتۇشتىكى بۇ پائالىيەتلەرگە نەچچە مىڭلىغان كىشى قاتناشتۇرۇلۇپ، داغدۇغىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان.

دويىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە بەزمە-زىياپەتلەر رامىزان كىرگەندىن بۇيان سان ۋە داغدۇغا جەھەتتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئاشقان.

رامىزاننىڭ يەتتىنچى كۈنى تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكىنى كۆرگىلى بولسا؛ يەنە بىر سىندا، يۈزلىگەن كىشى جەم بولغان بىر سورۇندا داستىخان ئۈستىگە پىۋا بوتۇلكىلىرىنىڭ تىكلەنگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇچۇر توپلاۋاتقان بىر فېيىسبۇك قوللانغۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتلەر پەقەت كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇۋاتقان ياكى تۇتمايۋاتقانلىقىنى نازارەت قىلىش، يەنى تۇتقانلارنى بايقاپ جازالاش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يەنە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ روزىنى يوشۇرۇن تۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈستۈن ئاتۇشتىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر كەنتتە رامىزان كىرگەندىن بۇيان كەچتە، يەنى ئىپتار ۋە تاراۋا مەزگىلىدە ئاھالىلەر كەنت يىغىن زالىغا توپلىنىپ سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بارغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يەنە بەزى ئۇچۇرلاردىن كۆرۈلۈشىچە، دائىرىلەر رامىزان مەزگىلىدە  سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە تەشكىللىگەن ھەۋەسكار سەنئەتچىلەرنى خىتايچە ناخشا ئېيتقۇزغان. ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، رامىزان مەزگىلىدىكى بۇ سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشتە ساقچىلارمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بەزى ساقچىلار، بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا، بەزىلىرى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان بولسا؛ يەنە بەزىلىرى سەنئەت نومۇرلىرىدا رول ئالغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئىنكاسلاردا يەنە رامىزانغا توسقۇلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ماھىيىتىدىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن «دوۋيىن» غا چىققانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ يېزا-قىشلاقلاردا مەخسۇس سىياسىي ھەرىكەت سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، سىياسىي-قانۇن خادىملىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ پائالىيەتلەردە، گەرچە ئاشكارا ھالدا رامىزاننى چەكلەش نۇتۇقلىرى سۆزلەنمىگەن بولسىمۇ، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە مۇقىملىق ھەققىدە لېكسىيەلەر سۆزلىنىپ، ئىپتار ۋە تاراۋا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ قالماسلىق ۋاسىتىلىك ھالدا پۇرىتىلغان. دائىرىلەر روزى تۇتماسلىقىنى بۇيرۇش ئورنىغا، ۋاقتىدا ئوزۇقلىنىپ ساغلاملىقنى ئاسراشنى تاپىلىغان.

رامىزان مەزگىلىدىكى بۇ تاماق تارقىتىشنىڭ ئاھالىلەردە نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئالاقىدار خادىملار، نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ «ئاڭلىقلىق» سەۋىيەسىنىڭ ئاشقانلىقى، شۇڭا نارازىلىق بايقالمىغانلىقى، بۇ «ئىلغار» لىقنىڭ شەكىللىنىشىدە پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ رولى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزانغا توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.