Responsive Image

چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دىققەت قوزغىدى

چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دىققەت قوزغىدى(سولدىن) چېخىيە پارلامېنت ئەزاسى ھاياتو ئوكامۇرا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، چېخىيە پارلامېنت ئەزاسى ئېۋا دېكروئا ۋە د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ۋە باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن. 2023-يىلى 20-ئىيۇن، چېخىيە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چېخىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە، پايتەخت پراگادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزگەن.

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەڭ دائىرىدە تونۇتۇش پروگراممىسىنىڭ روھىغا بىنائەن، 19-ئىيۇن چېخىيە پايتەختى پراگادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» باشلانغان ئىدى. 20-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پراگاغا يېتىپ كېلىپ، 2021-يىلى 3-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان چېخىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

پراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىككى كۈندىن بۇيان چېخىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چېخىيە ئاۋام پالاتاسىدىمۇ قوبۇل قىلدۇرۇش ھەمدە چېخىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش توغرىسىدا مۇھىم مۇزاكىرىلەردە بولغان. ئۇلار يەنە چېخىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

پايتەخت پراگادا 19-ئىيۇن باشلىنىپ 21-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرگەزمىسى» پائالىيىتىمۇ نەتىجىلىك ئۆتكەن. كۆرگەزمىگە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئارخىپلىرى ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلغان ئىدى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 3 كۈندىن بۇيان كۆپلىگەن پراگالىقلار ۋە ساياھەت ئۈچۈن كەلگەن چەت ئەللىكلەر بۇ كۆرگەزمىلەرنى كۆرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 21-ئەسىردە مىللەت سۈپىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىقلىرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇتتەھەملىكى، زوراۋانلىقلىرىغا بولغان نارازىلىقلىرىنىمۇ بىلدۈرۈشكەن.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ۋە باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن پراگادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، 3 كۈن داۋاملاشقان چېخىيەدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ۋەكىللىرى چېخىيەدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چېخىيە خەلقىگە بىلدۈرۈپلا قالماي، چېخىيە پارلامېنتىدىمۇ مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دىققەت تارتىدىغان بىر تېما ھالىغا كەلتۈرگەن. ئۇلار يەنە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە چېخىيە پارلامېنتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ پروگراممىلىرىنى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئورتاق مۇزاكىرە قىلغان. زۇمرەتئاينىڭ ئەسكەرتىشىچە، 20-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ چېخىيەدىكى ئەلچىخانىسى دىپلوماتلار ئۈچۈن بىر مۇراسىم ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە د ئۇ ق ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسەتلىرى تۇغۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا چېخىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يەنە بىرقېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.