Responsive Image

دۇنيا ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر رايوندىكى دەپسەندىچىلىككە چېېتىشلىق بولۇپ چىقتى

دۇنيا ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر رايوندىكى دەپسەندىچىلىككە چېېتىشلىق بولۇپ چىقتىئەنگلىيەدىكى شەففېلد خاللام (Sheffield Hallam) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفىي (Laura T. Murphy) خانىم «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2021-يىلى 5-ئىيۇن، لوندون، ئەنگلىيە.

ئەنگىلىيەدىكى ھاللام شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت يەنە بىر ھۆججەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خەلقئارالىق غۇلغۇلا قوزغىدى. مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەنچىلىككە چوڭقۇر چېتىلغان بولۇپ، ئامېرىكا قانۇن چىقىرىپ بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئاپتومبىل سانائىتى يەنىلا بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان خام ماتېرىيال، زاپچاس ۋە باشقا ئاپتوموبىل سايمانلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تايانماقتا ئىكەن.

ھېلېنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزىدىكى پروفېسسور لاۋرا مۇرفىينىڭ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەييارلىغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشى بولغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ مېتال، باتارىيە، توك سىمى، ئاپتوموبىل چاقى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان خەلقئارا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەپسىلىي دېتاللار بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.

دوكلاتتا بۇ خىتاي شىركەتلىرى دۇنيا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ۋولكىسۋاگېن، خوندا، فورت، ھەممەباپ ماتور، مېرسىدېس گۇرۇھى، تويوتا، تېسلا ئاپتوموبىللىرىنىڭ خام ماتېرىيالى ياكى زاپچاسلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پۈتكۈل ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىگە چېتىشلىق مەسىلە بولۇپ، «ئۇلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىگە چېتىشلىق بولمىغان ھېچقانداق بىر پارچىسى يوق» ئىكەن. تەتقىقات گۇرۇپىسىنىڭ يىتەكچىسى، ھاللام شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفېي 8-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ياساشقا كېرەكلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەڭ مەينەت ئىشلارغا سېلىنىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دېدى: «شۇ ئاندا ئۇيغۇر رايونىدىكى چوڭ كۆلەملىك كان ئېچىش مەشغۇلاتلىرى، خام ماتېرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتلىرىنىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ياساشقا كېتىدىغان پولات، ئاليۇمىن، مىس قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەڭ مەينەت ئىشلارنى، شۇنداقلا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. دۇنيانىڭ خام ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش مەشغۇلاتىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كەلگەن بۇ شىركەتلەرنىڭ مەجۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئېنىق، ھەتتا بەزىلىرى تەربىيەلەش پروگراممىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ لايىھەلىگۈسىدۇر.»

ھېلېنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ دوكلاتى، ئامېرىكانىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغان، ئامېرىكا تاموژناسى ھازىرغىچە خىتاينىڭ 728 مىليون دوللارلىق مەھسۇلاتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىگە چېتىشلىق، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇيولنىڭ 8-دېكابىر رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، بۇ تەمىنلەش زەنجىرى «ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر ئالاقە تور» ئىكەن.

يالقۇن ئۇلۇيولنىڭ ئېيتىشىچە، تەتقىقات گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇر قاناللىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر نۇرغۇن دەلىللەرگە ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ ئارقىلىق «قايسى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلەلىگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ، شۇنداقلا خەلقئارالىق شىركەتلەردىن بولۇپ ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئالاقىسى بولغان 200 دەك شىركەتنىڭ ئىسمىنى تېپىپ چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنىڭ كۆپ خىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بار بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىكى كارخانىلىرى ئارقىلىقمۇ مېتال، ئېلېكترونلىق ئەسۋاپلار ياكى چاق قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. پروفېسسور لاۋرا مورفېي، بەزى كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ بۇ جايدا يېتىپ-قوپۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دېدى: «بىز نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كان ئېچىشتا ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە خام ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە سېلىنغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ جەرياندا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىغان قىزىقارلىق بىر ئىش شۇكى، بىر شىنجاڭ شىركىتى مەكتەپ قۇرغان. ئۇيغۇرلار بۇ جايدا ئىشلەش ئۈچۈن تەربىيەلىنىپلا قالماي، بەلكى بۇ جايدا مەجبۇرىي يېتىپ-قوپۇپ ئىشلىگەن. ھەتتە تەربىيەلەش مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارمۇ مەجبۇرىي يېتىپ-قوپۇپ ئىشلىگەن. يەنە شۇنداقمۇ ۋەقەلەر بار، ئۇلار ئاغرىپ قالسىمۇ، ھەتتا ئائىلىسىدە بىرەر چوڭ ئىش يۈز بەرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. شۇنى نەرسە ئېنىق بولدىكى، بۇ شىركەت ‹كەسپىي تەربىيەلەش› پروگراممىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا قاتناشقان. بۇ ئورۇننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار بولۇپلا قالماي، ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇيغۇر بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا مەجبۇرىي قاتناشقان.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر رايوندا ئاپتوموبىل سانائىتى ئۈچۈن كان ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ياكى ۋە ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 100 گە يېقىن خىتاي شىركىتىنىڭ ئىسمىنى تېپىپ چىققان. ئۇلاردىن ئاز دىگەندە 38 شىركەت ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى، شىركەتنىڭ دوكلاتلىرىدا ياكى باشقا قاناللار ئارقىلىق دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ھېلېنا كېننىدى مەركىزىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا بۇ دوكلات ئامېرىكا بىرلەشمە ئاپتوموبىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. بۇ تەشكىلات 7-دېكابىر كۈنى رادىيومىز مۇخبىرىغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىدە دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كەڭ كۆلەملىك خەۋپىگە دائىر بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەھشىيلىكىگە ئائىت بۇرۇن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسەن ‹بىرلەشمە ئاپتوموبىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى› ئاپتوموبىل سانائ‍ىتىنىڭ پۈتكۈل تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە، ئامېرىكادىكى ياخشى مائاشلىق خىزمەتلەرگە مەبلەغ سېلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە ئۈندەيدۇ» دېيىلگەن.