Responsive Image

د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 24– سىنتەبىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئېلىپ بارغان ئىككى ھەپتىلىك پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلىدى.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي پروگرامما مۇدىرى پىتېر ئېرۋىن ۋە قۇرۇلتاي خىزمەتچىسى رايىن ئەپەندىلەر 22-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 36-نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 11-سېنتەبىردىن باشلاپ ئىككى ھەپتىلىك پائالىيەتلەردە بولغان ئىدى.

بۈگۈن مەركىزى ميۇنخېندىكى د ئۇ ق باش شتابىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇرۇلتاي خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ھەپتە جەريانىدا ب د ت دا ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلىدى. ئۇلار بىردەك ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا بۇ يىل ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ مەزمۇنلۇق ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ب د ت دا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلار بويىچە يىغىنچاقلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ۋەكىللىرىنى قېيىن ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ ئىككى ھەپتىلىك پائالىيەتلىرى جەريانىدا ب د ت نىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن، دۇنيا جامائىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ۋە خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاچقان.

د ئۇ ق خادىمى رايىن ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىنلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي-ئېتىقادى ۋە باشقا ياشاش ھەقلىرىگە قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە دۇنيا جامائىتىگە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ياخشى تونۇتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەھۋاللىرىنى ب د ت يىغىنلىرىدا مۇمكىن قەدەر كۆپ ۋە ئەتراپلىق تونۇتۇشقا تىرىشتۇق. كۆپىنچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى بىلىدىكەن. ئەمما ئەرەب ئەللىرى ۋە بىر قىسىم ئافرىقا ئەللىرى ئىچىدە ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى بىلمەيدىغانلىرىمۇ بار ئىكەن. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مەسىلەن ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئۆز دىنىنى ئۆگىنىش، مۇسۇلمانچە كىيىنىش ھەتتا ساقال-بۇرۇت قويۇش ئادەتلىرىنىڭمۇ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن قاراپلا قېلىشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيلا قالماستىن، بەلكى خىتايلارنىمۇ ھېچ چۈشەنمەيدىكەن. خىتاينى تەرەققىي قىلغان، مەدەنىي، دېموكراتىك بىر دۆلەت سىياقىدا قىياس قىلىشىدىكەن. يىغىندىن كېيىن بۇ خىلدىكى ۋەكىللەرگە د ئۇ ق تەرىپىدىن ھازىرلاپ كەلگەن دوكلاتلارنى تارقىتىپ بەردۇق ۋە ئىچكىرىلەپ سورىغانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، خىتاينى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئاڭلاتتۇق. مەنچە، بۇنىڭ تەسىرى كېلەچەكتە كۆرۈلىدۇ.»

د ئۇ ق پروگرامما مۇدىرى پىتېر ئېرۋىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ب د ت دا يېڭى مەسىلە ئەمەس. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى ۋە ب د ت ئالىي كومىسسارلىقىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خېلىلا ياخشى بىلىدۇ. ھالبۇكى، ب د ت دا ۋەكىلى بولغان بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر يەنىلا بىلمەيدۇ. ب د ت كۆپ دۆلەت ۋە مىللەتلەر خىزمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال بىر مۇنبەر. ھازىر ب د ت دائىمىي كومىتېتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، خىتايدىن ئىبارەت بەشلا دۆلەت بار. ئۇلارنىڭ ب د ت قوبۇل قىلغان قارارلارنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار. خىتاينىڭ بۇ يەردىكى تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. بىراق، كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭ ئادالەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى، ئادىل قارار قوبۇل قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت نى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ب د ت دائىمىي كومىتېتىغا يەنە ياپونىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيەنىڭمۇ كىرىشى لازىملىقىنى تەكىتلەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ نىشان ئۈچتىن ئىككى ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلسا، ب د ت نىڭ خىزمەت فۇنكسىيىسى ئۆزگىرىدۇ. مۇبادا، كېلەچەكتە بۇ دۆلەتلەر راستىنىلا دائىمىي كومىتېتقا ئەزالىققا قوشۇلسا ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق مۇھىم قارارلار ئېلىشقا توغرا كەلسە، خىتاينىڭ دائىمىي كومىتېتتىكى توسالغۇسى ئاقمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا داۋاملىق ئاڭلىتىلىشىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ نۆۋەت ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا، د ئۇ ق نىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە ئاڭلاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ب د ت نىڭ مۇساپىر مەسىلىسىگە ئالاقىدار خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇمكى، ب د ت 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنى 27-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ نيۇ-يوركتىكى يىغىنىمۇ داۋام قىلماقتىكەن. بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىللىرى قاتناشماقتىكەن.