Responsive Image

بېرلىندىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

بېرلىندىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتىئوڭدىن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ئامي گۇتمان، گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرى كىرىستىيان لېندلېر، كىرىستىيان لېندلېرنىڭ ياردەمچىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2023-يىلى 29-ئىيۇن، بېرلىن

ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

29-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى بىر ئوچۇق مەيداندا ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ مۇراسىمغا گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى سىياسەتچىلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بېرلىندىكى ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان.

ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئامېرىكانىڭ دۆلەت گېمىنى بىلەن باشلانغان. ئاندىن ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى ئېيمى گۇتمان خانىم ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ، بۇندىن 247 يىل ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قۇربان بەرگەن كىشىلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەن ۋە ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، غەرب قىممەت قارىشىنى ئورتاق ياراتقان، قوغدىغان دۆلەتلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.

بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇندىن 247 يىل ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا كۈرەش قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا «ۋەتەن خائىنى» ئاتىلىپ ئەيىبلەنگەن بەزى كىشىلەرنىڭ بۈگۈن ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئاتىسى ۋە ئامېرىكانىڭ قەھرىمانلىرى سۈپىتىدە مەدھىيەلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۈگۈن خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان، ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كېلەچەكتە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستانغا قادالغاندا، مىللىي قەھرىمان بولۇپ ئالقىشلىنىدىكەن.

سولدىن ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ئامي گۇتمان، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامي گۇتماننىڭ يولدىشى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2023-يىلى 29-ئىيۇن،بېرلىن.

سولدىن ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ئامي گۇتمان، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامي گۇتماننىڭ يولدىشى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2023-يىلى 29-ئىيۇن،بېرلىن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم بۇ خۇسۇستا ئىپادە بىلدۈرگەندە، ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 247-يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىمنىڭ ئۆزلىرىنى كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرى، دىپلوماتلار، ئاكادېمىكلار، مۇخبىرلار ۋە سودا ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ تەسىرلەنگەن بەزى زاتلار، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرى كىرىستىيان لېندلېرمۇ بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە ئاخىرىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن. كىرىستىيان لېندلېر ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ: «بۇ رەسىمنى خىتايغا ئەۋەتىپ بېرىڭلار» دېگەن. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق گېرمانىيە دۆلەت ئەربابلىرىغا ۋە سودا ساھەسىدىكى زاتلارغا «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا» دېگەن سىگنالنى بەرگەنلىكى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ھادىسە بولغان.

مەزكۇر مۇراسىمغا د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ مۇراسىمدا گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بەزى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېسداشلىقىنىڭ ئۆزلىرىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

بېرلىنغا جەم بولغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى بۈگۈندىن ئېتىبارەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈش ۋە گېرمانىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن.