Responsive Image

د ئۇ ق رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي زىيانكەشلىك ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

د ئۇ ق رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي زىيانكەشلىك ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزانلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە رامىزانلىق ھېچقانداق پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولالماسلىقى ھەمدە قاتمۇ-قات دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى د ئۇ ق 7-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي لىباسلارنىڭ مەنئى قىلىنىشى، دىنىي بۇيۇملارنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ جىنايەتكە سۇندۇرۇلۇشى، دىنىي ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ساناپ ئۆتۈلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي مۇئەسسەسىلەرنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن زور تەھدىت، دەپ قاراپ كەلگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىنى «ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشتەك زور پىلاننىڭ بىر قىسمى، خالاس» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھازىر لاگېرلارغا قاماشتا دىنىي ئېتىقادنى ئۆلچەم قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۇنى پۈتۈنلەي «سۈپۈرۈپ تاشلاش» قا ئاتلانغانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ بۇ يىلقى رامىزان مەزگىلىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتىكى بارلىق ھەقلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتىدۇ» دەيدۇ.