Responsive Image

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەش قارار قىلىنغان

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەش قارار قىلىنغان6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن خاتىرىلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا. 2016-يىلى 25-ئاپرېل

د ئۇ ق نىڭ 11-يانۋاردىكى باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۇ يىل 5-ئايدا د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى قارار قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زامانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى ئورگانلىرى ھېسابلانغان ‹شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى› بىلەن ‹دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى›نىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە 2004-يىلى ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان ئىدى. 20 يىللىق بىر تارىخىي مۇساپىنى باشتىن كۆچۈرگەن د ئۇ ق نىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى سۈپىتىدە ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىگە ھەمدە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە غەرب ئەللىرى باشلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، ئەلۋەتتە بىھېساب بەدەللەرنىڭ مەھسۇلىدۇر.»

باياناتتا يەنە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «تەشكىلاتىمىز بۇ 20 يىلدا تالاي قېتىملىق ئېغىر داۋالغۇش ھەم سىياسىي كىرىزىسلارغا، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا، خىتاي ۋە باشقا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ توختاۋسىز ھۇجۇملىرى دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قەتئىي تىز پۈكمەس ئىرادە بىلەن بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، بۈگۈن ئۇ خەلقئارادا تونۇلغان نوپۇزلۇق بىر تەشكىلات ھالىغا كەلدى ھەمدە بۈگۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق تارىخىي مۇساپىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش ۋە كېلەچەكنىڭ يول خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن خاتىرىلەر، ئەركىن ئالىپتېكىن سۆزلەۋاتىدۇ. 2016-يىلى 25-ئاپرېل

6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن خاتىرىلەر، ئەركىن ئالىپتېكىن سۆزلەۋاتىدۇ. 2016-يىلى 25-ئاپرېل

د ئۇ ق نىڭ تۇنجى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدا قوبۇل قىلىنغان 5 ماددىلىق بىر كېلىشىمنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ئۆزىنىڭ د ئۇ ق قارىتا ئۈمىدى ۋە تەۋسىيەلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر باياناتتا د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەشتىكى سەۋەب ھەققىدە مۇنداق ئىبارىلەرنى تىلغا ئالغان: «بىز د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى شۇ ۋەجىدىن مۇھىم بىلدۇقكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى تەرەققىي قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. مىللىتىمىز يوقىلىش گىردابىغا يۈزلەندى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى سەلبىي ئۆزگىرىشلەر دەۋايىمىزغا ئېغىر خىرىس ۋە بېسىم پەيدا قىلدى. بۇنداق بىر زاماندا، خىتاي زۇلۇمىغا تېزرەك خاتىمە بېرىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن-ئازاتلىقى ئۈچۈن يېڭى بىر يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش ھەمدە تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېنېرگىيەسىنى يارىتىش، نۆۋەتتىكى كۈرىشىمىزنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئايلاندى.»

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى، بۈگۈن خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلانغان د ئۇ ق نىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن بەزى ئۇتۇقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور ھەسسىلەر قاتقان بەزى ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىمىز بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. يەنە بەزىلىرى ئىككىنچى سەپكە چېكىندى. مىللىي دەۋايىمىزغا ھەسسىلەر قېتىپ كەلگەن بۇ تەۋەررۈك ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈرلىرىمىزنى بىلدۈرۈش، پىداكار سەپداشلىرىمىز بىلەن كېلەچەك ھەققىدە پىكىرلىشىش، جاسارەتلىك ئىزباسار ئەۋلادلىرىمىزغا مىللىي ئىرادىمىز ھەققىدە يەنە بىر قېتىم دەرس بېرىش، شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق مۇساپىسىگە بىرگە قاراپ چىقىپ تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش مەقسىتىدە، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇشىدىن ھازىرغىچە خىزمەت قىلغان بارلىق رەھبەرلەر، ۋەكىللەر، قوللىغۇچىلار ۋە چەت ئەللىك دوستلىرىمىزنىڭ ئىشتىراكىدا 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 3-5-كۈنلىرى ميۇنخېندا د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.»