Responsive Image

بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە قارشى تۇرغان ئاتا 8 يىللىق كېسىلىپ تۈرمىدە جان ئۈزگەن

بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە قارشى تۇرغان ئاتا 8 يىللىق كېسىلىپ تۈرمىدە جان ئۈزگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇھاجىرەتتىكى كېرىيەلىكلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزىسىدىكى ئابدۇرېشىت ئوبۇل ئىسىملىك بىر دېھقان، 2012-يىلى يۇرتى كېرىيەدىن كۆچۈپ كېتىش يولى بىلەن ھامىلىدار ئايالىنى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن ساقلاپ قالغان. ئۇ كېيىنچە يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ پىلانلىق تۇغۇت جەرىمانىسىنى تۆلىگەن بولسىمۇ، 2017-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىق دەلىللەندى.

كېرىيەلىك بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزا سايباغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇرېشىت ئوبۇل، 2012-يىلى ياز ئايلىرىدا، ھامىلىدار ئايالىنى ئېلىپ كېرىيەدىن كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ ئايالى يەڭگىپ بالىسى بىر ياشقا كەلگەندە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ چاغدا يېزا ساقچىلىرى ئابدۇرېشىت ئوبۇلنى تۇتقۇن قىلىپ بىر ھەپتىچە سولاپ قويغان ۋە ئاتالمىش سىياسىي تەربىيە بەرگەندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ۋە پىلاندىن ئارتۇق تۇغۇلغان بالا ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. كېرىيەلىك مۇھاجىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە ئابدۇرېشىت ئوبۇل جازاسىنى تارتىپ بولغان ۋە جەرىمانىنى تۆلەپ بولغان بولسىمۇ، 2017-يىلىغا كەلگەندە، بۇرۇن بىر ھەپتە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ لاگېردا ئىككى يىلچە ياتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 5 يىل ئىلگىرى ھامىلىدار ئايالىنى پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماسلىقى دىنىي ئاڭنىڭ، يەنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرى دەپ قارالغان، ئۇنىڭ ئائىلىسى بويىچە بىر مەھەل مۆكۈنۈپ ياشىشى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش دەپ قارالغان ھەم 8 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كېرىيەدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

كېرىيەلىك مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2012-يىللاردا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئۇشتۇمتۇت بىر كەسكىنلىشىش دولقۇنى يۈز بەرگەن ۋە بىرتۈركۈم پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلار ئۈچۈن ئائىلىلەرگە ئېغىر جەرىمانە قويۇلغان بولسا، ھامىلىدار ئاياللارغا قارىتا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلغان.

بىزنىڭ شۇ يىللاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدىمۇ، كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدا بىر مەھەللىدىنلا 4 ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىسىنىڭ چۈشۈرىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 9 ئايلىق بوۋاقنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغانىدى. شۇ چاغدا يەنە بىرقىسىم ئاھالىلەرگە 15-20 مىڭ يۈەندىن جەرىمانە قويۇلغانلىقىمۇ دەلىللەنگەنىدى.

كېرىيەلىك مۇھاجىرنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇرېشىت ئوبۇل كېرىيە تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان ۋە جەسەت ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يەرلىكىگە قويۇۋېتىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزا سايباغ كەنت ساقچىسى كەنتىدىن يېقىندا تۈرمىدە ئۆلگەنلەردىن كىملەر بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئابدۇرېشىت ئوبۇلنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ئابدۇرېشىت ئوبۇل ھەققىدىكى يۇقىرىقى بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بەزىدە بوشاش، بەزىدە ئۇشتۇمتۇت شىددەتلىنىش تەرىقىسىدە داۋام قىلغان. شىددەتنىڭ دەرىجىسى بەزىدە بېيجىڭنىڭ شۇئار-چاقىرىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بولسا، بەزىدە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خۇي-پەيلى ۋە ئاكتىپچانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردا پىلاندىن سىرت دەپ قارالغان نەچچە ئونمىڭلىغان ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن باشقا، يەنە نەچچە مىڭلىغان ھامىلە تۆلەنگەن جەرىمانە ۋە ياكى ئابدۇرېشىت ئوبۇلنىڭكىگە ئوخشاش تەدبىرلەر بىلەن ئامان قالغان. بۇ قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك، نۆۋەتتە تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما، ئۇلاردىن قانچىسىنىڭ قىيىن-قىستاقتىن ياكى شارائىت قىيىنچىلىقىدىن جان ئۈزگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.