Responsive Image

د ئۇ ق ۋەكىللىرى لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش پائالىيىتى باشلىغان

د ئۇ ق ۋەكىللىرى لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش پائالىيىتى باشلىغاند ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىرازىلىيەدە. 2023-يىلى 25-ماي.

لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدىن بىرازىلىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان د ئۇ ق نىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 25-مايدىن ئېتىبارەن لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە 2 ھەپتە داۋام قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكاسىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بۇ دۆلەتلەردە ئاڭلىتىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە خەلق-ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تارتىش ئىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە باياناتچى زۇمرەتاي ئەركىن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى25-ماي كۈنى بىرازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، بىرازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئادۋوكاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرى ۋە بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتلارنى سۇنغان. ئۇلار ھەم نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قانداق قىلىپ بىرازىلىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كىرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى لاتىن ئامېرىكاسى ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىمۇ ئېتىراپ قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئېچىش، د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم پائالىيەت پروگراممىلىرىنىڭ بىرىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان زىيارەتلىرى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ 2 ھەپتىلىك زىيارەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا ئېتىراپ قىلغان. مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغان ۋە خەلق تەرىپىدىن بولسۇن، خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بولسۇن بىلىنگەن، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. ئەمما لاتىن ئامېرىكاسى، ئافرىقا ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە بۇ مەسىلە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈش بولمايۋاتقان. شۇڭا بىز 2021-يىلى چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا ئېلىنغان قارارغا بىنائەن لاتىن ئامېرىكاسىىدىكى دۆلەتلەرگە بۇ زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق».

ئۆمەر قانات ئەپەندى بىرازىليەنىڭ پايتەختىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ دۆلەتلەردە ياخشى ئاڭلاتسا بۇ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى زۇمرەتاي خانىم بىرازىلىيەنىڭ دىكتاتورلۇق تۈزۈمدىن 1985-يىلى قۇتۇلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى, شۇڭا بۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2022-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگلىيە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك (Michael Polak), ئارگېنتېنالىق ئادۋوكاتلاردىن گەبرىئېل كاۋاللو (Gabriel Cavallo)، خۇئان نېتو جۇئان نىئەتو xu’an) néto Juan Nieto) قاتارلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن، لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدىن ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانىدى.